مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    بەرىكەت يولى

    بۇئايشەم2016-02-01 16:24:30شىنجاڭ گېزىتى

        نۇرئەخمەت نۇرامبەگ

       غۇلجا شەھىرى تونۇرچى كوچا رەستىسى ‹‹بەخت گۈللۈكى›› ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۇدۇلىدا يېڭىدىن ئېچىلغان ‹‹بەرىكەت›› قوي – كالا گۆشلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا يېقىندا كىرگىنىمدە، دۇكان ئىچىنىڭ پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقى، گۆشلەرنىڭ تۈرى بويىچە ئېسىلغانلىقىنى كۆردۈم. ‹‹بەرىكەت›› ماركىسى چۈشۈرۈلگەن خىزمەت كىيىمى كىيگەن خۇشخۇي قاسساپ يىگىت مېنى تەبەسسۇم بىلەن كۈتۈۋالدى.

        ئاكا، گۆشىمىز ھەقىقەتەن ئېسىل، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە، بىر يەپ باقسىڭىز گۆشىمىزدىن مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەيسىز، دېدى ئۇ گەپدانلىق بىلەن.

        دۇكان خوجايىنى ئابدۇغېنىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹بەرىكەت›› قوي – كالا گۆشلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى شىنجاڭ ‹‹بەرىكەت›› چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكا شىركىتى گۆش بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئەسلىدىكى غۇلجا ناھىيە ‹‹باياشات›› يەم – خەشەك زاۋۇتى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىكەن. شىركەت 2013 – يىلى غۇلجا ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي سانائەت رايونىدا ئاپتوماتلاشقان، يىلىغا 35 مىڭ توننا دانچە يەم، 700 مىڭ توننا ئۇۋاق تولۇقلىما يەم ئىشلەپچىقىرىدىغان 50 مو كۆلەمدە زامانىۋى كارخانا قۇرۇپتۇ. شىركەت يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدىن نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، خىمىيەلىك خۇرۇج ئىشلەتمەي، تەبىئىي، زىيانسىز خام ماتېرىياللار بىلەن يېشىل، ئورگانىك يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپتۇ ھەم ئىلغار تېخنىكا قوللىنىپ، بىرنەچچە يىل تەجرىبە قىلىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قوناق شېخى، تاغ چۆپى، بېدە بىلەن تولۇقلىما يەمنى بىرلەشتۈرۈپ باھاسى ئەرزان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دانچە يەم ئىشلەپچىقىرىپتۇ، بۇ يەملەر باقمىچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ. ھازىر شىركەت يىلىغا 600 مىڭ مو يەردىكى قوناق شېخىدىن يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ تۈر غۇلجا ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئويناۋېتىپتۇ.

        شىركەت يېشىل، ئورگانىك يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يېزىسى ھېدىليۈزى كەنتىدىكى باقمىچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇلتۇر 8 – ئايدا 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ‹‹بەرىكەت›› دېھقانلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپتۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە باقمىچىلارنىڭ زامانىۋى باقمىچىلىققا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن كوپىراتىپنىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا يولۇقۇپتۇ، ئەمما شىركەت بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويۇۋەتمەي، ئىلىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس›› ئەخمەت روزىنى تەكلىپ قىلىپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىق يولىغا مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىپتۇ، بۇنىڭ بىلەن كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەسىدە بۇرۇلۇش بولۇپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش يولىغا مېڭىپتۇ.

        ‹‹بەرىكەت›› دېھقانلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى تەۋرىز سەيپۇللا مۇنداق دېدى: كوپىراتىپقا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئەمگەك كۈچى تېجىلىپ، كۆپ مالنى ئاز ئادەم باقىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، ئەمگەك كۈچى چىقىمىنى تېجەپ قالدۇق. كوپىراتىپ يەنە بىر تۇتاش سېتىپ چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردى، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىمىز سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر كوپىراتىپقا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

        غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار يېزىسى ‹‹بەرىكەت›› قوي – كالا گۆشلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى قوي – كالا گۆشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى قاتتىق نازارەت قىلغاچقا، ‹‹بەرىكەت›› قوي – كالا گۆشلىرىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

        شىنجاڭ ‹‹بەرىكەت›› چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى نەپكە ئىگە قىلىمىز، يېشىل، ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلقىمىزنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ئىشەنچلىك گۆش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز ھەم بۇ ئارقىلىق ئىلىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلىنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.

        