مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    تور ئالدامچىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

    مەۋلۇدە2016-10-31 10:00:36شىنجاڭ گېزىتى

     تور ئالدامچىلىرىنىڭ كەسىپلىشىپ ئىش بېجىرگۈچىدىن دىرېكتورغىچە ئىش تەقسىماتىنىڭ ئىنچىكە ئايرىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. روزغارچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى تور ئالدامچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسۇللىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

     بىرىنچى، مەبلەغ سېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك QQ توپلىرىغا ئەزا بولماسلىق كېرەك

     مەبلەغ سالغۇچىلار پايدا قوغلىشىپ ۋە مەبلەغ سېلىش نىشانىنى بېكىتىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش، روزغارچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك QQ توپلىرىغا ئەزا بولىدۇ. بۇ توپلار ئالدامچىلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ توپقا كىرىشى بىلەن ئالدامچىلارنىڭ كۆزى تىكىلىدۇ. ئالدامچىلار مول كەسپىي بىلىمىگە تايىنىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئاستا – ئاستا قىلتاققا چۈشۈرىدۇ. شۇڭا بۇنداق QQ توپلىرىغا ئەزا بولماسلىق كېرەك.

     ئىككىنچى، دەسمايە ئاز كېتىدۇ، پايدىسى تېز كۆرۈلىدۇ، دېگەندەك قىزىقتۇرۇشلارغا ئالدانماسلىق كېرەك

     ئالدامچىلار يۇقىرى پايدىنى كۆز – كۆز قىلىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى قىزىقتۇرىدۇ. ‹‹دەسمايە ئاز بولۇش، پايدىسى تېز كۆرۈلۈش››نىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمۇ يۇقىرى پايدىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىن قېلىشمايدۇ، چۈنكى كۆپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن سېلىنىدىغان دەسمايىمۇ كۆپ بولىدۇ، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىنىڭ دەسمايىسى كۆپ بولمىغاچقا، دەسمايە ئاز كېتىدىغان تۈرلەرگە قىزىقىدۇ. ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالسا ئالدامچىلار ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئازراق پايدا يەتكۈزىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپرەك مەبلەغ سالغاندا زىيان تارتىشتەك ساختا ھالەت پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ، كۆپ مەبلەغ سالغانسېرى زىيان تارتىۋېرىدۇ. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار دۆلەت زايومى ۋە باشقا پايدىسى مۇقىم روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ سېتىۋېلىپ، خەۋپ – خەتەر ۋە پايدىنى تەڭپۇڭلاشتۇرسا بولىدۇ.

     ئۈچىنچى، ئىچكى خەۋەر ۋە پايدا جەدۋىلىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ

     ‹‹دەسمايە ئاز بولۇش، پايدىسى تېز كۆرۈلۈش››تىن باشقا يەنە ئاتالمىش ‹‹ئىچكى خەۋەر›› ۋە ‹‹پايدا جەدۋىلى›› ئوخشاشلا خېرىدارلارنى ئالدايدىغان قىلتاق.

     روزغارچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالدامچىلىق شايكىلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى چوڭ ئاپپاراتلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە ئۇلاردىن ئىچكى خەۋەرگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىدىكەن. پايدا جەدۋىلى، ھەر خىل سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنىڭ رەسىمىنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىدا ياساپ چىقىلغان بولۇپ، ئىشىنىشكە بولمايدىكەن.

     تۆتىنچى، ‹‹خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سودىسى سۇپىسى››دىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

     تور ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشتا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىش تور سۇپىلىرىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالدامچىلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىگە جەلپ قىلىدۇ ھەم تۈرلۈك چارىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسلىي سالاھىيىتىنى مەبلەغ سالغۇچىلاردىن يوشۇرىدۇ.

     ئالدامچىلار ھەمىشە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرىغا ئوخشىتىپ ئۆزىنىڭ سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ھەم ھەقىقىي مەبلەغ سېلىش سۇپىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشىتىپ ياسالغان سۇپىنىڭ تور ئادرېسىنى مەبلەغ سالغۇچىغا يوللاپ بېرىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ئادرېس بويىچە كىرىپ بۇ پۇل مۇئامىلە سۇپىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئازراق ئىشىنىشكە باشلايدۇ. بۇ تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئىنگلىز تىلىدا بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار يوچۇقنى بايقىيالمىغاندىن كېيىن بۇ تور بەتلەرگە پۈتۈنلەي ئىشىنىدۇ.

     ئەمەلىيەتتە، مەبلەغ سالغۇچىلار يۇقىرى پايدىنى قوغلاشماي پايدىسى مۇقىم، ئىزچىل داۋاملىشىدىغان تۈرلەرنى تاللاپ مەبلەغ سالسا سەۋىيەسى ھەر قانچە يۇقىرى ئالدامچىمۇ ئالدىيالمايدۇ.

    نىجات قۇربان(ت)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.