مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن 11 جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى قانۇن بويىچە كېمەيتتى

    بۇئايشەم2016-02-03 12:19:56شىنجاڭ گېزىتى

     جاڭ چۈنشيەن: تىرىشىپ ئۆزگەرسەڭلار، ئۈمىد دەرۋازىسى سىلەرگە مەڭگۈ ئوچۇق، دەپ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

        سۈي يۈنيەن، ياۋ تۇڭلار خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ يېقىندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن 11 جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى قانۇن بويىچە كېمەيتتى. شىنجاڭ تۈرمە سىستېمىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش توغرىسىدىكى ھۆكۈم ئېلان قىلىش ۋە تەشۋىق – تەربىيە يىغىنى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يىغىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلدى ھەم جاڭ چۈنشيەن شۇجى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

        تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق دېيىلدى: پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مەن جازا ئۆتەۋاتقانلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، سىلەرنىڭ تىرىشىپ ئۆزگىرىپ، تۈرمىدىن تېزرەك چىقىپ، يېڭى ھاياتقا قەدەم قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

        يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى، يېزا – كەنتلەر چىرايلىقلاشتى، دېھقانلار بېيىدى، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولدى، داۋالىنىش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوقۇش پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىندى، ھەر مىللەت ئامما ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ياخشى روھىي ھالەت بىلەن گۈزەل يۇرت – ماكاننى ئورتاق قۇرۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىم مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلى.

        كىشىلىك ھاياتتا خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، مۇھىمى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ ئۆزگەرتىشتۇر. ھەممەيلەن بىلىدىغان پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى(ئىنسانلار) خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن خالىي بولالمايدۇ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا توۋا قىلغانلار ياخشى ئادەم ھېسابلىنىدۇ، دېگەن. بۇ قېتىم جازاسى كېمەيتىلگەنلەرمۇ ئەينى ۋاقىتتا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن جىنايەت يولىغا ماڭغان، لېكىن ئۇلار چىن كۆڭلىدىن توۋا قىلىپ، ئاكتىپ ئۆزگەردى، ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرگە چىن كۆڭۈل بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، تىرىشىپ ئۆزگىرىپ، قەلبىڭلاردىكى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىدىغانلا بولساڭلار، ئۈمىد دەرۋازىسى سىلەرگە مەڭگۈ ئوچۇق.

        ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئادەمنى ئاساس قىلىش، تەربىيەنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىش، يېڭى ھاياتقا قەدەم قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مەمەتتوختى مەمەتروزى قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن 11 جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش دېلوسىنى ئاشكارا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. جازاسى كېمەيتىلگەن 11 جىنايەتچىنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرى دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى گۇرۇھىنىڭ باش جىنايەتچىسى ياكى ئاساسىي جىنايەتچىسى، بەزىلىرى ئىلگىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بولغان. جازاسى كېمەيتىلگەن مەمەتتوختى مەمەتروزى ئىلگىرى ئافغانىستاندا تېررورلۇق مەشىقىگە قاتنىشىپ، كېيىن ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى››نىڭ سابىق كاتتىبېشى ھەسەن مەخسۇم قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى››نى قۇرغان ھەم بازا تەشكىلاتى ۋە بېن لادىن بىلەن پائال ئالاقە باغلاپ، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا تېررورلۇق مەشىقى بازىسى قۇرۇپ، شىنجاڭلىق تېررورچىلارنى تەربىيەلىگەن، پاكىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يېتەكچىلىك ۋە رەھبەرلىك قىلغان؛ ھۈسەنجان جېلىل ئىلگىرى چېگرا سىرتىدا ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى››، ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى››دىن ئىبارەت ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ يادرولۇق ئەزاسىغا ئايلانغان ھەم چېگرا سىرتىدا ‹‹ئىمام›› بولۇۋېلىپ، بۆلگۈنچىلىك – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان؛ دوكتورلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە مەمەتجان ئابدۇقادىر ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەزا قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى گۇرۇھىنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان.

        شىنجاڭنىڭ تۈرمە سىستېمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جازا ئۆتەۋاتقانلارغا قانۇن – نىزاملارنى تەشۋىق قىلىپ ۋە لېكسىيە سۆزلەپ، دىنىي ئۆلىمالارنى توغرا دىنىي ئېتىقاد تۇرغۇزۇش توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ‹‹بىر پارچە سالام خەت››، ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جازا ئۆتەۋاتقانلارغا ئىنسانىي غەمخورلۇق قىلدى ۋە مېھرىبانلىق يەتكۈزدى، بۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم جازا ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئىدىيەسىدە بۇرۇلۇش بولدى، ھەتتا ئىدىيەسى جاھىل بەزى كاتتىباشلار ۋە تايانچلار ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن ۋاز كېچىشكە باشلىدى.

        سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىپ ئېنىقلىشىچە، بۇ جازا ئۆتەۋاتقانلار جىنايىتىگە توۋا قىلىپ، قانۇن – نىزاملارغا ۋە تۈرمە قائىدىسىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلغان، توۋا قىلىش ئىپادىسى ياخشى بولغان، شۇڭا مەمەتتوختى مەمەتروزى قاتارلىق جازا ئۆتەۋاتقان 11 جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى قانۇن بويىچە كېمەيتىشنى كېسىم قىلدى. يەتتەيلەننىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلدى، تۆتەيلەننىڭ جازاسى ئالتە ئاي كېمەيتىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ جىنايىتى كېمەيتىلىپ، ھازىر جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى.

        مەمەتتوختى مەمەتروزى، ھۈسەنجان جېلىل جازاسى كېمەيتىلگەنلەرگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى.

        ‹‹جازا كېمەيتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئاشۇ چاغدا، ھاياجاندىن يۈرىكىم سوقۇپ كەتتى، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم، بىر نەچچە كۈن ئۇخلىيالماي قالدىم››، ‹‹جىنايىتىم دۆلەتكە، شىنجاڭغا، ئائىلەمگە ۋە بالىلىرىمغا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئېغىر زىيان كەلتۈردى، مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن، جەمئىيەتتىن، يەنە مەن سەۋەبلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلىنىپ، ياشلىقىنى نابۇت قىلغان ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان ياشلاردىن ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن، ئاتا – ئانام، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم، بالىلىرىمدىن قايتا – قايتا كەچۈرۈم سورايمەن››، ‹‹مەن ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىدىم، دىنىي ئۆلىمالار ۋە خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەربىيەسىدە، مەن ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئاسارىتىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەردىم. ھازىر جىنايىتىمنى ئويلىسام، نەقەدەر نادانلىقىمنى بىلدىم، ئىنتايىن نومۇس ھېس قىلىۋاتىمەن، قەلبىم پۇشايمانغا تولدى››، ‹‹ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىم ئادىمىيلىكىم ۋە ۋىجدانىمنى ئويغاتتى، ئۆز كەچۈرمىشىمنى مىسال قىلىپ سۆزلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدىم، مەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى كەچۈرمىشىم ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىشنى ئويلايمەن. بۈگۈن بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم شۇنداق دەيمەنكى، بارلىق بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تەلتۆكۈس ئادا – جۇدا بولۇپ، چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان لاياقەتلىك جۇڭگو پۇقراسى بولىمەن››.

        جازاسى كېمەيتىلگەن بۇ ئىككىيلەن سۆز قىلغاندا، ناھايىتى پۇشايمان قىلىپ، كۆپ قېتىم ئېگىلىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى، نەچچە رەت يىغلاپ كەتتى، ئۇلار پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكتى. ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ئاڭلىغاچ كۆز يېشى قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جازا ئۆتەۋاتقانلارغا ياردەم بېرىپ تەربىيە بەرگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىدىن مىننەتدار بولدى. سىرتتىن ئاڭلىغان جازا ئۆتەۋاتقانلارمۇ ناھايىتى تەسىرلەندى.

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تۈرمە سىستېمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى نىشان قىلىپ، پائال ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنى تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىشتىكى روشەن خاسلىققا ئىگە ‹‹شىنجاڭ تەجرىبىسى››نى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قانۇنغا رىئايە قىلىپ ئۆز ئەمگىكى بىلەن ياشايدىغان پۇقرالارغا ئايلاندۇردى. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەردىن ئۆزگىرىش ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلار، ئۆزگەرگەنلەرنىڭ جازاسىنى قانۇن بويىچە كېمەيتىپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەك جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى گەۋدىلەندۈردى. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر ئارىسىدا ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› بويىچە تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇشۇ ئاساستا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

        ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، جۇ چاڭجيې، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن يەن فېنشىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، نىشان ئىبراھىملار يىغىنغا قاتناشتى.