مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    باغداۋلەتنىڭ توي خېتى

    بۇئايشەم2016-02-01 11:57:16شىنجاڭ گېزىتى

      دۇڭ لياڭ، ياڭ شۇخەن

        ‹‹مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە توي خېتى ئېلىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە!››

        تاراتقۇلار مەركىزىدىكى قازاق پىدائىي باغداۋلەت 26 – يانۋار ئاخىر توي خېتى ئالدى. مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سانجى مۇسابىقە رايونىدىكى تاراتقۇ مەركىزىدە باغداۋلەتنى تونۇمايدىغانلار يوق دېيەرلىك. ھەر كۈنى مۇخبىرلار تاراتقۇلار مەركىزىگە تېخى كەلمەستە، باغداۋلەت سۇ توشۇپ، ئۈستەللەرنى تىزىپ، تېلېۋىزورنى تەڭشەپ، تورنى تەكشۈرۈپ، مۇخبىرلارغا قولايلىق يارىتىدۇ.

        29 ياشلىق باغداۋلەت ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇپ، جېجياڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، ھازىر فۇكاڭ شەھەرلىك تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ بۇ قېتىم مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سانجى مۇسابىقە رايونىدا تاراتقۇلار مەركىزىنىڭ تەشۋىقات ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.

        ئۇ لايىقى بىلەن خېلى بۇرۇنلا توي خېتى ئېلىشقا پۈتۈشكەن، لېكىن باغداۋلەتنىڭ خىزمىتى تۈپەيلى بۇ ئىش ئىزچىل ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەلگەنىدى. ‹‹ئۈچ كۈن ئىچىدە يەنە توي خېتى ئالمىساق، توي قىلمايلى!›› باغداۋلەت مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ، لايىقىغا كۆپرەك تېلېفونمۇ بېرەلمىگەچكە، لايىقى ئاخىر ئۇلتىماتۇم چىقىرىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

        ‹‹مەن ئىزچىل مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە توي خېتى ئېلىشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم، بۇنداق بولغاندا كېيىن ئەسلىگىنىمىزدە تېخىمۇ گۈزەل تۇيغۇغا چۆمىمىز›› دېدى باغداۋلەت. باغداۋلەت ئاخىر 26 – يانۋار ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ، لايىقى بىلەن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ توي خېتى ئالدى ھەم تاماق يېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى.

        باغداۋلەتنىڭ لايىقى سېسترا بولۇپ، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدۇ. ‹‹دائىم ئۇنى مەن ئىزدەيمەن، ئۇ ئالدىراش بولۇپ كەتسە، مېنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ، بەزىدە ئاچچىقىم كېلىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيدۇ!›› دېدى باغداۋلەتنىڭ لايىقى.

        باغداۋلەت مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈندە توي خېتى ئالغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېس قىلىمەن، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بەختىمىزنىڭ شاھىتى.

        ئەمەلىيەتتە، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سانجى مۇسابىقە رايونىدا باغداۋلەتكە ئوخشاش ئالدىراش ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن خىزمەتچى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاغرىپ قالسىمۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلمىغانلار، ئەر – خوتۇن ئىككىلىسى مۇسابىقە رايونىدا ئىشلەپ، بالىلىرىغا قارىيالمايۋاتقانلار بار...

        