مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر سۇئالغا بىر جاۋاب

    ئۆي خېتىنى بالىنىڭ نامىدا ئەنگە ئالدۇرسا بولامدۇ؟

    ئامانگۈل2016-10-18 17:34:18شىنجاڭ گېزىتى

       بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆي سېتىۋالغاندا، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ نامىدا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆينى پەرزەنتكە قالدۇرغاننىڭ پايدىسى كۆپ بولۇپ، باج، ئائىلە ۋەيران بولۇش قاتارلىق خەتەرلەردىن ساقلىنىشتا، ناھايىتى ئاقىلانە ئىش دەپ قارايدۇ.

      شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ ئىشنىڭ يەنە سىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن خەتىرى بولۇشى مۇمكىن.

       نېمىشقا ئاتا-ئانىلار ئۆينى بالىنىڭ نامىدا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؟

       1) باجدىن قېچىش ئۈچۈن.

       2) ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇش خەتىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن.

       3) ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت بۇزۇلغاندا، پەرزەنتىنى قوغداش ئۈچۈن.

       4) بالىغا ئالدىن تويلۇق تەييارلاش ئۈچۈن.

       لېكىن بۇنداق بولغاندا تۆۋەندىكىدەك خەتەرگە يولۇقىشىڭىز مۇمكىن.

       1. ئۆي سېتىۋالغاندا بانكا قەرزى قىلالماسلىق.

       2. بالا ئۆزى مۇستەقىل ئۆي سېتىۋالماقچى بولغاندا ئالدىن تۆلەيدىغان قىسمى كۆپرەك بولىدۇ، 

       3. رەسمىيەت بېجىرىش ئاۋارىچىلىق بولغاچقا ئاتا-ئانا خالىغانچە ئۆينى بىر تەرەپ قىلماسلىقى كېرەك.

       4. ئاتا-ئانا ئاجراشماقچى بولغاندا ئاسان جىدەل كېلىپ چىقىدىكەن.

       5. ئاتا-ئانا ئۆينىڭ ھوقۇقىنى بالىدىن ئۆزىگە يۆتكىمەكچى بولغاندا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

       يۇقارقى ئەھۋاللاردىن باشقا، ئەگەر پەرزەنت توي قىلغاندىن كېيىن قازا قىلىپ كەتسە، ئۇنىڭ ھەمرايى، بالىسى ۋە ئاتا-ئانىسى ئۆينىڭ 1-ۋارىسى بولىدىكەن، بۇ ئەھۋالدا ۋارىسلارنىڭ تويدىن بۇرۇنقى نەرسىلەرگىمۇ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدىكەن.

       ئۆينىڭ ھوقۇقىنى پەرزەنتنىڭ نامىغا قالدۇرغاندا قانداق قىلغاندا خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ ؟

       بىرىنچىسى، چوقۇم گۇۋاھلىق بېرىش ئورنىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش كېرەك.

       ئىككىنچىسى، ئۆينىڭ تەقسىمات ئۈلۈشىنى ئۆزگەرتىش.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.