مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-11-30 11:19:32شىنجاڭ گېزىتى

     تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:

     1. ئىختىيارىي رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن مەجبۇرىي رويخەتكە ئالدۇرۇش پىرىنسىپى. دۆلىتىمىزدە كۆپ قىسىم تاۋار ماركىلىرى ئىختىيارىي رويخەتكە ئالدۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىدا تاماكا قاتارلىق تاۋارلار رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشى كېرەك، بۇنداق تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ تاۋارنى بازارغا سالسا بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

     2. روشەن بولۇش پىرىنسىپى. رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى پەرقلەندۈرۈشكە قولاي بولۇشى ھەم باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقى (تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنت ھوقۇقى، ئىسىم فامىلە ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى) بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن چوقۇم روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك.

     3. تاۋار ماركىسى قانۇنلۇق بولۇش پىرىنسىپى. رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىدا قانۇندا چەكلەنگەن بەلگىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ۋاكالەتچى ياكى ۋەكىل ئۆز نامى بىلەن ۋاكالەتچىلىك قىلىنغۇچىنىڭ ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچىغا تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغاندا، ۋاكالەتچىلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچى باشقىچە پىكىردە بولسا، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەم ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. تاۋار ماركىسىدا جۇغراپىيەلىك بەلگە بولۇپ، بۇ تاۋار ماركىسى شۇ بەلگىدە كۆرسىتىلگەن رايونغا تەۋە بولماي، ئاممىنى قايمۇقتۇرسا، بۇنداق تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەم ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

     4. ئالدىن ئىلتىماس قىلغانلار ئىگە بولۇش پىرىنسىپى. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، كىم ئاۋۋال ئىلتىماس قىلغان بولسا، شۇنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلىنىدۇ. ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوخشاش بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارلارغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى تەستىقلىنىدۇ. بىر كۈندە ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ھەم ئاۋۋال ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى تەستىقلىنىدۇ.

     5. تالىشىپ رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشنى چەكلەش پىرىنسىپى. باشقىلار ئىشلەتكەن ھەم جەمئىيەتتە مەلۇم تەسىرگە ئىگە تاۋار ماركىلىرىنى ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن رويخەتكە ئالدۇرسا ھەم ئىشلەتسە بولمايدۇ.

     دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىدا تۆۋەندىكى كىشىلەر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ:

     1. يەككە سودا – سانائەتچىلەر ئۆزلىرى تىزىملاتقان ‹‹يەككە سودا – سانائەتچىلەر تىجارەت كىنىشكىسى››دىكى مەسئۇل كىشىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شەخسىي نامدا ماركا ئىلتىماس قىلغاندا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

     (1) مەسئۇل كىشىنىڭ كىملىكى

     (2) تىجارەت كىنىشكىسى

     2. شەخسلەر ‹‹تىجارەت كىنىشكىسى››نى شېرىكلىشىپ تىزىملاتقان دۇكان ياكى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگانلار تىزىملاتقان شېرىك دۇكان نامىنى ئىلتىماس قىلغۇچى سۈپىتىدە تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شېرىكلەشكۈچىلەر نامىدا ئورتاق تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش كېرەك:

     (1) شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ كىملىكى

     (2) تىجارەت كىنىشكىسى

     (3) شېرىكلەشكۈچىلەر كېلىشىمنامىسى

     3. يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر ھۆددە توختامى، كېلىشىم تۈزگۈچى نامىدا تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش كېرەك:

     (1) ھۆددە توختامى، كېلىشىمگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ كىملىكى

     (2) كېلىشىمنامە

     4. باشقا قانۇنىي تەرتىپ بويىچە تەستىقلانغان تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەرمۇ ئۆزلىرى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى تارقاتقان تىزىملاش ھۆججىتى نامىدا تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش كېرەك:

     (1) تىجارەتچىلەرنىڭ كىملىكى

     (2) ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تارقاتقان تىزىملاش ھۆججىتى

     5. شەخسلەر تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى چوقۇم تىجارەت كىنىشكىسى ياكى مۇناسىۋەتلىك تىزىملاش ھۆججىتىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان تىجارەت دائىرىسى بىلەنلا ياكى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ.

     6. ‹‹تاۋار ماركىسى قانۇنى››نىڭ 4 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى تەستىقلىمايدۇ ھەم ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

     ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا يالغان ماتېرىيال تەمىنلەپ تاۋار ماركىسىغا ئېرىشكەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ.

    مۇساجان مۇھەممەت

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.