مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    كوپىراتىپتىن كۆكلەۋاتقانلار

    بۇئايشەم2016-01-22 15:55:52شىنجاڭ گېزىتى

       قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزىسىدا يېقىندا مۇخبىرلىق قىلىۋېتىپ، يېزىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پونكىتىنىڭ باشلىقى قاھار ئابدۇراخماندىن راھەتباغ يېزىسىدا قۇرۇلغان ‹‹چىخاڭ›› يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، كوپىراتىپ مەسئۇلى لى زۇڭچىنى زىيارەت قىلدۇق.

        قاھار ئابدۇراخماننىڭ باشلىشى بىلەن ‹‹چىخاڭ›› يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشخانىسىغا بارغىنىمىزدا، تەخمىنەن تۆت مو يەردىكى ئازادە كوپىراتىپ ھويلىسىغا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىسكىلاتى ۋە كوپىراتىپ ئىشخانىلىرىنىڭ جايلاشقانلىقىنى كۆردۇق.

        -ياخشىمۇسىزلەر؟- دەپ بىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى 40 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىرەيلەن بىزنى ئىشخانىغا باشلىغاچ.

        بۇ كىشى كوپىراتىپ باشلىقى لى زۇڭچى بولىدۇ، دەپ تونۇشتۇردى قاھار ئابدۇراخمان، ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدۇ، ئۇيغۇرچە زىيارەت قىلساڭلار بولۇۋېرىدۇ.

        لى زۇڭچى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ راھەتباغ يېزىسىنىڭ شامال چارباغ كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلىقىنى، ھازىرمۇ كەنتتىكى ئۇيغۇر قوشنا – قولۇملىرى بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاچ، ‹‹چىخاڭ›› يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.

        لى زۇڭجى 2005 – يىلى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە بەش قېرىندىشى بىلەن 200 مو بوز يەر ئېچىپتۇ. ئاكا – ئۇكىلار باشقىلارنىڭ تىراكتورلىرىنى ئىشلىتىپ تېرىقچىلىق قىلغاندا تەننەرخنىڭ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، 2006 – يىلى 110 مىڭ يۈەنگە 90 تىپلىق تىراكتوردىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. دەل شۇ يىلى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىما سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئۇلار 28 مىڭ يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشىپتۇ. ئۇلار تىراكتور بىلەن ئۆز يېرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭمۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ ئوبدانلا كىرىم قىپتۇ. كېيىنچە 165 مىڭ يۈەنگە 120 تىپلىق تىراكتوردىن بىراقلا ئۈچنى سېتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ 65 مىڭ يۈەن تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كىرىمى يىلمۇ يىل كۆپىيىپتۇ.

        لى زۇڭچى يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يولى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دېھقانلارنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن 2012 – يىلى 8 – ئايدا 6 مىليون 280 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ‹‹چىخاڭ›› يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپتۇ ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپتۇ. كوپىراتىپ ئەزالىرىمۇ كۆپىيىپ 22گە يېتىپتۇ.

        2014 – يىلى بۇ كوپىراتىپ 135 تىپلىق تىراكتوردىن بىرنى سېتىۋالغانىدى، دەپ گەپ قىستۇردى قاھار ئابدۇراخمان، 2015 – يىلى چوڭ تىپتىكى كېۋەز، قوناق تېرىش ماشىنىسىدىن 12نى، چوڭ تىپتىكى دورا چېچىش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ 390 مىڭ يۈەن تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

        لى زۇڭچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كوپىراتىپ قۇرغاندىن كېيىن ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ، كىرىمىمۇ ئېشىپتۇ. ھازىر كوپىراتىپتا چوڭ – كىچىك تىراكتوردىن 22سى، چوڭ تىپلىق كومبايىندىن بىرى، 50تىن ئارتۇق چاتما سايمان بار ئىكەن. لى زۇڭچى ھازىرغىچە 2 مىليون 400 مىڭ يۈەن قىممىتىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ۋە چاتما سايمان سېتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىپتۇ. لى زۇڭچى يەنە كەنتتىكى سەككىز ئېشىنچا ئەمگەكچىنى كوپىراتىپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. كوپىراتىپنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى خىل بولغاچقا، ئۇلارغا ئىش قىلدۇرىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن. بۇلتۇر لى زۇڭچى كوپىراتىپ ئەزالىرىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىنى 600 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپتۇ.

        لى زۇڭچى ئۆزى بېيىغاندا ئەتراپىدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى ئۇنتۇمىدى. شامال چارباغ كەنتىدىكى 60 ياشلىق باھارگۈلنىڭ ئېرى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاچقا، بۇلتۇر ئەتىيازدا 24 مو يېرىگە كېۋەز تېرىشتا قىينىلىپ قالغانىدى. لى زۇڭچى كوپىراتىپنىڭ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەقسىز ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ كېۋىزىنى تېرىپ بەردى. شامال چارباغ كەنتىدىكى ئابلىز ئەۋەيدۇل 2014 – يىلى قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، لى زۇڭچى ئۇنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھەقسىز قىلىپ بەردى. ئۇ يەنە بۇلتۇر دېھقانلارنىڭ 1437 مو يېرىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يەرنى چوڭقۇر بوشىتىش تەلىپى بويىچە ھەقسىز ئاغدۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ يۇرتداشلىرىغا قىلىپ بەرگەن بۇنداق ساخاۋەتلىك ئىشلىرى كۆپ بولغاچقا، يۇرتداشلىرى ئۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار. لى زۇڭچىنىڭ ‹‹چىخاڭ›› يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھازىر قۇمۇل شەھىرى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كۆلەملەشكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ قالدى.

        ھازىر دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرى يىلدىن – يىلغا جايىغا ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، دېدى لى زۇڭچى ئاخىرىدا، بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇلازىمەت، تېخنىكا سەۋىيەمىزنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يېزىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز.

        