مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سەمىڭىزدە بولسۇن

    ساياھەتچىلەرنىڭ قانداق ھوقۇقى بار؟

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-10-12 17:37:06شىنجاڭ گېزىتى

       ساياھەت مەھسۇلاتىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى

       [دېلو مىسالى] جاڭ خانىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ساياھەتكە بېرىشنى پىلانلاپ، مەلۇم ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ‹‹ساياھەت جەريانىدا سۇغۇرتا سوۋغا قىلىنىدۇ›› دېگەن تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ ساياھەتكە تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەت توختامى تۈزگەندە، ساياھەت كوپىراتىپى سۇغۇرتا توختامىنى چىقارمايدۇ. جاڭ خانىمنىڭ قايتا – قايتا سورىشى نەتىجىسىدە، ساياھەت كوپىراتىپى قاتناشتۇرغىنىنىڭ ساياھەت مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

       [چۈشەندۈرۈش] ‹‹ساياھەت قانۇنى››نىڭ 9 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ساياھەتچىلەر ئۆزى سېتىۋالغان ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق. مەسىلەن: ساياھەتچى ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپتىن ياتاق، تاماق، قاتناش ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمى، شۇنداقلا ساياھەت توختامىنىڭ مەزمۇنى، ساياھەت جەريانىدا ساياھەتچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قانۇن – قائىدىلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلەر، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى ئېيتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

       ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى

       [دېلو مىسالى] ۋۇ خانىم مەلۇم ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ جىنەندىن خەينەنگە بارىدىغان تۆت كۈنلۈك ئېتىبارلىق ساياھىتىگە قاتناشقان. ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتكە تىزىملاتقاندا: ۋۇ جى تېغى بىلەن ۋەن چۈەن دەرياسىنى ساياھەت قىلدۇرىمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن. لېكىن ساياھەت جەريانىدا بۇ يەرلەرنى ساياھەت قىلىش ‹‹يىراقتىن كۆرۈش›› ۋە ‹‹ئېگىزدىن قاراش›› بىلەن ئاياغلاشقان، ساياھەت رايونلىرىدىكى ساياھەتمۇ ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ۋۇ خانىم ساياھەت كوپىراتىپىدىن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.

       [چۈشەندۈرۈش] ‹‹ساياھەت قانۇنى››نىڭ 9 – ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ساياھەتچىلەر ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىشىنى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 69 – ماددىسىدا: ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەجبۇرىيىتىنى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، مۇساپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

       ئەرز قىلىپ تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى

       [دېلو مىسالى] لى x ساياھەت ئۆمىكى بىلەن سۇجۇغا ئوينىغىلى بارغاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرايدۇ. لى x تۆلەم تەلەپ قىلغاندا ساياھەت ئۆمىكى، قوبۇل قىلغان ساياھەت كوپىراتىپى ۋە يولۇچى توشۇش شىركىتى قاتارلىق ئۈچ تەرەپ مەسئۇلىيەتنى بىر – بىرىگە دۆڭگەيدۇ. نەتىجىدە لى x ئىككى ساياھەت كوپىراتىپى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنىدۇ.

       [چۈشەندۈرۈش] ‹‹ساياھەت قانۇنى››نىڭ 92 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەندە، تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ: (1) ئىككى تەرەپ كېڭىشىش؛ (2) ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە، ساياھەتكە دائىر ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى ئاپپاراتقا ياكى ئالاقىدار مۇرەسسە تەشكىلاتىغا مۇرەسسە قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛ (3) ساياھەت تىجارەتچىلىرى بىلەن تۈزگەن كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛ (4) خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش.

       سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش ھوقۇقى

       [دېلو مىسالى] جاڭ ئەپەندى ‹‹1000 يۈەنگە دالى، لىجياڭغا ئالتە كۈنلۈك ساياھەتكە تەشكىللەيدىغانلىقى، ئۈچ مال سېتىۋېلىش نۇقتىسى بار››لىقى توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن ساياھەتكە تىزىملاتقان. ئايروپىلان يەرگە قونغاندىن كېيىن ساياھەت يېتەكچىسى مەنزىرە نۇقتىسىنى كۆرسەتمەي، مال سېتىۋالىدىغانغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئاتالمىش ‹‹ئالتە كۈنلۈك ساياھەت›› ‹‹ئالتە كۈنلۈك مال سېتىۋېلىش››قا ئايلانغان.

       [چۈشەندۈرۈش] ‹‹ساياھەت قانۇنى››نىڭ 35 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرنى ئەقىلگە سىغمايدىغان تۆۋەن باھالىق ساياھەتكە تەشكىللىسە، ساياھەتچىلەرنى ئالدىسا ھەم مال سېتىۋېلىشقا ياكى ھەقلىق ساياھەت تۈرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈستەك قاتارلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالسا بولمايدۇ...ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا، ساياھەتچى ساياھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ساياھەت كوپىراتىپىدىن مېلىنى قايتۇرۇشنى ھەمدە قايتۇرغان مال پۇلىنى بېرىپ تۇرۇشنى ياكى ھەقلىق ساياھەت خىراجىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    ‹‹جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

    دىلئارا نۇرئەخمەت (ت)      

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.