مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك نىزاملار

    مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى

    ئامانگۈل2016-03-24 10:35:03شىنجاڭ گېزىتى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

    570 – نومۇرلۇق

       ‹‹مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى›› 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 98 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    زۇڭلى ۋېن جياباۋ

    2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

       1 – ماددا بۇ نىزام مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى››غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

       2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشتە مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىش كېرەك.

       بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت تەيفېڭ بورىنى، قارا يامغۇر (قار)، سوغۇق ئېقىم، بوران (توزانلىق بوران)، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، چاقماق، مۆلدۈر، ئۈششۈك ۋە تۇمانلاردىن بولغان ئاپەتنى كۆرسىتىدۇ.

       ھۆلچىلىك ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، گېئو ئاپەت، دېڭىز – ئوكيان ئاپىتى، ئورمان – ئوتلاق ئوت ئاپىتى قاتارلىق مېتېئورولوگىيەلىك ئامىللاردىن بولغان تۇغۇندى ئاپەت ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

       3 – ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش، تارماقلار تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

       4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلاتچىلىق، رەھبەرلىك ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

       5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئىش تەقسىماتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

       يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئىش تەقسىماتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

       6 – ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايونغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىرلەشمە مۇداپىئە تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

       7 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ جەمئىيەتتە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

       مەكتەپلەر مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئالاقىدار دەرسلىكلەرگە ۋە دەرستىن سىرتقى تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مائارىپ، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مەكتەپلەر يولغا قويغان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

       8 – ماددا دۆلەت مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىلغار تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشنى قوللاپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

       9 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە قاتنىشىش، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى ۋە بىر – بىرىنى قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى بار.

       مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

       2 – باب ئالدىنى ئېلىش

       10 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيە تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە يۈز بەرگەن مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ تۈرى، قېتىم سانى، دەرىجىسى ۋە زىيىنى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ تۈرى بويىچە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپىنى باھالىشى ھەمدە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپىنى باھالاش نەتىجىسىگە قاراپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپ رايونىنى ئايرىشى كېرەك.

       11 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپىنى باھالاش نەتىجىسى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپ رايونلىرىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

       ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك.

       12 – ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىدا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش، يامراش قانۇنىيىتى ۋە ئەھۋالى، مۇداپىئەلىنىش پىرىنسىپى ۋە نىشانى، ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايون ۋە ئاسان يۈز بېرىدىغان ۋاقىت، مۇداپىئە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش شۇنىڭدەك مۇداپىئە تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

       13 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

       14 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى تۈزۈشتە، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت تەسىرىنى ئويلىشىشى كېرەك.

       15 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

       ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپكە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئالاقىدار تارماققا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

       16 – ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمى، جىددىي تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ۋە مەسئۇلىيەت، ئالدىنى ئېلىش ۋە سىگنال بېرىش مېخانىزمى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

       17 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى تەشكىللەپ، جىددىي قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

       18 – ماددا بوران (توزانلىق بوران)، قارا قۇيۇن كۆپ چىقىدىغان رايونلاردىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىھاتە ئورمان بىنا قىلىش، پاناگاھ قۇرۇشنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئىمارەت (قۇرۇلما)نى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

       تەيفېڭ بورىنى كۆپ چىقىدىغان رايونلاردىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار دېڭىز توسمىسى، توغان، پاناھلىنىش پورتى ياساش، ئىھاتە ئورمان بىنا قىلىش، لەڭگەرگاھ، جىددىي پاناھگاھ ياسىشى ھەمدە تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئادەملەرنى يۆتكەش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

       19 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار شۇ جاينىڭ يامغۇر ئەھۋالىغا قاراپ، سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە قەرەللىك تەشكىللىشى، دەريا يوللىرى ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورىنى ۋاقتىدا راۋانلاشتۇرۇشى، خەتەرلىك سۇ ئامبىرىنى مۇستەھكەملىشى، گىئو ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايون ۋە توغان قاتارلىق مۇھىم بۆلەكلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

       20 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار شۇ جاينىڭ قار، ئۈششۈك ئەھۋالىغا قاراپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى تەكشۈرۈپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، قار (مۇز)نى تازىلاش، لىنىيەلەرنى ئاسراش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

       ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر شۇ جاينىڭ قار ئەھۋالىغا قاراپ، خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى پۇختىلاش، ئوزۇق – تۈلۈكنى زاپاس تەييارلاش، چارۋىلارنى يۆتكەش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

       21 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار تومۇز كېلىشتىن بۇرۇن توك، سۇ بېرىش خىزمىتى ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە خىزمەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى كېرەك.

       22 – ماددا تۇمان، مانان كۆپ بولىدىغان جايلاردىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئايرودروم، پورت، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، سۇ يولى، بېلىقچىلىق مەيدانى قاتارلىق مۇھىم سورۇنلار ۋە قاتناش يوللىرىنىڭ تۇمان، ماناننى كۆزىتىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

       23 – ماددا ئىمارەت (قۇرۇلما)، سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرگە ئورنىتىلغان چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسى دۆلەتنىڭ چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

       سېلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان ئىمارەت (قۇرۇلما)نىڭ لايىھە ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشتە، چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلما لايىھەسى ھەققىدە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك؛ سېلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان ئىمارەت (قۇرۇلما) پۈتۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنىمۇ تەڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەمدە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. ئاسان چاقماق چاقىدىغان كان رايونى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ياكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن ئىمارەت (قۇرۇلما) ۋە ئەسلىھەلەرگە چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئايرىم ئورنىتىشقا توغرا كەلسە، چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلما لايىھەسىنى تەكشۈرۈش ۋە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

       24 – ماددا چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى لايىھەلىگۈچى، ئورناتقۇچى، ئۆلچىگۈچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىدىن ساپانامە ئېلىشى كېرەك:

    (1) قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولۇش؛

    (2) مۇقىم خىزمەت سورۇنى، زۆرۈر ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

    (3) مۇناسىپ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛

    (4) مۇكەممەل تېخنىكا ۋە سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

    (5) گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

    ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئۆلچىگۈچى ئورۇنلارنىڭ ساپانامىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ياكى خەۋەرلىشىش مەسئۇل تارمىقى بىرلىكتە بېرىدۇ. قۇرۇلۇش لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ساپاسىغا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئورۇنلار قۇرۇلۇشنىڭ چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى تەستىقلانغان ساپا دائىرىسىدە لايىھەلىسە، ئورناتسا بولىدۇ.

       25 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار شۇ جاينىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىش ئەھۋالىغا قاراپ، يېزىلاردا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆزىتىش، ئۇچۇر بېرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلارنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

       26 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ھاۋا رايىغا تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

    27 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەتنىڭ چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلىرى، چوڭ – چوڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كىلىمات بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش تۈرلىرىدە شۇنىڭدەك شەھەر – يېزا – يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، كىلىمات مۇمكىنلىكى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

       3 – باب كۆزىتىش، مەلۇمات بېرىش ۋە سىگنال بېرىش

       28 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، جىددىي ئەھۋالدا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش كۆچمە ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشى، جىددىي ئەھۋالنى كۆزىتىدىغان قوشۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

       ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش ئۇچۇر تورىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر بايلىقىدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

       29 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ئاپەتلىك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپەتلىك ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇمات، سىگنالنىڭ توغرىلىقى ۋە دەلىللىكىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

       ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى، باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى ۋە ئاپەتلىك ھاۋا رايىنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە ئالاقىدار ئورۇنلار مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاپەتلىك ھاۋا رايىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىشلىشى ھەمدە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇش تارماقلىرىغا يامغۇر، سۇ، بوران، قۇرغاقچىلىق ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى كېرەك.

       ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، رايون، تارماق ھالقىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى بىرلەشمە كۆزىتىشنى تەشكىللىشى ھەمدە ئاھالە زىچ رايون، ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونى، گىئو ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايون، مۇھىم دەريا ۋادىلىرى، ئورمانلىق، ئوتلاق، بېلىقچىلىق مەيدانلىرىنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىدىغان نۇقتىلىق رايون قىلىشى كېرەك.

       30 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى جەمئىيەتكە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنال ئۇچۇرىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە بىرتۇتاش ئېلان قىلىشى ھەمدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار تارماقلارنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك؛ باشقا تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ جەمئىيەتكە ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنالى ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

       مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنالنىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.

       31 – ماددا رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، تېلېگراف قاتارلىق تاراتقۇلار شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى بەرگەن ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالى ئۇچۇرى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقتىدا كۆپەيتىپ قايتا ئاڭلىتىشى، قىستۇرۇپ ئاڭلىتىشى ياكى گېزىت – ژۇرناللارغا بېسىشى كېرەك.

       32 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنال ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سېستىمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، قاتناش تۈگۈنى، ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنى قاتارلىق ئادەم زىچ جايلار ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان جايلاردا ئاپەتلىك ھاۋا رايىدىن سىگنال بېرىش، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنالىنى قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

       يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، جىددىي ئالاقىلىشىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ئاپەت ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىشكە ئادەم بەلگىلىشى كېرەك.

       33 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى قۇياش بورىنى، يەر شارى بوشلۇق بورىنى قاتارلىق بوشلۇقتىكى ئاپەتلىك ھاۋا رايىنى كۆزىتىش، مەلۇمات بېرىش ۋە سىگنال بېرىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    (بېشى 6 – بەتتە)4  – باب جىددىي بىر تەرەپ قىلىش

    34 – ماددا ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ئاپەتلىك ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بېرىش، جىددىي سىگنال بېرىش ئەھۋالى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنال ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاپەتلىك ھاۋا رايى سىگنالى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنالى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمى بويىچە، مۇناسىپ جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ۋاقتىدا قارار چىقىرىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، دەرىجە ئاتلاپ مەلۇم قىلسا ھەمدە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ۋە خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان قوشنا رايوندىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى خەۋەرلەندۈرسە بولىدۇ.

    ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ھالقىغان كەڭ دائىرىلىك مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەرگەن ھەمدە ئېغىرراق خەۋپ يۈز بەرگەندە، دۆلەتنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇشنى گوۋۈيۈەن بېكىتىدۇ.

    35 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاپەتلىك ھاۋا رايىنىڭ تەسىر دائىرىسى، دەرىجىسىگە قاراپ، تالاپەتكە ئۇچراش ياكى مال – مۈلۈك زور زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار رايوننى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە ئۇچرىغان خەتەرلىك رايون قىلىپ بېكىتىپ تۇرۇشى ھەمدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

    36 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئالاقىدار تارماقلار مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ۋاقتىدا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛ جىددىي ئەھۋالدا، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى يۆتكىلىش، تارقىلىشقا، ئۆزىنى ۋە بىر – بىرىنى قۇتقۇزۇشقا ۋاقتىدا سەپەرۋەر قىلىشى ۋە تەشكىللىشى كېرەك.

    شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قوللانغان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىگە ھەممە ئورۇن ۋە شەخس ماسلىشىشى كېرەك، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

    37 – ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكىتلىرىنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى جىددىي كۆزىتىش كۆچمە ئەسلىھەسىنى ئىشلىتىپ، نەق مەيداندا ھاۋا رايى مۇلازىمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاپەتلىك ھاۋا رايى ئەھۋالى، ئۆزگىرىش ئەھۋالى ۋە باھالاش نەتىجىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشكە تەشكىللەشتە تەدبىر بەلگىلەش ئاساسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

    38 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇناسىپ جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى پاناگاھ ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تەمىنلەش ئورنى قۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇشى ھەمدە بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى، ئاپەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

    سەھىيە مەسئۇل تارماقلىرى قۇتقۇزۇش – داۋالاش، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتارلىق سەھىيە بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللىشى كېرەك.

    قاتناش – تىرانسپورت، تۆمۈريول تارماقلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى، ئۈسكۈنىلىرى، دورا، يېمەكلىكلەرنى ئاۋۋال توشۇشى، بۇزۇلغان يوللاردىكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىشى كېرەك.

    تۇرالغۇ شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش تارماقلىرى سۇ، گاز، پار قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

    ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش مەسئۇل تارماقلىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە خەۋەرلىشىشنى جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

    زېمىن بايلىقى تارماقلىرى گېئو ئاپەتنى كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تەشكىللىشى كېرەك.

    يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللىشى كېرەك.

    سۇچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى غول دەريا ئېقىنلىرى، سۇ ئامبارلىرىدىكى سۇ مىقدارىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، تەڭشىشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللىشى كېرەك.

    جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئاپەت رايونلىرىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى جىددىي يۆتكەشكە ياردەملىشىشى كېرەك.

    39 – ماددا مېتېئورولوگىيە، سۇچىلىق، زېمىن بايلىقى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، مېتېئورولوگىيەلىك ئامىلدىن بولغان تۇغۇندى ئاپەت، ئىككىلەمچى ئاپەتنى بىرلەشمە كۆزىتىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    40 – ماددا رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، تېلېگراف قاتارلىق تاراتقۇلار مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش، يامراش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىشى كېرەك.

    41 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مېتېئورولوگىيەلىك مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش، ئەۋج ئېلىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ دەرىجىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشىشى ياكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك.

    42 – ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تەكشۈرۈشكە، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش پىلانى تۈزۈشكە تەشكىللىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

       5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

       43 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

       (1) مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش پىلانى ياكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

       (2) مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

       (3) شەرتى توشمىغان ئورۇنلارغا چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەش، ئورنىتىش، تەكشۈرۈش ساپا گۇۋاھنامىسى بەرگەنلەر؛

       (4) ئاپەتلىك ھاۋا رايى مەلۇماتىنى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، تولۇق سىگنال بەرمىگەن، خاتا مەلۇمات بەرگەنلەر؛

       (5) مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانمىغانلار؛

       (6) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

       44 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

    (1) مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

    (2) شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېلان قىلغان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى، بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان ياكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە قوللىنىشقا ماسلاشمىغانلار.

       45 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ:

    (1) ساپاسى يوق تۇرۇپ ياكى ساپا ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى لايىھەلىگەن، ئورناتقان ۋە تەكشۈرگەنلەر؛

      (2) چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىلىرىنى لايىھەلەش، ئورنىتىش ۋە تەكشۈرۈشتە ساختىپەزلىك قىلغانلار.

      46-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ:

    (1) جەمئىيەتكە ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنالى ئۇچۇرىنى ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن بەرگەنلەر؛

    (2) رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، تېلېگراف قاتارلىق تاراتقۇلاردىن ئاپەتلىك ھاۋارايى سىگنالى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت سىگنالىنى ئاڭلىتىش، ئېلان قىلىشتا تەلەپنى قايرىپ قويغانلىرى؛

    (3) ساختا ياكى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئاپەتلىك ھاۋارايى ئۇچۇرى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت ئەھۋالىنى تارقاتقانلار.

       6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

       47-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيەتلىرى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

       48-ماددا بۇ نىزام 2010-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.