مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    توختامغا ئىمزا قويغاندا سوغۇققان بولۇش كېرەك

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-10-12 17:55:02شىنجاڭ گېزىتى

    ھەسەنجان ئوبۇلقاسىم

       ئەلى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى مەلۇم شىركەتكە ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، شىركەت قۇرۇلۇش پۇلىدىن 40 مىڭ يۈەننى بەرمىگەن. شۇڭا ئۇ جاۋابكار ئورۇندىن بۇ پۇلنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

       دەۋاگەرنىڭ يۇقىرىقى تەلىپىگە قارىتا، جاۋابكار ئورۇن سوتتا ئۆزىنىڭ دەۋاگەر ئەلى بىلەن قۇرۇلۇش پۇلىنى ھېسابلىشىپ بولغانلىقىنى، ھېسابلاشقاندىن كېيىن ئەلىگە 20 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ قەرز بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتقا دەۋاگەر ئىمزا قويغان ھېسابات خاتىرىسىنى تاپشۇرغان. ھېسابات خاتىرىسىدە ‹‹2015 – يىلى مەلۇم ئاينىڭ مەلۇم كۈنىگىچە جاۋابكار بىلەن دەۋاگەر ئوتتۇرىسىدا 20 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلى قەرز قالدى›› دەپ يېزىلغان.

       دەۋاگەر سوتتا ھېسابات خاتىرىسىگە ئۆزىنىڭ ئىمزا قويغانلىقىنى، ھېسابات قىلىشقان ۋاقتىنىڭمۇ دەل 20 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلى كۆپىيىپ بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بولغانلىقىنى، ھېسابات خاتىرىسىدىكى 20 مىڭ يۈەننىڭ كۆپەيگەن 20 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا كۆپەيگەن قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تالونلىرىنى تاپالمىغاچقا، كۆپەيگەن قۇرۇلۇش پۇلىنى ھېسابات قىلىشمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ھېسابات خاتىرىسىگە بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەۋاگەرمۇ سوتنى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى تەشەببۇسىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ياكى ئۈن – سىن ماتېرىيال ئىسپاتى قاتارلىق دەلىل – ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن.

       سوت مەھكىمىسى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى››نىڭ 64 – ماددىسىدا ‹‹تەرەپلەر ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، يەنى، تەرەپلەر ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا تەلىپىگە قارىتا ياكى قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىگە قارىتا بەرگەن رەددىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئاساسىغا قارىتا پاكىت كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. تەرەپلەر تەشەببۇسىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتى بار تەرەپ پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن؛ مەزكۇر دېلودا دەۋاگەرنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا جاۋابكار دەۋاگەر ئۆزى ئىمزا قويغان ھېسابات خاتىرىسىنى سوتقا تاپشۇرۇپ، دەۋاگەرنىڭ تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ رەددىيە بەردى، ئەمما دەۋاگەر جاۋابكارنىڭ رەددىيەسىگە قارشى پىكىردە بولغان بولسىمۇ، سوتنى ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان دەلىل – ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمىدى، دەپ قاراپ، تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يېتەكلەپ، تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ دېلونى ئاخىرلاشتۇردى.

       ئاخىرىدا سوتچى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: مەيلى ئەلئارا قەرز، پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى ياكى ئېلىم – سېتىم توختامى بولسۇن، ئېنىق بولمىغان ياكى چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا ھەرگىزمۇ يەڭگىللىك بىلەن ئىمزا قويماسلىق كېرەك. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالغا يولۇققاندا، چوقۇم ئەسكەرتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىش ياكى ئۆزى قوشۇپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئىمزا قويۇش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا دەۋالىشىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئىسپاتلىيالماسلىق سەۋەبىدىن پايدىسىز قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىمىز مۇمكىن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.