مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سەمىڭىزدە بولسۇن

    ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىشنىڭ پەرقى

    ئامانگۈل2016-08-03 12:19:54شىنجاڭ گېزىتى

        جىنايى ئىشلار ئەمەلىيىتىدە، جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى بىلەن تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشى دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىشنىڭ چەك – چېگراسىنى توغرا ئايرىش ئۆزىنى مەلۇم قىلىشتا ساقلانغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى توغرا بېكىتىشتۇر.

       ئۆزىنى مەلۇم قىلىش جىنايى پاكىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئەينەن تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى مەنىدىكى ئىقرار قىلىش جىنايەتچى تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن تاپشۇرۇشنى ھەمدە دۆلەتنىڭ سوتى ۋە ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىش جىنايەتچى جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىنكى پوزىتسىيە دائىرىسىگە كىرىدۇ، ئەمما ئىككىسى يەنە ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ:

       ئادەتتىكى مەنىدىكى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككىسىنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرىدىغان ھالقىلىق مەسىلە ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغانمۇ ياكى پاسسىپ تۇتۇپ كېلىنگەنمۇ؟ دېگەن مەسىلىدۇر. يەنى، بۇ ئىككىسىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش جىنايەتچى دېلونى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىقرار قىلىش جىنايەتچى تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

       ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىشقا نىسبەتەن ئىككىسىنى پەرقلەندۈرىدىغان ھالقىلىق مەسىلە ئىقرار قىلغان جىنايى قىلمىشى ئەدلىيە ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن باشقا جىنايى قىلمىشقا تەۋە بولسا، ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا تەۋە بولىدۇ. بولمىسا ئىقرار قىلىشقا تەۋە بولىدۇ.

       يۇقىرىقى پەرقلەر ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بىلەن ئىقرار قىلىشتىكى جىنايەتچىلەرنىڭ جىسمانىي خەۋپلىك دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش جىنايەتچىنىڭ جىسمانىي خەۋپلىكىنىڭ بىر قەدەر يېنىكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا جىنايى ئىشلار قانۇنىدا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلەنگەن. ئەكسىچە ئىقرار قىلغۇچىنىڭ جىسمانىي خەۋپسىزلىكى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان جىنايەتچىگە قارىغاندا نىسبەتەن ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىقرار قىلىش پەقەت كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا ئويلىشىدىغان ئەھۋالدۇر.

    بەختىيار تۇرسۇن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.