مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    لى كېچياڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى چوڭلار بىلەن تۈگرە يېدى

    توخنىياز ئىسمائىل2016-02-01 16:59:13تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شىنخۇا تورى، بېيجىڭ 1-فېۋرال تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-فېۋرال نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى يۈەنجوۋ رايونلۇق مەركىزىي ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كېلىپ ياشانغانلار بىلەن بىرلىكتە تۈگرە يەپ چاغاننى تەبرىكلىدى. زۇڭلى يېنىدا ئولتۇرغان خۇيزۇ بوۋاي ما ئەنساڭ بىلەن ئۆي تامىقى يېگەچ پاراڭلاشتى ھەمدە ئۇنىڭغا بىر چىنە ئىسسىق تۈگرە ئۇسۇپ بەردى. ئارقىدىنلا، لى كېچياڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىسسىق چاي تۇتۇپ، بارلىق چوڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، بەخت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىدى.