مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    لى كېچياڭ يېزىدىكى ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىنى رىغبەتلەندۈردى

    ئايگۈل2016-02-02 11:27:24تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 1-فېۋرال تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-فېۋرال نىڭشيانىڭ گۇيۈەن شەھىرى شىجى ناھىيەسى بەنزىگوۋ كەنتىگە بېرىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ۋاڭ جىڭباۋ ئائىلىسىنى يوقلىدى. زۇڭلى بۇ ئائىلىدىكى چوڭ قىزنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ قالغان ئاپىسىنى بېقىش ئۈچۈن ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوغۇلنىڭ دوختۇر ئورنىدا ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى ئۇقۇپ: ھەسسىلەپ تىرىشىشىڭلار، ئاچاڭلار تۆلىگەن بەدەلگە يۈز كېلەلىشىڭلار كېرەك. تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئاپاڭلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا قولايلىق بولۇشنى، ئاچاڭلارنىڭمۇ پۇرسەت بولسىلا مەكتەپ قوينىغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.