مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش قالايمىقانچىلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

    مەۋلۇدە2016-01-28 16:10:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد توختى خەۋىرى: كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ ، شوپۇرلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناش قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، تۈرلۈك قاتناش ھادىسىلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتتى .

        كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى دۆلەت يولى 314- لىنىيە بويىغا جايلاشقان بولۇپ ، بۇ يولدا قاتنايدىغان بىر قىسىم شوپۇرلاردا ئاپتوموبىلغا نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىپ ، يۈك ئۈستىگە ئادەم ئالىدىغان ، بىر- بىرى بىلەن يول تالىشىدىغان ، رەسمىيىتى تولۇق بولمىغان ئەھۋالدا ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان ، خالىغان جايدا ئاپتوموبىل توختىتىدىغان ، ئاپتوموبىللارنى تېز سۈرئەتتە ھەيدەيدىغان ۋە باشقا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ئەھۋاللار سادىر بولۇپ كەلگەنىدى . ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، تەشۋىقات خىزمىتىنى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ باردى . 2015-يىلنىڭ بېشىدىن دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە ناھىيە بازىرى ، دۆلەت يولى 314- لىنىيەسى، ئاچال يېزىسى، كەلپىن بازىرى،يۈرچى يېزىسى،گەزلىك بازىرى،ناھىيىلىك1-ئوتتورامەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش تەرتىپى، قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ نومۇر خاتىرىلەش چارىسى، يول قاتناش باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىقلارنى كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلىپ، تەخمىنەن 20 مىڭ ئادەم – قېتىمنى تەربىيەگە ئىگە قىلدى . ئاممىغا يۇقارقى مەزمۇنلاردىكى تەشۋىقات ۋەرەقچىسىدىن 10مىڭ پارچە تاقاتتى . 4000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. ئۇلار يەنە تەربىيەنى ئاساس ، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىپ ، قائىدىگە خىلاپ يول يۈرگەن 463 نەپەر شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە تۇتۇپ قالدى . 11 قارار كۇرس ئېچىپ ، ئۇلارنى تەربىيەلەپ، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %95 يەتكۈزدى.