مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    لى كېچياڭ نىڭشيادىكى ھەر مىللەت ئاممىغا سالام يوللىدى

    بۇئايشەم2016-02-03 09:41:29تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-فېۋرال «پاراسەتلىك نىڭشيا» ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن نىڭشيادىكى ھەر مىللەت ئاممىغا سالام يوللىدى، خاتىرجەملىك ۋە بەخت تىلىدى. «پاراسەتلىك نىڭشيا» بۇلۇت سۇپىسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما ۋوگزال، شەھەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق جايلاردىكى 10 نەچچە چوڭ ئېكران ۋە مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار تېرمىنالىدىن زۇڭلىنىڭ سالىمىنى تاپشۇرۇۋالدى.