مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى تەكلىپ قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    مەۋلۇدە2016-10-27 12:51:07شىنجاڭ گېزىتى

     ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىلىنى ۋاكالىتەن ھەيدەپ بەرگۈچى تەكلىپ قىلىش تەدرىجىي ئومۇملاشتى، شۇنداقلا ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش جەريانىدىكى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قانۇن ماجىرالىرىمۇ كۆپىيىپ قالدى. ئۇنداقتا، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا ھەمدە شۇ سەۋەبتىن مال – مۈلۈك زىيىنى ۋە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش كۆرۈلسە، جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

     ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش شىركىتى ئەۋەتكەن شوپۇر ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش، مېھمانخانا ۋاكالىتەن ھەيدەپ بەرگۈچى بىلەن تەمىنلەش ۋە تونۇشلار، دوستلار ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش شىركىتى ئەۋەتكەن شوپۇرنىڭ ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىشى ئاساسلىق شەكىل ھېسابلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش بولسۇن، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تەتبىقلاش كېرەك.

     دۆلىتىمىزنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولماي قالغاندا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

     بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇغۇرتا تۆلىمى سىرتىدىكى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى شوپۇر ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش شىركىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولسا، بۇ ئەمگەك كۈچى ياللاپ ئىشلىتىش ھەرىكىتىگە تەۋە بولىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹جىسمانىي زىيان تۆلىمىگە ئائىت ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ياللانغۇچى خىزمەت جەريانىدا باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ياللىغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ياللانغۇچىلارنىڭ قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ياللىغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىرى ياللانغۇچىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

     دوستلار ياكى خىزمەتداشلار ياخشى نىيەتتە ھەقسىز ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھاۋالە مۇناسىۋىتى ياكى ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. ‹‹توختام قانۇنى››نىڭ 406 ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەقسىز ھاۋالە توختامىدا ھاۋالە قىلىنغۇچى قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن ھاۋالە قىلغۇچىغا زىيان يەتكۈزسە، ھاۋالە قىلغۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇلارغا ئاساسلانغاندا ھەقسىز ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا قاتناش ۋەقەسى چىقىپ، ھەقسىز ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى پەقەت سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بولسا، مۇناسىپ بولغان تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى چوقۇم قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ مەست ھالىتىدىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، چوقۇم قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     مىسال 1: ۋاڭ يۇڭ بۇ يىل 6 – ئايدا دوستلار يىغىلىشىغا بارغان ھەم بىر نەچچە رومكا ھاراق ئىچكەن. يىغىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ۋاڭ يۇڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى تاپقان. ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى شياۋ ۋۇ ئاپتوموبىلنى ھەيدەش جەريانىدا بىخەستەلىك قىلىپ ئالدىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى سوقۇۋەتكەن. ئۇ يۈك ئاپتوموبىلى ئازراق سۈرۈلۈپ كەتكەن، ئەمما ۋاڭ يۇڭنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ موتور قاپقىقى ۋە بۇفېرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. قاتناش ساقچىلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، شياۋ ۋۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتكەن. قاتناش ساقچىلىرىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن شياۋ ۋۇ ۋاڭ يۇڭنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ رېمونت ھەققىنى تۆلەشكە قوشۇلغان. كېيىن شياۋ ۋۇ رېمونت ھەققى يۇقىرى بولۇپ كېتىپتۇ دېگەننى باھانە قىلىپ، تۆلەشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ يۇڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، شياۋ ۋۇدىن ئاپتوموبىلنىڭ رېمونت ھەققى ئۈچۈن 25 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان.

     سوت جەريانىدا جاۋابكار شياۋ ۋۇ ئەگەر ئاپتوموبىلنى 4S دۇكىنىدىن باشقا رېمونتخانىدا ياساتقان بولسا بۇنچە كۆپ چىقىم كەتمەيدىغانلىقىنى، دەۋاگەر ۋاڭ يۇڭنىڭ ئاپتوموبىلنى سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرمىغانلىقىنى ئېيتمىغانلىقىنى، ئەگەر ئېيتقان بولسا، بۇ سودىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭدا دەۋاگەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

     سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: نورمال ئەھۋالدا، شوپۇر ئاپتوموبىلنىڭ سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان ياكى قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلمايدۇ، جاۋابكار شيا ۋۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغانلىق ئەھۋالىغا قاراپ ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان بولسا، بۇ سودىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ئىگىسىدىن سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى سورىشى كېرەك ئىدى؛ شياۋ ۋۇ ئاپتوموبىل رېمونت ھەققىنىڭ نامۇۋاپىق بولغانلىقىغا قارىتا ھېچقانداق دەلىل – ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە دەۋاگەرنىڭ ھادىسىگە قارىتا خاتالىقى يوق، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى ھاجەتسىز، جاۋابكار قاتناش ھادىسىسدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

     سوتچىلار مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ۋاكالىتەن ھەيدەپ بەرگۈچى تاپقاندا، ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم يوللار بىلەن تېپىپ، ۋاكالىتەن ھەيدەپ بېرىش شىركىتى بىلەن مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئورۇنسىز زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

     مىسال 2: 2015 – يىل 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن كېيىن لى جۈن خىزمەتداشلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ، يىغىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن لى جۈن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىدۇ، ھاراق ئىچمىگەن خۇاڭ دەن لى جۈننىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ تۆت خىزمەتدىشىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ. قايتىش يولىدا ئاپتوموبىلىنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلىكتىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. ئاپتوموبىل زىيىنى، باھالاش ھەققى شۇنداقلا ئاپتوموبىل سۆرەش ھەققى قاتارلىقلار ئۈچۈن جەمئىي 31 مىڭ يۈەن كېتىدۇ. لى جۈن بىلەن خۇاڭ دەن ئاپتوموبىل زىيىنى مەسىلىسىدە كېلىشەلمەي، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدۇ.

     سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن: خۇاڭ دەننىڭ لى جۈننىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىشى لى جۈننىڭ خىزمەتداشلارنى يىغىلىشقا ئۇيۇشتۇرغانلىقى، خۇاڭ دەننىڭ لى جۈننىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ خىزمەتداشلىرىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى رەت قىلمىغانلىقىدا بولۇپ، دەۋاگەر ۋە جاۋابكار ئوتتۇرىسىدا خالىس ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن. خۇاڭ دەن خالىس ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغان ھەم لى جۈننىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سۇبيېكتىپ جەھەتتە زور سەۋەنلىك بار، لى جۈننىڭ زىيىنىغا نىسبەتەن مۇناسىۋەتلىك تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ خۇاڭ دەننىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشى ھەقسىز بولغان ياخشى نىيەتلىك ھەرىكەت بولغاچقا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ، دەپ قاراپ خۇاڭ دەننى %50 تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇدى.

    ‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.