مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ نوپۇزىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى

    مەۋلۇدە2016-01-29 15:38:32تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پەرھات مىجىت خەۋىرى، فوتوسى: شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىجرا خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ نۇپۇزىنى ئۈنۈملىك قوغدىدى.

        شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2015-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە ئىجرا دېلولىرىدىن 940پارچىنى قوبۇل قىلىپ، 715پارچە دېلونى تاماملاپ، قوبۇل قىلىش، تاماملاش نىسبىتىنى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %402.67 ۋە %282.35 ئاشۇردى. ئەمەلىيلەشكەن ئىجرا سوممىسى 13مىليون 263مىڭ يۈەن بولدى. مەملىكەتلىك ئىجرانى توردا تەكشۈرۈپ تىزگىنلەش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ سىستېما ئارقىلىق تەكشۈرۈلگەن ئىجرا دېلولىرىنى 197پارچە 222ئادەمگە يەتكۈزدى. تەكشۈرۈلگەن سومما 780مىڭ يۈەن بولدى.ھېساباتى سىستېمىدا توڭلىتىلغان دېلو توققۇز پارچە، سوممىسى 50مىڭ يۈەن بولۇپ، توققۇز پارچە دېلونىڭ ئىجراسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياقلاشتۇردى.لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، 130نەپەر لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچى ۋە ئۈچ نەپەر قانۇنىي ئىگىنى ئاشكارىلاپ، بىر نەپەر لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىدى.