مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭ لياۋنىڭ كوماندىسى يېڭى پەسىلدىكى دەسلەپكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

    ئامانگۈل2016-02-03 11:46:08شىنجاڭ گېزىتى

    WCBA مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقىسى باشلاندى

      جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: 2015 -، 2016 - يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA)نىڭ مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقىسى 2 - فېۋرال چۈشتىن كېيىن باشلىنىپ، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 75 كە قارشى 79 نومۇر بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشكە پۇختا قەدەم باستى.

      يېڭىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ تەجرىبىسى كەم بولۇپ، بۈگۈنكى مۇسابىقە ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا يېڭى باشلىنىش، يېڭى مۇساپە ھېسابلىنىدۇ. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ نومۇرىغا تېز يېقىنلاشتى ھەم قارشى تەرەپنى ئۇدا خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. 23 كە قارشى 16، شىنجاڭ كوماندىسى كەينىدە قالدى. 2 - مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى مۇداپىئە ئارقىلىق ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، نومۇرنى 34 كە قارشى 39 غا يەتكۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىنكى دەم ئېلىشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بەش نومۇر پەرقى بىلەن جىددىي تىركەشتى، شىنجاڭ كوماندىسى 53كە قارشى 58 نومۇر بىلەن سەل ئالدىغا ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرقى مەيدانغا كىردى. 4 - مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى ئۈستۈنلۈك نومۇر پەرقى بىلەن قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشۈپ، قارشى تەرەپنى خاتالىشىشقا مەجبۇر قىلدى. شىنجاڭ كوماندىسى 75 كە قارشى 79 نومۇر بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

      شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى كېيىنكى ساھىبخان مەيداندا داۋاملىق يەڭسە، WCBAنىڭ تۆت كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىرىدۇ.