مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئۈندىدار توپىدا شەھۋانىي كۆرۈنۈش تارقاتقانلار قولغا ئېلىندى

    ئامانگۈل2016-01-27 12:11:24شىنجاڭ گېزىتى

       ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىرەيلەن مەلۇم ئۈندىدار توپىدا شەھۋانىي كۆرۈنۈشتىن 100 نەچچىنى تارقاتقان. ئۈندىدار توپىنى قۇرغۇچى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىشنى توسىماستىن، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپقان. بۇ ئىككىيلەن يېقىندا شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقانلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان. دېلو بېجىرگۈچى تەپتىشنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دېلو ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۈندىدار توپىدا شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقانلىق سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان تۇنجى دېلو ئىكەن.

       جاڭ X  2015– يىلى 4 – ئايدا بىر ئۈندىدار سۇپىسى قۇرغان. ئۈندىدار توپىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا كۆرسىتىشى بىلەن بۇ توپتىكىلەرنىڭ سانى 500 گە يېقىنلاشقان. ۋۇ X بۇ توپنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئائىلىدە ئىش كۈتۈپ يۈرگەچكە، ئائىلىسىدە كۈنبويى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغان. ۋۇ X مەلۇم ئالاقە تورىدا شەھۋانىيلىققا ئائىت نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزى قاتنىشىۋاتقان ئۈندىدار توپىغا كۆچۈرۈپ تارقاتقان ھەم ئۈندىدار توپىدىكىلەرنى چېكىپ كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن. ‹‹پاراۋانلىق كۆرۈنۈشى، كۆرمىسىڭىز پۇشايماندا قالىسىز›› دېگەن گەپ بىلەن بۇ شەھۋانىي كۆرۈنۈش توپ ئىچىدە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلغان. بەزىلەر ‹‹كۆپرەك تارقاتقىن›› دەپ دوست تارتىشىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ۋۇ X تېخىمۇ ئەدەپ، بىر مۇنچە مەنبەدىن شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەرنى كۆچۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر ئۈندىدار توپىغا تارقاتقان.

       بۇ توپنىڭ باشقۇرغۇچىسى جاڭ X ۋۇ X نىڭ بۇ تۈردىكى كۆرۈنۈشلەرنى توپلاش يولىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاستىرتىن سودىلىشىپ، بۇ ئىشتىن مەنپەئەت ئېلىشنى پىلانلىغان. جاڭ X مۇنداق دېگەن: ‹‹بىز ئەزا بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويايلى، كۆرۈنۈشنى كۆرمەكچى بولغان ئەزالار ھەر ئايدا ئازراق <بەدەل> تۆلىسۇن، تۆلىمىگەنلەرنى توپتىن چىقىرىۋېتەيلى. مەن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولاي، سەن مەنبە ئىزدەشكە مەسئۇل بول، تاپقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا بېرىمەن›› دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن جاڭ X توپتا ئېلان چىقىرىپ، توپتا مەنبەدىن داۋاملىق بەھرىلىنىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئايدا توپنى باشقۇرغۇچىسىغا 50 يۈەن قىزىل بولاق ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئېيتقان.

       يەتتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە ۋۇ X 100دىن ئارتۇق شەھۋانىي كۆرۈنۈشنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان، بۇنىڭدىن جاڭ X 3500 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغان. توپ ئىچىدىكى 500دىن ئارتۇق ئەزادىن شاللاش ئارقىلىق 170 كىشى قالغان.

       ساقچىلار 2015 – يىلى 17 – نويابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا جاڭ X نى قولغا ئالغان، ۋۇ X مۇ شۇنىڭدىن كېيىنلا تورغا چۈشكەن.

    (ئۆز خەۋىرىمىز)