مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سەمىڭىزدە بولسۇن

    ئاۋام ئارىسىدىكى ئۆز ئارا قەرز پۇل ئېلىشتىمۇ «ئۆز بېشىمچىلىق» قىلىشقا بولمايدۇ

    پەرغانە2015-08-19 17:53:36شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن

        ئىلاۋە: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ‹‹ئاۋام ئارىسىدىكى ئۆزئارا قەرز پۇل ئېلىش دېلولىرىغا قاراپ چىقىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››(تۆۋەندە ‹‹بەلگىلىمە›› دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 2015 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاۋام ئارىسىدىكى قەرز پۇل ماجىراسى دېلولىرىنى قاراپ چىقىشىنى تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك قانۇنىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

        يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ‹‹بەلگىلىمە››دە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ قايسى مەزمۇنلار پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؟ ئۆزئارا قەرز پۇل ئېلىشتا قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى سۇن ۋەنلىنى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

        ھەم قەرز پۇل ھۆججىتى، ھەم بانكا ئىسپاتى بولۇشى كېرەك

        جاڭ X بىلەن ۋاڭ X يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ۋاڭ X 2009 – يىلى 10 – ئايدا جاڭ Xتىن 150 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان. ۋاڭ X ئالغان قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىغاچقا، ئىككى تەرەپ 2011 – يىلى 8 – ئىيۇن: ‹‹مەنكى ۋاڭ X 2010 – يىلى 10 – ئايدا جاڭ X تىن 150 مىڭ يۈەن قەرز ئالدىم. ھازىر قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىم بولمىغاچقا، ئۆز نامىمدىكى بىر يۈرۈش ئۆي ۋە ھويلا – ئاراننى جاڭ Xكە قەرز ئالغان پۇلنىڭ ئورنىغا بەردىم›› دېگەن مەزمۇندا كېلىشىمنامە تۈزگەن ۋە باشقا گۇۋاھچىلارغىمۇ ئىمزا قويغۇزغان.

        ۋاڭ X 2013 – يىلى چاغاندا كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، جاڭ X ۋاڭ Xنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئالغان قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سۈيلىگەن، ئەمما ۋاڭ Xنىڭ خوتۇنى خې X ۋە قىزى ۋاڭ X تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن جاڭ X ۋاڭ X نىڭ خوتۇنى ۋە قىزى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.

        1 – سوتتا: جاڭ X ۋاڭ X بىلەن پۇل قەرز بېرىش ۋە قەرز ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولغاچقا، ۋاڭ X نىڭ خوتۇنى ۋە قىزىدىن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى يوللۇق. ۋاڭ X ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. يەنە ۋاڭ Xنىڭ قىزى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئاتا – ئانىسىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان.

        جاڭ X سوتنى قەرز پۇل ھۆججىتى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەدلىيە ئورگانلىرىنى كېلىشىمنامىدىكى ئىمزانى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ھاۋالە قىلغان، نەتىجىدە كېلىشىمنامىدىكى ئىمزانىڭ بۇ ھەق تەلەپ دېلوسىغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ئىمزاسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. خې X بىلەن ئۇنىڭ قىزى جاڭ X تىن پۇل قەرز ئالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەچكە، جاڭ X كە قەرز پۇلنى قايتۇرۇش ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بۇيرۇلغان.

        چۈشەندۈرۈش:

        يېڭى ‹‹بەلگىلىمە››دە: قەرز بەرگۈچى ئەرز قىلغاندا ئىسپات، تىلخەت، قەرز ھۆججىتى ياكى باشقا ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ ئىسپاتلار قەرز ئىگىسىنىڭ نامىدا بولمىسىمۇ، لېكىن ‹‹ئىسپات، تىلخەت، قەرز ھۆججىتى›› دېگەن مەزمۇننى ئىپادىلىشى كېرەك.

        ئوخشاشلا، ئەگەر قەرز قايتۇرغۇچى ئۆزىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، يەنىلا دەلىل – ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. قەرز ھۆججىتى بولغان ئىكەن، قەرز قايتۇرغۇچى تەرەپ قەرزنى قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما پۇلنىڭ ھېساباتقا كىرمىگەنلىكىگە مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرىشى كېرەك، قەرز بەرگۈچىمۇ بانكا ھېسابات تالونى ياكى باشقا ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەپ، قەرز قايتۇرغۇچىنىڭ قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. ئەگەر نەق پۇل شەكلىدە قەرز قايتۇرۇلغان بولسا، سوت مەھكىمىسى قەرز پۇل سوممىسى، قەرزنىڭ قايتۇرۇلۇش شەكلى، سودا ئادىتى، ھەقدارلارنىڭ مال – مۈلكىنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىق پاكىت ۋە ئامىللار ئۈستىدە ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.

        يىللىق ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %36تىن ئاشقان قىسمى جازانە ئۆسۈم دەپ بېكىتىلىدۇ

        ۋاڭ شىنشېڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، خۇڭ شىشىندىن ئارقا – ئارقىدىن 3 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇل قەرز ئالغان. ۋاڭ شىنشېڭ 2012 – يىلى 25 – ئاۋغۇست خۇڭشىشىنغا: 2012 – يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدا 700 مىڭ يۈەن، 10 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 500 مىڭ يۈەن قەرز قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. كېيىن ۋاڭ شىنشېڭ 2012 – يىلى 10 – سېنتەبىر 500 مىڭ يۈەن، 2013 – يىلى 11 – يانۋار 200 مىڭ يۈەن، 12 – ئاۋغۇست 200 مىڭ يۈەن، 2014 – يىلى 18 – ئىيۇل 300 مىڭ يۈەن قايتۇرغان، قالغان 1 مىليون 800 مىڭ يۈەننى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

        شۇنىڭ بىلەن خۇڭ شىشىن ۋاڭ شىنشېڭدىن قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتىنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆسۈم بىلەن جەمئىي 2 مىليون 866 مىڭ 666 يۈەن 67 پۇڭ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ۋاڭ شىنشېڭ: دەرۋەقە قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىدىم، ئەمما ساڭا 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنلا قەرزدارمەن، يەنە كېلىپ ئىككىمىز قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە ئۆسۈم قوشىدىغانلىق توغرىسىدا كېلىشىم تۈزمىگەن، شۇڭا قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىم يوق، دەپ تۇرۇۋالغان.

        سوت مەھكىمىسى 2 – سوتتا بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش ئارقىلىق پۇقرالار ئارىسىدىكى ئۆسۈمسىز ئېلىم – بېرىمدە، كېلىشىلگەن قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە قەرز ئالغۇچى ئۆز قەرەلىدە قەرزنى قايتۇرالمىغان بولسا ياكى قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى بېكىتمىگەن، ئەمما قەرز بەرگۈچى قەرزنى قايتۇرۇشنى سۈيلىگەن بولسىمۇ، قەرز ئالغۇچى يەنىلا قەرزنى قايتۇرمىغان بولسا، قەرز بەرگۈچى مۆھلەت ئۇزىراپ كەتكەن قىسمىغا ئۆسۈم ھېسابلاپ قەرز قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭغا قانۇندىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. 1 – سوتتا سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپ بېكىتكەن قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتى ھەم قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرزنى سۈيلىگەن ۋاقتىغا ئاساسەن، قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ھەم قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتى ئۇزىراپ كەتكەن ۋاقىتتىكى ئۆسۈم سوممىسىنى ھېسابلاپ، قەرز ئالغۇچى ۋاڭ شىنشېڭدىن قەرزنىڭ دىرىنى ھەم ئۆسۈمىنى قوشۇپ تۆلەش توغرىسىدا كېسىم چىقارغانىدى، 2 – سوتتا بۇ ھۆكۈم مۇۋاپىق بولغان، دەپ قارالغان.

        چۈشەندۈرۈش:

        يېڭى ‹‹بەلگىلىمە››دىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، ئىلگىرىكى ‹‹تۆت ھەسسىلىك ئۆسۈم›› قارىشى بىكار قىلىنغان. ‹‹بەلگىلىمە››نىڭ 29 –، 30 – ماددىسىدا قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى ‹‹تۆت ھەسسىلىك ئۆسۈم›› دەيدىغان بەلگىلىمە بىر تۇتاش ‹‹يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %24 تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ›› دەپ ئۆزگەرتىلدى، بۇ يەردىكى %24 قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ئۆسۈم، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جەرىمانىسى ياكى باشقا ھەق قاتارلىق بارلىق ھەقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ‹‹بەلگىلىمە››نىڭ 31 – ماددىسىدا: قەرز ئالغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆسۈمىنى قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن، دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى 3 – شەخسنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، قەرز بەرگۈچىنىڭ پايدىنى كۆزلەپ قوشۇۋالغان ئۆسۈمىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ››، سوت مەھكىمىلىرىمۇ قەرز ئالغۇچىلارنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %36تىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى تۆلىمەسلىكىنى قوللايدۇ، دەپ بەلگىلەندى. دېمەك، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %36تىن ئېشىپ كەتكەن قەرز پۇل بېرىش جازانىخورلۇق بولىدۇ.