مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇنلار

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى›› قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-09-27 18:02:09تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

        26 – نومۇرلۇق

        ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

        جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

        2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

     

     

            (2015–يىل 4–ئاينىڭ 24–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

        12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنى تۆۋەندىكى قانۇنلاردىكى مەمۇرىي تەستىق، سودا – سانائەت تىزىمىغا ئالدۇرۇشتىن بۇرۇنقى تەستىققا ياكى باھا باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

        ..............................

        2. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

        (1) 9 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى: ‹‹تاماكا شىركەتلىرى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان ئورۇنلار كۆك تاماكا تېرىغۇچىلار بىلەن سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈشى كېرەك. كۆك تاماكا سېتىۋېلىش توختامىدا كۆك تاماكا تېرىلغۇ كۆلىمى، كۆك تاماكا سېتىۋېلىش باھاسىنى پۈتۈشۈش كېرەك››، دەپ ئۆزگەرتىلدى.

        3 – تارمىقى چىقىرىۋېتىلدى.

        (2) 10 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى ‹‹باھا›› دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.

        2 – تارمىقىدىكى ‹‹دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ باھا قويۇش››دېگەن سۆز ‹‹توختامدا پۈتۈشۈلگەن سېتىۋېلىش باھاسى››دەپ ئۆزگەرتىلدى.

        (3) 17 – ماددىسى چىقىرىۋېتىلدى.

        (4) 29 – ماددىسى چىقىرىۋېتىلدى.

        (5) 30 – ماددىسى 28 – ماددا قىلىنىپ، مۇنداق ئۆزگەرتىلدى: ‹‹مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆك تاماكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىۋالغانلارغا تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان كۆك تاماكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قويغان ئالدىنقى يىلدىكى كۆك تاماكىنى سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ 70 ى بويىچە سېتىۋالىدۇ، مىقدارى بەك كۆپ بولغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان كۆك تاماكىسىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ››.

        (6) 31 – ماددىسى 29 – ماددا قىلىنىپ، 1 – تارمىقى مۇنداق ئۆزگەرتىلدى: ‹‹تاماكا مونوپول تىجارىتى بۇيۇملىرىنى توشۇش ئىجازەتنامىسى يوق تۇرۇپ ياكى توشۇش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن نورمىدىن ئاشۇرۇپ توشۇتقان ۋە ياكى ئۆز ئالدىغا تاماكا مەھسۇلاتى توشۇغانلارغا تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ توشۇغان كۆك تاماكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قويغان ئالدىنقى يىلدىكى كۆك تاماكىنى سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ 70 ى بويىچە سېتىۋالسا، قانۇنغا خىلاپ توشۇغان كۆك تاماكىسىدىن باشقا تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى بازار توپ باھاسىنىڭ 70 ى بويىچە سېتىۋالسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ توشۇغان تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ››.

        (7) 34 – ماددىسى چىقىرىۋېتىلدى.

        .................................

        بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

        ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چارۋىچىلىق قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.