مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    شوپۇرنىڭ يوللىرى شۇ قەدەر ئاپپاق

    بۇئايشەم2016-01-26 12:20:14شىنجاڭ گېزىتى

        قۇمۇل شەھىرىدىن 130 كىلومېتىر كېلىدىغان خىلۋەتتىكى تاغلىق كەنت تاشۋېلىق يېزىسىنىڭ شوپۇل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر توخسۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە كەنت قىياپىتىدە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاسمان – زېمىن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئاڭلاپ شوپۇل كەنتىدە زىيارەتتە بولۇش ئىستىكىدە بۇلتۇر دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئەنۋەر توخسۇننىڭ يول باشلىشى بىلەن شوپۇلغا قاراپ يولغا چىقتۇق.

        ئەنۋەرنىڭ قولىدىكى يان تېلېفون توختىماي سايراپ تۇردى. ئۇنىڭغا ھېلى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن، ھېلى سۇچىلىق ئىدارىسىدىن تېلېفون كەلسە، ھېلى توك باشقۇرۇش پونكىتىدىن تېلېفون كېلەتتى. 50 كىلومېتىردەك يولنى بېسىپ بۇلۇڭتوغراق يېزىسىغا بارغىنىمىزدا قار توختاپ، كۆز ئالدىمىزدا چەكسىز كەتكەن قارلىق دالا نامايان بولدى. بىز بىلەن سەپەرگە چىققان ئەنۋەرنىڭ خىزمەتدىشى سىراجىدىندىن يول بويى ئەنۋەر ۋە شوپۇل كەنتى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

        ئىلگىرى تاشۋېلىق يېزىسىنىڭ خوتۇنتام كەنتى ۋە بۇلۇڭتوغراق يېزىلىرىدا ئىشلەپ يېزا خىزمىتىگە خېلى پىشىپ قالغان ئەنۋەر توخسۇن 2014 – يىلى سېنتەبىردە تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە چېچىلاڭغۇ، ئاجىز كەنت، دەپ ئاتالغان شوپۇل كەنتىنىڭ كەنت تەشكىلىي قىياپىتىنى ئوڭشاشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قالايمىقان، توپا – چاڭ باسقان، كونا ئۈستەل – ئورۇندۇقلار بىلەن تولغان ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇزاققىچە گەپ – سۆز قىلماي تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭسىزمۇ ‹‹شوپۇللۇقلار سىرتتىن كەلگەن كادىرنى سىغدۇرمايدۇ›› دېگەندەك گەپ – سۆزلەر ئەنۋەرنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ تۇراتتى. ھەتتا شۇ كۈنى ئەنۋەرنىڭ شوپۇلغا ‹‹باشلىق›› بولۇپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۇنىڭ ئانا جەمەت تۇغقىنىمۇ ئۇنىڭغا بۇ يەردە ئىشلىمەي قايتىپ كېتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. ئۇ ئىككى كۈن ئويلاندى. كىچىكىدىنلا چىداملىق، غەيرەتلىك چوڭ بولغان بۇ يىگىت ئاخىر تەشكىل ئۆزىگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قولىغا ئېلىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسا يېڭىپ، بۇ يۇرتتا بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشنى قارار قىلدى.

        شوپۇل كەنتىدە يول، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، ئىچىملىك سۇ قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولماسلىقى تۈپەيلىدىن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كەنت تەشكىلىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ، تەشكىلنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلمايدىغان، ھەتتا كادىرلاردىن نارازى بولىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ قالغانىدى.

        ئەنۋەر شوپۇل كەنتىگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇيغۇر ۋە قازاق چارۋىچىلار ئوتتۇرىسىدىكى يايلاق ماجىراسىدا 50 – 60 دەك ‹‹دەۋاگەر›› ئۇنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ ۋارقىراپ – جارقىراپ ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلدى، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ چاپىنىنى يىرتىۋەتتى. ئاساسىي قاتلامدا 18 يىل ئىشلەپ خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالغان ئەنۋەر ئېغىر – بېسىق بولۇپ، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، چارۋىچىلارغا ‹‹يايلاق قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ۋە ئۇلارنى قايىل قىلىپ، يايلاق ماجىراسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، دەسلەپكى ‹‹ئوق››نى دەل جايىغا تەگكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنۋەر ئۆزىنىڭ كىچىك پېئىل، چىقىشقاق، خۇش چاقچاقلىقى بىلەن يۇرتتىكى چوڭ – كىچىك ھەممەيلەنگە ياراپ قالدى.

        ئۇ كەنت خىزمىتىدىكى قاتمال ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېزىلىق پارتكومنىڭ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى مەسئۇللۇقىدىكى تەرتىپكە سېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بىلەن تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ جەرياندا يېزىلىق پارتكوم خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئاساسىي قاتلام تەجرىبىسى مول ئۈچ يېزا كادىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر ساقچىنى كەنت تەشكىلىي بەنزىسىگە كىرگۈزۈپ، تەرتىپكە سېلىش قوشۇنىنى كۈچەيتتى ھەم كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمەت لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، تۈزەش تەدبىرلىرى ۋە ۋاقىت چېكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. كادىرلارنى مەركەزلىك ئۆگىنىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش، مەخسۇس كۇرسقا قاتناشتۇرۇپ تەربىيەلەش، سىرتقا ئەۋەتىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلەرنى بىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ئەنۋەر توخسۇن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلىدى، ھەرقانداق مەسىلىنى ئامما ۋەكىللىرى مۇزاكىرىسى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى.

        ئەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى شوپۇل كەنتىدە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىش ئۈچۈن دېھقانلاردىن ئۈچ قېتىم مەبلەغ توپلانغان بولسىمۇ، قۇرۇلۇش باشلاش باسقۇچىغا كەلگەندە ئۆي ئورنىدا بىرلىككە كېلەلمەي، دېھقانلار قوشۇلماي، كادىرلارنىڭ بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا كۆزى يەتمەي، جۇغلانغان مەبلەغ دېھقانلارغا قايتۇرۇلغان ئىكەن.

        كەنت تەشكىلى 2015 – يىلى باھاردا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىش توغرىلىق يەنە بىر قېتىم دېھقانلارنىڭ رايىنى سىنىدى. قۇمۇلنىڭ باشقا جايلىرىدا شۇ يىلى پىلانلانغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى ئاساسەن سېلىنىپ بولۇنغان بولۇپ، پەقەت شوپۇل كەنتىدىلا بۇ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش قىيىنغا چۈشۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتاتتى. ئەنۋەر بىرقانچە كۈن ئويلىنىپ يۇرت چوڭلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن كەنتتىكى 42 پارتىيە ئەزاسىنى باشلامچى بولۇشقا يېتەكلەپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە ئاممىغا قايتا – قايتا خىزمەت ئىشلەپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشىدا 2015 – يىلى 7 – ئايدا ئىش باشلىدى. لېكىن ياز پەسلى قىسقا بولىدىغان بۇ يۇرتتا قۇرۇلۇشنى ۋاقتىدا پۈتكۈزۈش تولىمۇ تەسكە چۈشتى، چېقىپ – كۆچۈرۈش ئىشىنى كەنت كادىرلىرى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىر ئاي ئۆيىگە قايتماي چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى. نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بەدىلىگە سوغۇق چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىچىملىك سۇ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى يۈرۈشكەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن 94 يۈرۈشى ئاخىر ئۆز قەرەلىدە پۈتتى. كەنت ئاھالە كومىتېتى بۇلتۇر بىر يىلدا يەنە 760 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەنت شىپاخانىسى ۋە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار تۇرىدىغان ئۆي سالدى. 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چۆلدىكى 22 قۇدۇقنى رېمونت قىلىپ، ئادەم بىلەن چارۋىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل قىلدى، يوللارغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورناتتى. شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى ۋە شەھەرلىك مىللەت – دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1490 تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويى سېتىۋېلىپ نامراتلارغا تارقىتىپ بەردى. تۆگە قوتىنى ئېچىش رايونىدىكى 135 نامرات ئائىلىگە 1350 تۇياق ساغلىق، 147 نامرات ئائىلىگە 22 مىڭدىن ئارتۇق چۈجە تارقىتىپ بەردى. 250 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شوپۇل قاراڭغۇ كېچىك ئارامگاھىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. تۆگە قوتىنى باقمىچىلىق رايونىنىڭ سۇ – توك يوللىرىنى ئۆزگەرتتى، 55 دېھقان – چارۋىچىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىدى. كەنت بويىچە بۇ بىر يىلدا 9370 تۇياق قوي، 640 كالا بوردالدى، 4000 تۇياق قوي، 340 كالىنىڭ نەسلى ياخشىلاندى. بۇنىڭ بىلەن كەنتنىڭ بۇ بىر يىللىق يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 35 مىليون 20 مىڭ يۈەنگە، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 10 مىڭ 597 يۈەنگە يەتتى.

        بىز زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قۇمۇلغا قاراپ يولغا چىققىنىمىزدا كەچ كىرگەنىدى، كەينىمىزدە قېلىۋاتقان شوپۇل يولى ئايدىڭدا قار ئاستىدا ئاپپاق جۇلالىنىپ تۇراتتى...

        