مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش ۋە چىڭ تۇتۇش كېرەك

    بۇئايشەم2016-02-01 12:10:12شىنجاڭ گېزىتى

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 29 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدا 30 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ باش ۋەزىپىسى ۋە تۇتقىسىدۇر. ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىنى دەل جايىدا توغرا تۇتۇش ھەم چىڭ تۇتۇش ‹‹13 – بەش يىل››دا تەرەققىياتنى ياخشى باشلاش، ياخشى باشلىنىش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش ئۈچۈن كۆڭۈلدە سان بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ھەرىكەتكە كېلىشتە تەدبىرلىك بولۇش، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش ئىرادىسى، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تۈرتكە بولۇش، ‹‹13 – بەش يىل››دىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇ – قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

        ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش قىلدى ھەم خىزمەت تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ۋاڭ ياڭ، جاڭ چۈنشيەن، خەن جېڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۇقتىلىق سۆز قىلدى.

         شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: مۇھىم نۇقتىنى چىڭ ئىگىلەش ئارقىلىق يۈزەكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالەتتىن تەڭپۇڭ ھالەتكە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دېئالىكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ تەلىپى بولۇپ قالماي، يەنە پارتىيەمىز ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات تارىخىي مۇساپىسىدە ئىزچىل تەشەببۇس قىلغان ھەم چىڭ تۇرغان نۇقتىدۇر. ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، يېڭىچە تەرەققىيات ئېڭى، بەش چوڭ تايانچ خاراكتېرلىك سىياسەت، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەش كېرەك.

        شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزمدۇر. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە تۇرۇش ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى تېخى ئۆزگەرگىنى يوق، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق ئىختىلاپ ئىكەنلىكىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن تەرەققىياتتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش 1 – مۇھىم ۋەزىپىسىنى پۈتۈن زېھنىمىزنى يىغىپ چىڭ تۇتۇشنى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم، تېخىمۇ باراۋەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى تۈزۈم كاپالىتى ۋە مۇھىت شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

        شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ھەم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، شۇنىڭدەك ھەر بىر ‹‹ئومۇميۈزلۈك››نىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بار، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئومۇمىي تاكتىكىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىدۇر. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››نىڭ بىر – بىرىگە ماسلىشىشى، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بىر – بىرىنى تولۇقلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

        شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات كۈچەش نۇقتىسى بولۇپ، ئومۇمىيەتنى، نېگىزنى، يىراق كەلگۈسىنى باشقۇرۇش يۆنىلىشىدۇر. بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئىزچىللىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر بىر تەرەققىيات ئىدىيەسىدىمۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ھەر بىر ئىدىيەنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. بۇ بىزدىن چوڭقۇر تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش، يۈزەكى ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلىش، چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، يولغا قويۇشقا بولىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەر ۋە خىزمەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قوماندانلىق تايىقى، قىزىل – يېشىل چىراغ. پارتىيەدىكىلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىزچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى، ماسلاشمايدىغان، ماس كەلمەيدىغان، ھەتتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە خىلاپ تونۇشلارنى دەررۇ تۈزىتىشى، ماسلاشمايدىغان، ماس كەلمەيدىغان، ھەتتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىشى، ماسلاشمايدىغان، ماس كەلمەيدىغان، ھەتتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە خىلاپ ئۇسۇللارنى ئۈزۈل – كېسىل چەكلىشى كېرەك.

        شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم، كەسىپلەر سىياسىتى توغرا، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي، ئىجتىمائىي سىياسەت ئاساس بولىدىغان سىياسەت بىرىكمىسى شەكىللەندۈرۈش ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بەش چوڭ تايانچ خاراكتېرلىك سىياسەتتۇر. بۇ بەش چوڭ سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ تەمىناتتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ‹‹13 – بەش يىل››دىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئومۇمىي تەلەپنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىللە، تەمىناتتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىسكىلات زاپىسى، پىشاڭنى قىسقارتىش، تەننەرخنى ئازايتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنىڭ تەلەپ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشچانلىقى ۋە جانلىقلىقىنى كۈچەيتىش، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

        شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈك، بولۇپمۇ ئاساسىي كەمتۈكلۈك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قەرەلىدە يېتىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىل، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاش زۆرۈر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى بىزدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك بولۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە چىڭ تۇتۇش، 2020 – يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ھەر تەرەپتىن چوڭقۇر تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنىڭ نېمىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، پۇختا تەپەككۇر يولى، تەدبىرى ئارقىلىق كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلىشى، كەمتۈكلۈكنىڭ خىزمەتكە تەسىر كۆرسىتىشىدىن، بەلگىلىگەن نىشانغا يېتىشكە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، كەلكۈن كەلگۈچە توغان تۇتۇشى، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشى، خەۋپنى نازارەت قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ھەر ئىشقا جاۋابكار بولۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇل بولۇشى، دادىل زىممىسىگە ئېلىشى، خەۋپنىڭ ئالدىنى پائال ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ، خەۋپنى بايقىشى ھەم تۈگىتىشى كېرەك.