مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    چاغان ھارپىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىدىكى كادىر، ئاممىنى يوقلىدى

    بۇئايشەم2016-02-03 09:30:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2-فېۋرال جياڭشىغا كېلىپ كەڭ كادىر، ئاممىسىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن بايراملىق ھال سوراپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چاغانلىق سالام يوللىدى. بۇلتۇر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا باش شۇجى جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ۋەكىللەر باش شۇجىنى جياڭشىغا بېرىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن، تۇنجى بولۇپ جىڭگاڭشەنگە كەلدى. 

        جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي، ھازىر 168 مىڭ نوپۇسى بار. ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې قاتارلىق پىرولتارىيات ئىنقىلاپچىلىرى ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىگە باشلامچىلىق قىلىپ، بۇ جايدا جۇڭگودىكى تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇپ، «يېزا ئارقىلىق شەھەرنى قورشاپ، قوراللىق ھاكىميەتنى تارتىۋېلىش»تىن ئىبارەت  ئىنقىلابىي يولنى ئېچىپ، ئۇلۇغ جىڭگاڭشەن روھىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بۆشۈكى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ خاتىرە ئۇل تېشى» دېگەن شەرەپلەرگە نائىل بولغان.