مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    نۇرئەخمەتنىڭ سەھەردىكى ئەھمىيەتلىك ئىشى

    ئامانگۈل2016-01-20 13:18:09شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇسالام قادىر

       2015 – يىلى 4 – سېنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت ئۈچ. سائەت قوڭغۇرىقىنىڭ قاتتىق جىرىڭلىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغانغان نۇرئەخمەت ئوسمان ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتا قىلدى – دە، خىزمەت كىيىمىنى كىيىپ، سۈپۈرگىسىنى كۆتۈرگىنىچە غۇلجا شەھىرىنىڭ ياشلار كوچىسىدىكى ئۆزى مەسئۇل تازىلىق رايونىغا كەلدى. قولىدىكى سۈپۈرگىنى يول بويىدىكى رېشاتكىغا يۆلەپ قويۇپ، ئانچە يىراق بولمىغان كوچا دوقمۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان گېزىت تاختىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. تاختىغا چاپلانغان ‹‹ئىلى گېزىتى››نىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىسىنىڭ 1 – بېتىدە تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات توغرىسىدىكى خەۋەر كۆركەم، رەڭدار جۇلالىنىپ تۇراتتى. ‹‹پاھ! نېمە دېگەن ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش بۇ! مانا قۇدرەتلىك دۆلەت دېگەن!››. ئۇ گېزىتتىكى ھەر بىر مەزمۇننى ئوقۇپ ھاياجانلاندى، چېھرىدە خۇشاللىق، ئىپتىخارلىق ھېسلىرى جىلۋىلەندى. ئۇ گېزىتتىكى چاسا ئەترەتلەرنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلىرىدىن پائالىيەتنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەسىرىنىڭ خېلى چوڭ بولغانلىقىنى بىلدى. ئۇ گېزىتكە بېرىلگەن ماقالە، سۈرەتلەرنى بىر قېتىم قايتىلاپ كۆردى – دە، رېشاتكىغا يۆلەپ قويغان سۈپۈرگىسىنى قولىغا ئېلىپ، چوڭ يول بويىنى تازىلاشقا باشلىدى.

       نۇرئەخمەت ئوسمان خىزمەتكە قاتناشقان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كوچا چىراغلىرىنىڭ يورۇقىدا شەھەر يوللىرىنى تازىلاپ، يول بويىدىكى گېزىت تاختىسىدىكى گېزىتنى ئوقۇشنى كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇردى.

       2014 – يىلى 1 – ئاي مەزگىلى ئىدى. غۇلجا شەھىدىكى خەلق باغچىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان گېزىت تاختىسىنىڭ ئالدىغا بىرنەچچە تازىلىق ئىشچىسى توپلىشىۋالغانىدى. نۇرئەخمەت ئوسمان ئۇلارغا ئۇيغۇرچە ‹‹ئىلى گېزىتى››دىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى.

       ـ قاراڭلار، ئىككى كۈندىن بۇيان ئوبلاستىمىزنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››ى كەينى – كەينىدىن ئېچىلىپتۇ. يىغىندا ئوبلاست باشلىقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، يېڭى بىر يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئەزا، ۋەكىللەرمۇ خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا يېڭى پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ.

       ـ نۇرئەخمەت ئاكا، بىز تازىلىق ئىشچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر يېڭى ئۇچۇر بارمىكىن قاراپ بېقىڭە، دېدى 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال.

      ـ مانا، ماۋۇ يەردە شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاش، تازىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدا مەزمۇنلار باركەن، دېدى نۇرئەخمەت.

       نۇرئەخمەت ئوسمان تازىلىق ئىشچىسى بولغاندىن تارتىپ ھەر كۈنى دېگۈدەك خىزمەتداشلىرىغا ‹‹ئىلى گېزىتى››گە بېسىلغان، ئۆزى سەھەردىلا ئوقۇغان مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئەتراپتىكىلەرمۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاپ، ئۆز تەسراتلىرىنى سۆزلىشەتتى.

       نۇرئەخمەت ئوسمان مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ بەختىيار تۇرمۇشىمىز ئاسان قولغا كەلمىگەن. مېنىڭچە پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى، باتۇرانە كۈرەش قىلىش روھىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا چامىمنىڭ يېتىشىچە خىزمەتداشلىرىمغا گېزىتتىكى مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىمەن. يېڭى خىزمەتكە چىققان چېغىمدا نەچچە يۈز يۈەنلا مائاش ئالاتتىم، ھازىر ئايلىق مائاشىم 1800 يۈەنگە يەتتى، ھۆكۈمەت يەنە بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇردى. كەسىپنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك پاكىز شەھەر بولۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن. مېنىڭچە ئادەم مەيلى قانداق شارائىت، قانداق ئورۇندا بولسۇن بىلىم ئىگىلەشنى توختىتىپ قويماسلىقى كېرەك. مەن بارلىق تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە بىلىمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.