مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ‹‹گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا››

    بۇئايشەم2016-01-18 13:03:36شىنجاڭ گېزىتى

        11 – ئاي ‹‹چامغۇر ماكانى›› كەلپىننىڭ چامغۇردىن مول ھوسۇل ئالىدىغان بەرىكەتلىك پەسلى. كەلپىن ناھىيەسى ئىقلىمى قۇرغاق، يېرى شور، سۇ مەنبەسى قىس بولۇش ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلىدىن دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە سانالسىمۇ، لېكىن بۇ ناھىيەنىڭ ئۈچ ‹‹گۆھىرى››، يەنى ئوغلاق – پاقلان گۆشى، تۆگە يۇڭى ۋە چامغۇرى يىراق – يېقىندا داڭ چىقارغان. ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى – قەشقەر تاشيولى بويىدىكى ئاچال بازىرىدا چامغۇر سودىسى قىزىپ كېتىدۇ. مەيلى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ماڭغانلار بولسۇن ۋە ياكى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ماڭغانلار بولسۇن بىر نەچچە خالتا چامغۇر سېتىۋالماي ماڭمايدۇ.

        ‹‹ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتىكى خاسىيەتلىك كۆكتات›› دەپ تەرىپلىنىدىغان ئاچال چامغۇرى ھەققىدە تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولۇپ، يېقىندا ئاچال چامغۇر ئىشلەپچىقىرىش دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەببەت ئابلا بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇم. ئاچالدا چامغۇرنى ئىلگىرى كىشىلەر تاماققىلا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، 500 – 600 مو يەرگىلا چامغۇر تېرىلاتتىكەن. كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يېقىندىن قوللىشى، دېھقان – چارۋىچىلارنى بېيىشقا يېتەكلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، مۇھەببەت ئابلا 2000 – يىلى ئاچال بازىرىدا 600 ئائىلىلىكتىن تەركىب تاپقان، 2000 مو چامغۇر تېرىلغۇ يېرى بار چامغۇرچىلىق جەمئىيىتىنى قۇرۇپتۇ. ھۆكۈمەت شۇ يىلى ئۇلارنى 150 مىڭ يۈەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپتۇ، ئەمما خېرىدارلار ئاچال چامغۇرىنى باشقا چامغۇرلاردىن پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكتىن، بازار بىر مەزگىل كاساتلىشىپ، چامغۇرچىلىق جەمئىيىتىمۇ نۇرغۇن زىيان تارتىپتۇ، ھەتتا قەرزلەرنىمۇ قايتۇرالماي ‹‹قويمىچى›› دېگەن ئاتاققىمۇ قاپتۇ. كېيىن مۇھەببەت ئابلا ئاچال چامغۇرىنى باشقا چامغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، 2007 – يىلى ‹‹ئاچال خۇشاللىقى›› دېگەن ماركىنى ئەنگە ئالدۇرۇپتۇ ۋە ‹‹ئاچال خۇشاللىقى›› ماركىسىدىكى چامغۇردىن بىر خالتا سۈپەتسىز چىقسا، ئون خالتا تۆلەپ بېرىش، شۇنداقلا ئاپىرىپ – ئەكېلىش كىراسىنىمۇ قوشۇپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپتۇ. چامغۇرچىلىق جەمئىيىتى مۇقىم باھا بېكىتىپ، مۇقىم باھادىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدىغانلار بولسا، دېھقانلار خالىغىنى بويىچە شۇ يەرگە سېتىپ بېرىش، بازار باھاسى چامغۇرچىلىق جەمئىيىتى بېكىتكەن مۇقىم باھادىن تۆۋەن بولسا، چامغۇرچىلىق جەمئىيىتى سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپتۇ. چامغۇرچىلىق جەمئىيىتى يەنە ئۈرۈمچىدە ئاچال چامغۇرى بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، ‹‹لىڭ چىڭ›› كۆكتات توپ ۋە پارچە سېتىش بازىرىغا بېرىپتۇ. ئەمما بۇ بازاردا چامغۇرغا ھېچكىم قاراپ قويماپتۇ. ئاخىر كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن، ئۇلار چوڭ قازاندىن بىرنى سېتىۋېلىپ، بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چامغۇر بىلەن گۆشتە شورپا قىلىپ، كىشىلەرنى تېتىپ بېقىشقا ئۈندەپتۇ. بەزىلەر ئۇلارنى ساراڭغا چىقىرىپ ئۇلاردىن قاچسا، يەنە بەزىلەر قىزىقىپ تېتىپ بېقىپتۇ ۋە ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ، شۇ يەردىلا چامغۇرنى تالىشىپ سېتىۋېلىشىپ، چامغۇرنىڭ بازىرىنى قىزىتىۋېتىپتۇ.

        ئىستېمالچىلار چامغۇرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئاستا – ئاستا چامغۇرنىڭ بازىرى چىقىپتۇ. چامغۇردىن كۆڭۈلدىكىدەك كىرىم قىلغان دېھقانلار چامغۇرچىلىق جەمئىيىتىگە كۆپلەپ ئەزا بولۇپ كىرىشكە باشلاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ئابلا 2011 – يىلى چامغۇرچىلىق جەمئىيىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئۆزگەرتىپتۇ. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى 800 ئائىلىلىككە، چامغۇر تېرىلغۇ كۆلىمى 9000 موغا يېتىپتۇ. ئاچال چامغۇرى ھازىر ئۈرۈمچى، قاراماي، تۇرپان، غۇلجا، كورلا قاتارلىق جايلارغا سېتىلغاندىن سىرت، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، خۇنەن قاتارلىق 13 ئورۇندا ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇپتۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ كۆكتات سېتىش دۇكىنىدىن 140ىنى توختاملىق مال بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئومۇمىي كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىرلىق ئىشخانا، ئىسكىلاتتىن تەركىب تاپقان، 27 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان چامغۇر بازىسى قۇرۇپتۇ. چامغۇرنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 1000 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، يىللىق ساپ پايدىسى 10 مىليون 350 مىڭ يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ چامغۇردىن قىلغان كىشى بېشى كىرىمى 1530 يۈەنگە يېتىپتۇ.

        مۇھەببەت ئابلانىڭ جاپالىق ئەجرى ئاخىر مېۋە بېرىپ، 2013 – يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپى دۆلەت پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە 1000 ئىلغار كوپىراتىپ ئىچىگە كىرىپ، 200 مىڭ يۈەن بىلەن؛ 2014 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تەرىپىدىن 150 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىپتۇ. يەنە ناھىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ‹‹ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلغان ئۈلگىلىك ئورۇن››، ‹‹پەن – تېخنىكا ئارقىلىق بېيىغان ئىلغار ھەمكارلىق كوپىراتىپى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشىپتۇ.

        مۇھەببەت ئابلا پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن چامغۇرنىڭ ئۇرۇقلۇقىنى تاللاشتىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىپ سېتىشقىچە بولغان ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي ئورگانىك چامغۇر ئىشلەپچىقىرىپ، يېشىل تەبىئىي مەھسۇلات ماركىسى بەرپا قىلىمىز. تور ئارقىلىق سېتىش يولىنى ئېچىش، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلىنىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چامغۇردىن قىلغان كىرىمنىڭ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %40كە يەتكۈزىمىز. ئۈچ يىلدا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ناھىيەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

        مۇھەببەت ئابلا بىلەن بولغان سۆھبىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاچال بازارلىق خاسىيەتلىك بۇلاق ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لى جيەن بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 18 مو كۆلەمدىكى 30 نەچچە ئىشچى – خىزمەتچىسى بار بۇ شىركەت ئاساسلىقى ھۆل چامغۇر، چامغۇر ئۇرۇقلۇقىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىدىن ‹‹مەجۈنى چامغۇر››، ‹‹چامغۇر ئىچىملىكى››، ‹‹چامغۇر شەربىتى››، ‹‹چامغۇر تالقىنى›› قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى بازارغا ساپتۇ. چامغۇرنىڭ دورىلىق قىممىتى بولۇپلا قالماستىن، چامغۇر كۆكىنىڭمۇ دورىلىق قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا، ھازىر تەجرىبە باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.

        