مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    سەھنىدە قىزىل گۈل شۇنداق ئېچىلدى!

    بۇئايشەم2016-02-01 11:57:18شىنجاڭ گېزىتى

     خالىدە ئوبۇل

       - قاراڭلار، ئۇلار بېشىغا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىم كىيىپتۇ، نېمە دېگەن چىرايلىق – ھە!

        28 – يانۋار چۈشتىن كېيىن فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇز ئۈستى ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى باشلاندى. بېشىغا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىم كىيگەن زۇ بىنشىن بىلەن ۋاڭ مېڭ ئىككىنچى بولۇپ مەيدانغا چىقتى، ئۇلار شەرقىي شىمالدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بولۇپ، بۇ قېتىم شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقانىدى. مىللىيچە كىيىم – كېچەك بۇ ئىككىسىگە شۇنچە ياراشقان بولۇپ، مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ‹‹گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل›› دېگەن مۇزىكا باشلىنىشى بىلەن، ئىككىيلەن لەرزان تېيىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. بولۇپمۇ زۇ بىنشىننىڭ ئۇچىسىدىكى قىپقىزىل كۆڭلەك كىشىگە بەئەينى قىزىلگۈلنى ئەسلىتەتتى. مىللىيچە ئۇسسۇل كىرىشتۈرۈلگەن بۇ مۇز ئۈستى ئۇسسۇلى بەكمۇ جانلىق، نەپىس ئوينالدى. تېز سۈرئەتتە پىرقىراش ھەرىكىتىدە ئىككىيلەن قەدەملىرىنى يېنىك ئېلىپ، بۇ قىيىن ئۆتكەلنىمۇ ھەر ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئاخىرىدا ئۇلار 99.54 نومۇرغا ئېرىشىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئون جۈپ ماھىر ئىچىدە 9 – بولدى.

        مۇسابىقىدىن كېيىن، ۋاڭ مېڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق تاماشىبىنلار بەكمۇ قىزغىن ئىكەن، بۇ ماڭا زور ئىلھام بولدى. ‹‹گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل›› دېگەن مۇزىكىنى تاللىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ سەھنىدە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايان قىلىش ئىدى. بۇ يىل 7 – ئايدىن باشلاپ ھەمراھىم بىلەن بىللە كەسپىي ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆگىنىپ مەشققە كىرىشكەنىدۇق. بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى سەۋىيەمنى جارى قىلدۇردۇم، دەپ ئويلايمەن. بۇ سارايدىكى مۇزنىڭ سۈپىتىمۇ بەك ياخشى ئىكەن، مۇز ئۈستىدە ناھايىتى راۋان چۆرگىلىدىم. ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولساقمۇ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن شىنجاڭ خەلقىگە، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى تاماشىبنلارغا بۇ ئۇسسۇلنى سۇندۇق، بۇ مەن ئۈچۈن زور ئۇتۇق.

        زۇ بىنشىن مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى›› پىروگراممىسىدا شىنجاڭلىق ئۇسسۇلچى گۈلمىرە مۇھەممەدنىڭ مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىغىنىنى كۆرۈپ، بۇ نەپىس ۋە گۈزەل ئۇسسۇلغا بەك قىزىققانىدىم. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىللىيچە ئۇسلۇب كىرىشتۈرۈلگەن بۇ مۇز ئۈستى ئۇسسۇلىنى كۆپچىلىك ئالدىدا نامايان قىلالىغانلىقىمدىن بەك خۇرسەنمەن. قوش كىشىلىك مۇز ئۈستى ئۇسسۇلىدا ماسلىشىش بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن، ۋاڭ مېڭ مەندىن كۆپ تەجرىبىلىك، شۇڭا ئۇ ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، مېنى يېتەكلەپ ماڭدى. تاماشىبىنلاردا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرالىغانلىقىمدىن خۇشالمەن.

        ئۇلارنىڭ تىرېنېرى گاۋ گې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، چوقۇم مىللىي رايوننىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، يېڭىلىق ياراتساق بولغۇدەك، دەپ ئويلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ‹‹گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل›› دېگەن ھەممىگە تونۇشلۇق مۇزىكىنى تاللىدۇق. مۇسابىقىدە ئىككى ماھىرنىڭ ئىپادىسى خېلى ياخشى بولدى، گەرچە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، جانلىق ۋە جۇشقۇن روھىي قىياپىتىمىزنى نامايان قىلدۇق.

        خانىپە بىكەلسىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەركىزىدىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، دوستلىرى بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆرۈشكە كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇ بىنشىن بىلەن ۋاڭ مېڭ چىمەن دوپپا ۋە مىللىيچە كىيىم كىيىپ مەيدانغا چىققاندا، ھەممەيلەن خۇش بولۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتۇق، شۇ كىيىم – كېچەككە ماس ھالدا بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى ‹‹گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل›› دېگەن مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىۋېدى، كۆزۈمگە خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىلگۈلدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇلار تاماشىبىنلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايان قىلدى، بىز بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق. ئۇلار يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، مېنىڭ نەزەرىمدە يەنىلا ئىنتايىن سۆيۈملۈك.

        (ئازاد يۈسۈپجان فوتوسى)

        