مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

    رەنا2016-01-31 12:34:56شىنجاڭ گېزىتى

        يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋاللار دوكلاتى»غا قاراپ چىقىلدى

     

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 - يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 29 - يانۋار يىغىن ئېچىپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋاللار دوكلاتى»غا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

      يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 2015 - يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، 2016 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچى −− پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغاندىلا، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرگىلى، مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

      يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تەرەققىياتتىن ئىبارەت 1 - مۇھىم ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «13 - بەش يىل»نى تىرىشىپ ياخشى باشلىشىمىز كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى ئۆز مەسئۇلىيىتى، ئورنىغا ئاساسەن، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، كۈچنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە، نەزەرىيە قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېڭىشىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

      يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى. 