مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەمدە 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى ھەققىدە دوكلات

    بۇئايشەم2016-02-03 12:19:58شىنجاڭ گېزىتى

        (ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى)

        بىرىنچى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى

        2015 – يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى6 – ، 7 – ، 8 – ، 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە پۇختا ئاساس سېلىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشقا جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىدا مۇقىم ئېشىش ھالىتى ساقلاپ قېلىندى. دەسلەپكى مۆلچەرلىنىشىچە، 2015 – يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 940 مىليارد يۈەن ئۆپچۆرىسىگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن %.6 8 ئاشىدۇ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2 پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى بولىدۇ؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 280 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %.6 5 ئاشىدۇ؛ ئادەتتىكى جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 133 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %.8 3 ئاشىدۇ؛ مۇقىم مۇلۇككە سېلىنغان مەبلەغ 1 تىرىليون 72 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %10 ئاشىدۇ؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 260 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %.8 6 ئاشىدۇ؛ ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %26 تۆۋەنلەيدۇ؛ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8850 يۈەنگە يېتىپ، %8 ئاشىدۇ؛ شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 24900 يۈەنگە يېتىپ، %.5 13 ئاشىدۇ. ئاھالە ئىستېمال باھا ئىندىكىسى %1 ئۆرلەپ، %.5 3 كۆزلىمە نىشاندىن تۆۋەن بولىدۇ.

        (1) خەلق ئىگىلىكى سىجىل مۇقىم ئاشتى، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

        جىددىي مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان 50 ماددىلىق چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ھەرىكەتلىنىشى ساقلاپ قېلىندى.

        ئىسخېما 1: ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ھەمدە ئېشىش سۈرئىتى

        دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. مۆلچەرلىنىشىچە، يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 15 مىليون 600 مىڭ توننىغا يېتىپ، %10 ئاشىدۇ؛ پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا يېتەكلەپ توپلاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ كېۋەز تېرىقچىلىق كۆلىمى 28 مىليون 564 مىڭ 500 موغا كېمەيتىلىپ، پاختا مەھسۇلاتى 3 مىليون 503 مىڭ توننا ئەتراپىدا ساقلاپ قېلىنىدۇ؛ ئورمانچىلىق – باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمى 23 مىليون مودا مۇقىملىشىپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 10 مىليون توننىغا يېتىدۇ؛ چارۋىچىلىق مۇقىم راۋاجلاندى، گۆش، سۈتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1 مىليون 567 مىڭ توننا ۋە 3 مىليون توننا 2000 كىلوگىرامغا يېتىپ، %5.1، ۋە %.4 3 ئاشىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا بىرىنچى كەسىپتە ياراتقان قوشۇلما قىممەت 162 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %5.5 ئاشىدۇ.

        سانائەتتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلەش بولدى، كەسىپلەر قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى. نېفىت پىششىقلاش، كۆمۈر قېزىش، پولات – تۆمۈر تاۋلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر يەنىلا چوڭقۇر تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. رەڭلىك مېتال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، نېفىتتىن باشقا سانائەتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن يۇقىرىسىغا كۆتۈرۈلدى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، ئومۇمىي ئىگىلىكتىن باشقىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ كۆتۈرۈلدى، يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەردە تېز ئېشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 280 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، %.6 5 ئاشىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىككىنچى كەسىپتە ياراتقان قوشۇمچە قىممەت 358 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %.4 7 ئاشىدۇ.

        مۇلازىمەتچىلىك كەسپى بىرقەدەر تېز ئاشۇرۇلدى. سىياسەت ياردىمى، نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ساياھەت، ياتاق، يېمەك – ئىچمەك، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، كۈچلۈك تىرەك بولدى. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان مەملىكەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 60 مىليون 970 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.1 23 ئاشىدۇ. مۇلازىمەتچىلىك كەسپى ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈچىنچى كەسىپتە ياراتقان قوشۇمچە قىممەت 420 مىليارد يۈەن ئورۇندىلىپ، %12 ئاشىدۇ.

        (2) نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش سىجىل ئاشۇرۇلدى

        مەبلەغ سېلىشنى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغىنى جەملەپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى كۈچلۈك ئىلگىرىلىتىلدى. ھازىرغا قەدەر، مەركەز خامچوت ئىچى ياردەم مەبلىغىدىن 26 مىليارد 490 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقىدىن 2 مىليارد 247 مىليون يۈەن ئاشۇرۇلدى؛ دۆلەتنىڭ مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندىدىن 19 مىليارد 760 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق چوڭ – چوڭ تۈرلەرگە يەرلىكنىڭ يانداش مەبلىغى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛ 11 كارخانا زايومىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 8 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرى ۋە كىچىك – مىكرو كارخانىلارنىڭ راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىپ، 66 نۇقتىلىق تۈردە قۇرۇلۇش باشلاپ، يىللىق نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ تۈرلەردە بۆسۈش ھاسىل بولىدۇ.

        ئىسخېما 2: مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ۋە ئېشىش سۈرئىتى

        چوڭ – چوڭ سۇچىلىق تۈرلىرى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. رايون سۇ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولدى، تاغلىق رايون تىزگىنلىنىدىغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، قارابەل، ئارتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى؛ 11 ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇشلار پۈتكەندىن كېيىن، سۇ ئامبىرى سىغىمچانلىقىغا يېڭىدىن 440 مىليون كۇب مېتىر قوشۇلىدۇ. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى قولغا كەلتۈرۈلدى، يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىغا ئورۇنلاشتۇرغان مەركەز مەبلەغ ياردىمىنىڭ ئۆلچىمى ئەسلىدىكى %60 تىن %70كە ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 18 چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونىنىڭ داۋاملىق قۇرۇلىدىغان يانداش قۇرۇلۇشلىرى بىلەن سۇ تېجەر ئۆزگەرتىشى ۋە ئالتە كۆلەملەشكەن سۇ تېجەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشلىرىغا مەركەزنىڭ ياردىمى قولغا كەلتۈرۈلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى يېڭىدىن 3 مىليون مو كۆپەيتىلىدۇ، يەرلىكنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى جەمئىي 30 مىليون 700 مىڭ موغا يەتكۈزۈلىدۇ.

        چوڭ – چوڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. تارباغاتاي ئاق تېرەك، توقسۇن قارا تاغ قاتارلىق كان رايونى ئومۇمىي يىرىك پىلانلىرى (يىرىك پىلاندىكى كۆلىمى 88 مىليون 200 مىڭ توننا∕يىللىق) ۋە قۇمۇل دانەنخۇ 1 – كان قۇدۇقى تۈرى(بۇنىڭدا قۇرۇلۇش كۆلىمى 10 مىليون توننا∕يىللىق) نى دۆلەتنىڭ تەستىقلىشى قولغا كەلتۈرۈلدى. ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› قۇمۇل بوغۇز – جېڭجۇ800± كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، 5 مىليون 280 مىڭ كىلوۋاتلىق يانداش ئوت ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا چۈشۈرۈلدى. شەرقىي جۇڭغار – خۇادۇڭ(ۋەننەن) 1100± كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ تەستىقلىشى قولغا كەلتۈرۈلدى، 13 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق يانداش ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىدى. شەرقىي جۇڭغار يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى، سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان 5 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق يانداش شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇش كۆلىمى، 2 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يانداش فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئىلى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، جېجياڭ ئېنېرگىيەسى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھىرى قاتارلىق رايونىمىزدا ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرلىرى تەستىقلىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015 – يىللىق ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش ئومۇمى كۆلىمى 4 مىليون 800 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شىمالى چىپارتاغ، سۇمۇرغ غەربىي تاغ شەھەر شەرقىي، كۇچا ئاقسۇ مارالبېشى قەشقەر قاتارلىق تۆت 750 كىلوۋولتلۇق ئۆزگىرىشچان توك لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىلى كۇچا، ئۈرۈمچى شىمالىي شەرقىي جۇڭغار شىمالى، چىپارتاغ جىجىخۇ – ئوتتۇرا كۆل قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق ئۆزگىرىشچان توك لىنىيەسى تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى. يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ‹‹شىنجاڭنىڭ يۈز چاقىرىم شامال رايونىدىكى شامال ئېلېكتىر بازا تۈرى يىرىك پىلانى›› (ئومۇمىي كۆلىمى 6 مىليون 800 مىڭ كىلوۋات) دۆلەتنىڭ تەستىقلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدا، ئالتاي ۋىلايىتىدە شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن ئىسسىقلىق تەمىنلەش سىناق نۇقتىسى قانات يايدۇرۇلدى. 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ئايرىم – ئايرىم 13 مىليون كىلوۋات، 5 مىليون 500 مىڭ كىلوۋات توك چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە 2 – ۋە 3 – ئورۇندا تۇردى. ئىلى، شەرقىي جۇڭغارنىڭ كۆمۈردىن گاز چىقىرىش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ‹‹شىنجاڭ گۇاڭدۇڭ جېجياڭ›› كۆمۈردىن چىقىرىلغان گاز تۇرۇبىسى تۈرى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى.

        چوڭ – چوڭ قاتناش تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. تۆمۈريول جەھەتتە: قۇمۇل ئېرگۇنا تۆمۈر يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىسلىق قاتنىشى 1 – لىنىيەسى قۇرۇلۇشى، كورلا گۇلمۇت تۆمۈر يولى (شىنجاڭ بۆلىكى)، ئۈرۈمچى يېڭى بېكىتى قاتارلىق داۋاملىق قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى؛ ئۈرۈمچى كونتېينېر مەركىزى بېكىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىسلىق قاتنىشى 2 – لىنىيەسى قۇرۇلۇشى، ئالتاي – كۆكتوقاي – شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى قۇرۇلۇش باشلىدى؛ جاڭجۈنمياۋ – قۇمۇل(ئوتتۇرا كۆل، نوم) ليۇگۇ، قاراماي چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ 2 – قارارى تۆمۈرتامدىن چۆچەككىچە بولغان بۆلىكى، بورتالا تارماق لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرىلىتىلدى. خوتەن – چاقىلىق – لوپنۇر تۆمۈر يولىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتى قوزغىتىلدى. تاشيول جەھەتتە: ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما تىز سۈرئەتلىك تاشيولى(شەرقىي لىنىيەسى) قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى، مىڭشۇي(شىنگەن چېگراسى) قۇمۇل، قاراقاش خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق تۈرلەردە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؛ تۇرپان پارچە ساغال يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، قەشقەر يېڭىشەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشلىرى باشلاندى؛ پارچە ساغال ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى تاقىرتاغ، ئۈرۈمچى كۈيتۈن قاتارلىق ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە: كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمى، شىخەنزە گۈلباغ ئايرودۇرۇمى رەسمىي ئىشقا چۈشۈرۈلدى، چەرچەن، خوتەن، كورلا، قۇمۇل قاتارلىق ئايرودۇرۇملارنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى، چەرچەن ئايرودۇرۇمى ۋە يەكەن ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى باشلاندى؛ ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. تاشقورغان، بايىنبۇلاق، كېرىيە، قوبۇقسار، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق بەش تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئورۇن تاللاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى؛ ئالتاي، چۆچەك، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۆمۈريول مۇساپىسى 6152 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، تاشيول مۇساپىسى 178 مىڭ 500 كىلومېتىرغا (بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 4316كىلومېتىر) يەتكۈزۈلىدۇ، پۇقراۋى ئايرودۇرۇملار 18 گە يەتكۈزۈلىدۇ.

        (3) ئىستېمال بازىرى مۇقىم ھەرىكەتلىنىپ، باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇقىم بولدى

        كۈتۈنۈش ئائىلە مۇلازىمىتى، داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، ئۇچۇر ئىستېمالى قاتارلىق ئىستېمالنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىلىرى پائال راۋاجلاندۇرۇلدى. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېمەك – ئىچمەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش – تەڭشەپ كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش تولۇقلىما پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلققە قولايلىق گۆش – كۆكتاتنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىنى قۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. سودا – سانائەتتە ئىشلىتىدىغان توكنىڭ باھاسى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئوخشاش سەۋىيەدە بولۇش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئېلېكتىر ئىستانسىسى سىستېما زاپاس چىقىمى تۆۋەنلىتىلدى، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىدە توك باھاسى ئېتىبار سىياسىتى يولغا قويۇلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى كارخانىلارنىڭ توك ھەققى چىقىمى 1 مىليارد 592 مىليون يۈەن ئازىيىدۇ. تۆمۈريولنىڭ كۆپ مىقدارلىق مال ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، شىنجاڭدىن چىقىرىلىدىغان قىسمەن مۇھىم مەھسۇلاتلارنىڭ توشۇش ھەققى چۈشۈرۈلدى. كارخانىلارغا چېتىشلىق بولغان ئىمپورت – ئېكسپورت ھالقىسىدىكى ۋە مەمۇرىي تەستىق ئالدىنقى مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ ھەق مۇندەرىجە ئېنىقلىمىسى بەرپا قىلىندى، 56 تۈرلۈك مەمۇرىي – كەسپىي ھەق، تىجارەت مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، توختىتىۋېتىلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى، جەمئىي چېتىلىش سوممىسى 730 مىليون يۈەن بولدى. دورا باھاسى، يېزىغا چېتىشلىق، كارخانىلارغا چېتىشلىق قاتارلىق ھەق ئېلىشلارغا قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 863 باھا قانۇنىغا خىلاپ دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارغا 20 مىليون 613 مىڭ يۈەن قايتۇرۇلدى، 10 مىليون 650 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى تۇراقلىق بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاھالە ئىستېمال باھا ئىندېكسى(CPI) ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %1 ئۆرلەيدۇ، ئۆرلەش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ.

        ئىسخېما 3: ئاھالە ئىستېمال باھا ئىندېكسى (CPI)

        (4) نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرىلىتىلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى

        مەمۇرىيەت يەنىمۇ ئىخچاملىنىپ، ھوقۇق تۆۋەنگە تېخىمۇ بېرىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىدىن 791 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تەڭشەپ كېمەيتىلدى، 590 تۈر قىسقارتىلدى؛ ۋىلايەت (ئوبلاست،شەھەر) لەرنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىدىن جەمئىي 2217 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تەڭشەپ كېمەيتىلدى. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى مۇندەرىجىسى(2015 – يىللىق)›› نى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشلىرى ئەسلىدىكى 44 تۈردىن 35 تۈرگە تەڭشەلدى، قىسقارتىش نىسبىتى %.5 20كە يەتكۈزۈلدى. كۆپ خىل تەدبىرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك راۋاجلاندۇرۇلدى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇشى ۋە يەرلىكنىڭ پاي قوشۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەسىس قىلغان كارخانىلىرى 191 گە يېتىپ، قىزىلتاغ نېفىتلىكى، شىنجاڭ يۈدېڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ شېرىكچىلىك كارخانىسىدىن توققۇزى قۇرۇلدى. ‹‹قارلىق چوققا›› (پەن – تېخنىكا) گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قارىمىقىدىكى غەربىي رايون ئالتۇن پاي چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىندى، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ تۈزۈمىنى تولۇق ئۆزگەرتىشى تاماملاندى. كىچىك – مىكرو كارخانىلار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلدى، ئېتىبار بېرىش، يار – يۆلەك بولۇش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشى،

        ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەمدە

        2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى ھەققىدە دوكلات

        ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىشىش (ppp) تۈرلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭغا چېتىلغان باھا بېكىتىش تۈرى ئەسلىدىكى 17 تۈرلۈك 69 خىلدىن توققۇز تۈرلۈك 42 خىلغا قىسقارتىلدى، قىسقارتىش نىسبىتى 47 گە يەتكۈزۈلدى. سۇ، توك، گاز قاتارلىق مۇھىم ساھەلەر باھا ئىسلاھاتى داۋاملىق ئىلگىرىلىتىلدى، پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئاساس قىلغان پاختا بازىرىنىڭ باھا مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىدا مۇھىم باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى. مۆلچەرلىنىشىچە 2015 – يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ساھەسىدىكى سېلىنما 30 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2.1 ھەسسە ئۆرلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغنىڭ %20 ىنى ئىگىلەيدۇ. تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي دورا تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرىلىتىلدى.

        يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرىلىتىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىكرى ۋە 2015 – يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، يادرولۇق رايوندىكى بەش چوڭ مەركەز، ئون چوڭ ئىمپورت – ئېكسپورت كەسىپلەر توپلاشقان رايونى قاتارلىق مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى تۈزۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىتىلدى. شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا پويىزىنى بازارلاشتۇرۇپ، تۇراقلىقلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. جۇڭگو – موڭغۇلىيە – روسىيە ئىقتىسادىي كارىدورى ۋە جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. تۈرنى ئىلگىرىلىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ئالدىن ئىلگىرىلىتىدىغان تۈرلەر تىزىملىكىنى ئەستايىدىل تاللاپ، ئۈرۈمچى كونتېينېر مەركىزى بېكىتى، جوڭگو – ئاسىيا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قاتارلىق بىر تۈركۈم سىمۋوللۇق، ئۈلگىلىك تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىشقا چۈشۈرۈلدى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى دۆلەتنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى، ئالاتاۋ، قورغاس پورتلىرى ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىش كەسپىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو شىنجاڭ – گىرۇزىيە يىپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرى ۋە تۆتىنچى نۆۋەتلىك گىرۇزىيە – جۇڭگو شىنجاڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك روسىيە – جۇڭگو شىنجاڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمە يەرمەنكىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 11ى يولغا قويۇلۇپ، بۇنىڭغا جۇڭگو تەرەپ 1 مىليارد 102 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى، چېگراداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسى يەنىمۇ كۆتۈرۈلدى.

        (5)خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى پۇختا ئىشلىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى يەنىمۇ ياخشىلاندى

        ئاپتونوم رايوننىڭ بەشىنچى قېتىملىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 305 مىڭ ئائىلىلىك قۇرۇلۇش باشلاندى، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %101.68 كە يەتتى؛ شەھەر – بازار تۈرلۈك كاپالەتلىك تۇرالغۇلار بويىچە 274 مىڭ 400 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشى باشلاندى، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %101.27 كە يەتتى. يېزا توك تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە توك يوق رايونلارغا توك يەتكۈزۈش قاتارلىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلدى، 603 مىڭ يېزا ئاھالىسى ۋە 52 مىڭ يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛ 4300 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسىلىپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، 26 يېزا – بازار، 380 ئىشتاتلىق كەنت، 900 مىڭ دېھقان، چارۋىچىنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلاندى. 7 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، 9611 كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى. 3 مىليارد 12 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى چۈشۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست، چېگرا رايونلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تاغلىق رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە مەدەت بېرىلدى. توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسىپلىرى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ”تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر“ قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مۆلچەرلىنىشىچە پۈتۈن يىلدا شەھەر – بازارلاردا 430 مىڭ ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم/قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مائارىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى داۋاملىق كۈچەيتىلدى، يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى بويىچە 119 مىڭ 600 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن تاماملاندى، 17 ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ بىلەن ئالتە ئالىي مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، يېزا ئوقۇتقۇچىلار ئوبوروت ياتىقى قۇرۇلۇشى بويىچە جەمئىي 11 مىڭ يۈرۈش ئۆي جەملەپ پۈتكۈزۈلدى. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى كىلىنىكىدا تەربىيەلەش بازىسىدىن يېڭىدىن ئالتىسى قۇرۇلدى، بەش ۋىلايەت دەرىجىلىك دوختۇرخانا، 675 ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى يېڭىدىن قۇرۇلدى ياكى ئۆزگەرتىپ (كېڭەيتىپ) قۇرۇلدى، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي خەلق داۋالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرىلىتىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر – بازار ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 6 مىليون 535 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95 كە يەتكۈزۈلدى؛ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 11 مىليون 273 مىڭ 300 ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.8كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلدى. شەھەر – بازار ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمىنىڭ يىللىغى 330 يۈەندىن 390 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، شەھەر – يېزا ئاھالىلەر ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە پۈتۈنلەي قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. يېزا – بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، رادىيو – تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە پۈتۈنلەي قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 42 ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنى ۋە مەھەللىدە كۈندۈزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى، تۆت بالىلار پاراۋانلىق يۇرتى، 15 مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش، ھاۋالىگە كۈتۈش مەركىزى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، ئاجىزلارنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇلازىمىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا، شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيەت – تەرجىمە مەركىزى قۇرۇلۇشى باشلاندى، ئىلى گىنېرال مەھكىمىسى، بورتالا ئوبلاستى خارتۈرۈك دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى قاتارلىق 11 نۇقتىلىق قۇتقۇزۇلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار، تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرلىرى يولغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان ۋە يانداش ئەسلىھەلىرى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش پۈتكۈزدى، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى.