مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    خاتالىقىنى ئۈزۈل–كېسىل تۈزىتىپ، يېڭى ھاياتقا يۈزلىنىش

    بۇئايشەم2016-02-03 12:20:01شىنجاڭ گېزىتى

        ئىسمىم مەمەتتوختى مەمەتروزى بولۇپ، بۇ يىل 42 ياشقا كىردىم، خوتەن ناھىيەسىدىن. 2005 – يىلى 2 – ئايدا دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم. ھازىر تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتىمەن.

        مەن كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزدۈم، بىراق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا كەڭچىلىك قىلىپ ھاياتلىق يولى بەردى، ھازىر يەنە جازايىمنى كېمەيتتى. جازايىمنىڭ كېمەيتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقىنىمدا، تەسىرلەنگىنىمدىن ‹‹پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى ئۆزگەرتكىنىگە رەھمەت››لا دېيەلىدىم، خۇشاللىقىمدىن نەچچە كېچە ئۇخلىيالمىدىم ھەم جىنايىتىم ئۈستىدە قايتا – قايتا ئويلاندىم: ئەينى چاغدا دۆلەتنى پارچىلاش ئۈچۈن ھەسەن مەخسۇم قاتارلىقلار بىلەن بىللە ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى››نى قۇرۇپ، باشقىلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە ئەسەبىي ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى جىنايەت يولىغا باشلاپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.

        قانۇن تورىغا چۈشكەن دەسلەپكى مەزگىلدە، جىنايىتىم ئېغىر، ئىككى قولۇم بىگۇناھ ئاممىنىڭ قېنى بىلەن بويالغانلىقتىن، كۆڭلۈمدە جەزمەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىمەن، دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا ھاياتلىق يولى بەردى. جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تۈرمە ساقچىلىرى ماڭا ھەر تەرەپتىن تەربىيە بېرىپ ۋە مېنى يېتەكلەپ، يېڭىباشتىن ئادەم بولۇشنىڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، مەن جىنايەتنىڭ زىيىنى ۋە تۈپ مەنبەسى ئۈستىدە ئويلاندىم. بىراق، كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۈپەيلىدىن دىنغا ياتىدىغان چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماي، باشتىن – ئاخىر بۇ مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئازابلىنىپ يۈردۈم. تۈرمىدە قانات يايدۇرۇلغان ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەربىيەسى ئارقىلىق كاللامدىكى بۇرمىلانغان دىنىي قاراش ۋە ئىسلام دىنىغا بولغان خاتا قاراشنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتىپ، ئۆتكۈزگەن جىنايىتىمنىڭ قانۇن ئالدىدا كەچۈرگۈسىز ئېغىر جىنايەت بولۇپلا قالماي، ئىسلام دىنىدىمۇ كەچۈرگۈسىز گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم.

        بۈگۈن ماڭا بېرىلگەن جازا كېمەيتىلدى، بۇ ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن. مەن ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا: مەندەك ئادەمنىڭ جىنايىتى كېمەيتىلمەيدۇ، دەپ قارايتتىم، بىراق ھازىرقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جازا ئۆتەۋاتقان ھەر قانداق ئادەم گۇناھىنى تونۇپ، جىنايىتىگە توۋا قىلىپ، ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىپ، بۇرۇنقى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە خاتا مەيدانىدىن ۋاز كېچىپ، يامان يولدىن يېنىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ توغرا يولىنى تاللىسىلا، جىنايىتىنى كېمەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

        مەن يەنە شۇنداق بايانات ئېلان قىلىمەنكى، مەن بارلىق بۆلگۈنچىلەر، ئەسەبىي ئىدىيە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئادا – جۇدا بولۇپ، چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىدىم. مەيلى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا بولسۇن، تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مەڭگۈ چىقىش يولى يوق. بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەي ياكى جەمئىيەتتە ياشاي، جىنايەتتىن ھەر ۋاقىت يىراقلىشىپ، قانۇن – تۈزۈمگە بويسۇنىدىغان پۇقرا بولىمەن.

        مېنىڭ جىنايى قىلمىشىم سەۋەبلىك دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە زىيان سالغانلىقىمدىن، شۇنداقلا جىنايى قىلمىشىم سەۋەبلىك تالاپەتكە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئاممىدىن، مېنىڭ ئازدۇرۇشۇم بىلەن جىنايەت يولىغا ماڭغان كىشىلەردىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن: سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن، مېنى كەچۈرۈڭلار!

        (مەمەتتوختى مەمەتروزىنىڭ ئاغزاكى بايانى، مۇخبىر ياۋ تۇڭ رەتلىدى)