مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    «يېڭى ئالاھىدە رايونغا مەدھىيە. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى 2016- يىللىق قەشقەر چاغانلىق تور سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

    مەۋلۇدە2016-02-03 11:12:10تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      

    2016-يىللىق قەشقەر چاغانلىق تور سەنئەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈشلەر

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا، جاڭ لېي خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە قەشقەر مەركىزىي شەھەر تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، 2016-يىللىق قەشقەر چاغانلىق تور سەنئەت كېچىلىكى 30-يانۋار يىنزۈيلىن مېھمانسارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

        «يېڭى ئالاھىدە رايونغا مەدھىيە. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بۇ قېتىملىق كېچىلىككە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق 20 نومۇر قاتناشتۇرۇلۇپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ۋە كەڭ تورداشلارغا بىر مەيدان يېڭىچە، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، زامانىۋىيلىق گەۋدىلەنگەن مەنىۋىي ئوزۇق يەتكۈزۈلدى.

    2016-يىللىق قەشقەر چاغانلىق تور سەنئەت كېچىلىكىدىن كۆرۈنۈشلەر