مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئالىقاغۇ بازىرى ئەرزىيەت خىزمىتى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى

    مەۋلۇدە2016-02-02 15:29:04تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

         ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەت ئىسمائىل خەۋىرى: بۇلتۇر كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالىقاغۇ بازىرى ئەرزىيەت خىزمىتىنى مۇقىملىق ۋە «ئۈچ ئەل»خىزمىتىدىكى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا تۇتۇپ، بازار، كەنتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا يۈزلەندۈرۈپ دېھقان ئاممىسنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

        بۇ بازار ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ تەشكىلى مېخانىزمىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، 25كەنتنىڭ ھەممىسىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت كومىتېتى، تۆت پېشقەدەملەر ۋە دېھقان ۋەكىلى، كەنت ئامانلىق خادىمىدىن تەركىپ تاپقان بەش نەپەردىن ئارتۇق ئەرزىيەت مۇرەسسە تەشكىلىنى قۇرۇپ، كەنت بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت-ماجىرالارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ دېھقان ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بازارلىق ئەرزىيەت كومىتېتى ئەرزىيەت خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەرزدارلارنى ياخشى كۈتۈۋېلىش، مەسىلىلەر بولسا شۇ جايدا ھەل قىلىش، كىچىك مەسىلىلەر كەنتتىن چىقماسلىق، چوڭ مەسىلىلەر بازاردىن چىقماسلىقتەك خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدىن رازى بولۇش نىسبىتىنى %98.53 گە، ئەرز شىكايەتلەرنىڭ بېجىرىلىش نىسبىتىنى %97.2گە يەتكۈزدى .