مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە شىكايەت قىلىنغان تور ھەققىدىكى ئون چوڭ تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

    ئايگۈل2016-02-02 18:13:15جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

      جۇڭگو ئىنتېرنېتتىكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ۋە ناچار ئۇچۇر شىكايەت مەركىزى 1-فېۋرال ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە شىكايەت قىلىنغان تور ھەققىدىكى ئون چوڭ تىپىك دېلونى ئېلان قىلىپ، تور ئەھلىنى تور بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، تورغا قانۇن بويىچە كىرىپ، تورنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە شۇنداقلا ئىنتېرنېت ئۇچۇرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى تورنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى.

      ئون چوڭ تىپىك شىكايەت دېلوسى ئۆسەك تارقىتىش، ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش، شەھۋانىي مەزمۇنلار قاتارلىق توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، زىيانكەشلىكى چوڭ، جەمئىيەتتىكى تەسىرى يامان، تارقىتىش ئۇسۇلى يېڭى، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىدىن ئامما رازى بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

      بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئون چوڭ تىپىك دېلو ئاساسلىقى ماشىنا زاكاز قىلىپ، ماشىنىغا چىقىپ زومىگەرلىك قىلىپ، دىدى تاكسىسىنى زىيانغا ئۇچراتتى دېگەن ئالدامچىلىق شىكايىتى، ۋېنجۇدا چاقماق پويىز سوقۇشۇپ كەتتى، باۋتۇ شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى دېگەندەك ئاممىنى ساراسىمىغا سالىدىغان ئۆسەكلەر ھەققىدىكى شىكايەت، «شىزاڭ زاراڭزا ئىشلەپچىقارمايدىغان بولدى» دەپ يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، شىزاڭ ساياھەتچىلىكىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن ساختا خەۋەر ھەققىدىكى شىكايەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      جۇڭگو ئىنتېرنېتتىكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ۋە ناچار ئۇچۇر شىكايەت مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردىكى قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش، ساپ تور بوشلۇقى يارىتىش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ھەر بىر تور ئەھلىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، شىكايەت مەركىزى بارلىق تور ئەھلىنىڭ تورىدىكى قانۇنغا خىلاپ، ناچار ئۇچۇرلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.