مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇنلار

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

    ئامانگۈل2016-11-09 11:16:05شىنجاڭ گېزىتى

    (2007 – يىل 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قانۇنى> قاتارلىق ئالتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش

    3 – باب باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش

    4 – باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىش ۋە باشقۇرۇش

    5 – باب كەسپىي مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيە

    6 – باب ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش

    7 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

    8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ماسلاشتۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كۆپ يوللار بىلەن كېڭەيتىدۇ.

    3 – ماددا ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

    ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مىللىتى، ئىرقى، جىنسى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىلمەيدۇ.

    4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان ۋە يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزىدۇ.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادنى راۋراجلاندۇرۇش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

    6 – ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئورتاق ياخشى ئىشلەيدۇ.

    7 – ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ توغرا كەسىپ تاللاش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئەمگەكچىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئۆزى ئىش تېپىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئۆزى ئىش تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

    8 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا ئادەم ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    9 – ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

    10 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

    2 – باب سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش

    11 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇھىم مەسئۇلىيىتى قىلىپ، كەسىپ سىياسىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

    12 – ماددا دۆلەت ھەر خىل كارخانىلارنىڭ قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دائىرىدە يېڭى كەسىپنى يولغا قويۇش ياكى تىجارەتنى كېڭەيتىش يولى بىلەن ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

    دۆلەت ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنى يۆلەش ئارقىلىق، كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

    دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە قوللايدۇ، يېتەكلەيدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدۇ.

    13 – ماددا دۆلەت ئىچكى – تاشقى سودا ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتىدۇ.

    14 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھۆكۈمەت مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بېكىتىشتە، مەبلەغ سېلىش ۋە چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

    15 – ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت نىشانىغا ئاساسەن، مالىيە خامچوتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلىتىدىغان مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

    ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ئىش تونۇشتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى، كەسپىي ماھارەت باھالاش، مۇئەييەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلاردا ياردەم پۇل بېرىش، ئاز سوممىلىق قەرز كېپىللىك فوندى ۋە پايدىسى ئاز تۈردىكى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ياردەم ئۆسۈمى، شۇنىڭدەك جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە يۆلەك بولۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.

    16 – ماددا دۆلەت ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    17 – ماددا دۆلەت كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئىشسىزلار ۋە مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يۆلەك بولىدۇ، تۆۋەندىكى كارخانا ۋە كىشىلەرگە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ:

    (1) دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە توشقان ئىشسىزلارنى قوبۇل قىلىپ، بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتكەن كارخانىلار؛

    (2) ئىشسىزلار قۇرغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار؛

    (3) مېيىپلەرنى بەلگىلەنگەن نىسبەتتە ئورۇنلاشتۇرغان ياكى مېيىپلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن كارخانىلار؛

    (4) يەككە تىجارەت قىلىدىغان، دۆلەت بېكىتكەن شەرتكە توشىدىغان ئىشسىزلار؛

    (5) يەككە تىجارەت قىلىدىغان مېيىپلەر؛

    (6) گوۋۇيۈەن باجدا ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن باشقا كارخانىلار ۋە كىشىلەر.

    18 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 17 – ماددىسىنىڭ (4) ، (5) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن كىشىلەرگە ئالاقىدار تارماقلار تىجارەت سورۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشى، مەمۇرىي – كەسپىي ھەقنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

    19 – ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كۆپەيتىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بولغان كىرېدىت ياردىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە مەلۇم مۇددەتتە ئاز سوممىلىق كىرېدىت ياردىمى بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

    20 – ماددا دۆلەت شەھەر، يېزىلاردا بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان تۈزۈمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كىچىك شەھەر – بازار قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. كىچىك شەھەر – بازار يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شۇ رايوندىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەرگە تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ؛ ئەمگەك كۈچى چىقارغان ۋە كىرگۈزگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ماسلىشىپ، يېزىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى ۋە شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

    21 – ماددا دۆلەت رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ، رايونلار ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تەكشى ئېشىشىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ.

    دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

    22 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر – بازارلاردىكى يېڭى كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    23 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش قاتارلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

    24 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشسىزلارنىڭ يەككە تىجارەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە ئىش باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.