مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    تور سۇپىسى «e ئىجارە گۆھىرى»نىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسى تەكشۈرۈلدى

    ئايگۈل2016-02-01 17:53:19خەلق تورى

        بىر يېرىم يىلدا 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان، زىيانغا ئۇچرىغان مەبلەغ سالغۇچىلار مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە تارقالغان. 14-يانۋار، بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان « eئىجارە گۆھىرى» (e زۇباۋ) سۇپىسىنىڭ 21 نەپەر دېلوغا چېتىشلىق خادىملىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «e ئىجارە گۆھىرى» سۇپىسىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى، يۈچېڭ گۇروھى مۇدىرىيىتىنىڭ ئىجائىيە رەئىسى دىڭ نىڭ مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش، ئاممىۋىي ئامانەتنى قانۇنسىز جەلپ قىلىش، قانۇنسىز قورال ساقلاش ۋە باشقا جىنايەتكە چېتىشلىق بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قايسى جايلاردىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىمۇ بۇ دېلوغا چېتىشلىق بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.