مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك نىزاملار

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى

    بۇئايشەم2015-02-20 11:13:43شىنجاڭ گېزىتى

        (1998 – يىل 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىندا ماقۇللاندى، 2014 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىندا ئۆزگەرتىلدى)

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

        (10 – نومۇرلۇق)

        ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى›› 2014 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2015 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

        2014 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

        1 – ماددا بۇ نىزام يول تىرانسپورت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يول تىرانسپورت كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

        2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يول تىرانسپورت تىجارىتى، يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەر ۋە ئۇنى باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ نىزامغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

        ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يول تىرانسپورت تىجارىتى يول يولۇچى تىرانسپورت تىجارىتى، شەھەر يولۇچى تىرانسپورت تىجارىتى ۋە يول يۈك تىرانسپورت تىجارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        يول يولۇچى تىرانسپورتى نۆۋەتچى ئاپتوموبىل يولۇچى تىرانسپورتى، ھۆددە ئاپتوموبىل يولۇچى تىرانسپورتى، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ شەھەر يولۇچى تىرانسپورتى ئاممىۋى ئاپتوبۇس يولۇچى تىرانسپورتى، تاكسى يولۇچى تىرانسپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يول يۈك تىرانسپورتى ئادەتتىكى يۈك تىرانسپورتى، مەخسۇس يۈك تىرانسپورتى، چوڭ بۇيۇم تىرانسپورتى، خەتەرلىك يۈك تىرانسپورتى ۋە رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇم تىرانسپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەر يول تىرانسپورت بېكىتى (مەيدانى) تىجارىتى قىلىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش، ئاپتوموبىل ئىجارە بېرىش – ئېلىش، يۈك تىرانسپورتى ۋاكالەتچىلىكى قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        3 – ماددا يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇشتا قانۇنغا ئاساسلىنىش، لىللا، ئاشكارا، ئادىل، ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، مونوپول تىجارەت ۋە ناتوغرا رىقابەت مەنئى قىلىنىدۇ.

        يول تىرانسپورت تىجارىتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، لەۋزىدە تۇرۇشى، ئادىل رىقابەتلىشىشى، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا بىخەتەر، قولاي، ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

        4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يول تىرانسپورتى ۋە باشقا تىرانسپورتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشى، يول تىرانسپورتى جەھەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، يول تىرانسپورتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزىشى كېرەك.

        5 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش – تىرانسپورتقا مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

        ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ھەمدە شەھەر يولۇچى تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كونكرېت ئىشلەيدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى يول يولۇچى تىرانسپورتى، يول يۈك تىرانسپورتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كونكرېت ئىشلەيدۇ.

        تەرەققىيات – ئىسلاھات، مالىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، زېمىن بايلىقى، باج، سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تارماقلار يول تىرانسپورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

        6 – ماددا يول تىرانسپورت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

        يول تىرانسپورت تەرەققىيات يىرىك پىلانى شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى ۋە يول تىرانسپورت بېكىتى (مەيدانى)نى بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق تىرانسپورت ۋاسىتىلىرىنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورتنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

        7 – ماددا يول تىرانسپورتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپ تىجارەتچىلىرىنىڭ كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، شىركەتلەشكەن تىجارەتنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

        دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىلدىن پايدىلىنىپ يول تىرانسپورتى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

        8 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى، يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، يول تىرانسپورتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىنى سۈپەت – ئىناۋەت بويىچە باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

        2 – باب يول تىرانسپورت تىجارىتى

        9 – ماددا يول تىرانسپورت تىجارىتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن – نىزام ۋە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى، يول تىرانسپورت تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئېلىشى، ئىجازەتنامىدە بېكىتىلگەن مۆھلەت، دائىرە، خىل، تۈر، رايون ۋە سورۇن قاتارلىقلار بويىچە تىجارەت قىلىشى كېرەك.

        10 – ماددا نۆۋەتچى ئاپتوموبىل يولۇچى تىرانسپورتى، ھۆددە ئاپتوموبىل يولۇچى تىرانسپورتى، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتى ۋە شەھەر يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ تىجارەت مۇددىتى تۆت يىلدىن سەككىز يىلغىچە بولىدۇ. تىجارەت مۇددىتى توشقاندا، داۋاملىق تىجارەت قىلىشقا توغرا كەلسە، مۇددىتى توشۇشتىن 60 كۈن بۇرۇن ئىجازەت بەرگەن ئورۇنغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

        11 – ماددا نۆۋەتچى ئاپتوموبىل يولۇچى تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى يولۇچىلارنى ئاپتوموبىل بېلىتىدە كۆرسىتىلگەن ئاپتوموبىل نۆۋىتى، تىپى – دەرىجىسى، ۋاقتى، مەنزىلى بويىچە قاراپ توشۇشى، يول ئۈستىدە يولۇچى سېلىۋالماسلىقى كېرەك، ئاپتوموبىلدىن كاشىلا چىقىپ، نورمال يۈرۈشكە بولمىغاندا، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ياردەمگە دەرھال ئاپتوموبىل ئەۋەتىشى كېرەك.

        يۇقىرى سۈرەتلىك يولدا تاق مۇساپە بويىچە 600 كىلومېتىردىن، باشقا يولدا تاق مۇساپە بويىچە 400 كىلومېتىردىن يۇقىرى ماڭىدىغان يول يولۇچى تىرانسپورت قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق شوپۇرى بولۇشى، ھەر بىر شوپۇرنىڭ ئۇدا يول يۈرگەن ۋاقتى 4 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

        12 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا يولى يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەپ، شەھەر، يېزا يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

        يېزا يولۇچى تىرانسپورتىدا رايونلار ئارا تىرانسپورت تىجارىتى، ئايلانما تىرانسپورت، مەخسۇس لىنىيەلىك تىرانسپورت قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ؛ ئاممىۋى قاتناش تىجارىتىنى يولغا قويغان ھەمدە ئاممىۋى قاتناش مالىيە تولۇقلىمىسى ۋە باج – ھەق ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغانلار شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇس مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە بېلەت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

        13 – ماددا ئاممىۋى ئاپتوبۇس يولۇچى تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شۇ جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

        (1) تىجارەت كۆلىمىگە مۇناسىپ مەيدانى، ئەسلىھەسى ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تىجارەت ئاپتوموبىلى، مەبلىغى بولۇش؛

        (2) تەكلىپ قىلغان شوپۇرلىرى مۇناسىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئالغان بولۇشى، يېشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە بىرقەدەر چوڭ ۋەقەدىن يۇقىرى قاتناش جاۋابكارلىق ھادىسىسى خاتىرىسى بولمىغان بولۇشى؛

        (3) تىرانسپورت كەسپىگە ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ئاپتوموبىل رېمونتچىسى قاتارلىق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇشى؛

        (4) مۇكەممەل توشۇش مۇلازىمەت تۈزۈمى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

        (5) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. تاكسى يولۇچى تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

        ئىجازەت بېرىلگەن بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا شەھەر يولۇچى تىرانسىپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىلىدۇ، تىجارەت قىلىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىغا شەھەر يولۇچى تىرانسىپورت گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ.

        14 – ماددا تاكسىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە رەڭلىك بەلگە پۈركۈش، تاكسى بەلگە چىرىغى، تاكسىيومېتىر، بىخەتەرلىك مۇداپىئە قۇرۇلمىلىرى قاتارلىق مەخسۇس مۇلازىمەت بەلگىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا باھا ئۆلچىمى، تىجارەتچىنىڭ نامى، نازارەت قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى قويۇش كېرەك.

        تاكسىدىن باشقا ئاپتوموبىللارغا تاكسىنىڭ رەڭ بەلگىسى، بەلگە چىرىغى قاتارلىق تاكسىغا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان مۇلازىمەت بەلگىلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

        15 – ماددا تاكسى شوپۇرلىرى تىجارەت جەريانىدا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

        (1) تاكسى تىرانسپورت كىنىشكىسىنى ئاپتوموبىل بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرۈش؛

        (2) لاياقەتلىك تاكسىيومېتىر ئىشلىتىش ھەمدە تاكسىيومېتىردا كۆرسىتىلگەن سومما بويىچە ھەق ئېلىش ۋە تالون بېرىش؛

        (3) يولۇچىنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويماسلىق؛

        (4) سەۋەبسىز ئايلىنىپ ماڭماسلىق ياكى يولۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا يولۇچىلارنى سېلىۋالماسلىق؛

        (5) تاكسى قۇرۇق چاغدا يولۇچىنىڭ چىقىشىنى رەت قىلماسلىق؛

        (6) باشلىنىش، ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىكى ئىجازەت بېرىلگەن دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلماسلىق؛

        (7) قانۇن بويىچە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك باشقا بەلگىلىمىلەر.

        16 – ماددا تاكسى شوپۇرلىرى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان كىشىلەرنى سېلىۋېلىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق:

        (1) ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلىك ۋە باشقۇرۇلىدىغان تىغ قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرگەنلەر؛

        (2) ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمايدىغانلاردىن بىللە ماڭىدىغان ۋەسىيسى يوقلىرى؛

        (3) ئاپتوموبىلغا چىقىش مەنئى قىلىنغان يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىلغا چىقىشنى تەلەپ قىلغانلار؛

        (4) شەھەر رايونىدىن سىرتقا چىقىشنى تەلەپ قىلغانلاردىن شوپۇر بىلەن بىرلىكتە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى، ئامانلىق ساقلاش ساقچى قاراۋۇلخانىسىغا بېرىپ تىزىملىتىشنى رەت قىلغانلار.

        17 – ماددا يول يولۇچى تىرانسپورتى، شەھەر يولۇچى تىرانسپورت تىجارىتى قىلغۇچىلار يول تىرانسپورت تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن تىجارەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش توختامى تۈزۈشى، تىرانسپورت تىجارىتى ھەرىكىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى، تىرانسپورت بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى پۈتۈشۈشى كېرەك.

        يول يولۇچى تىرانسپورتى، شەھەر يولۇچى تىرانسپورتى تىجارىتى قىلغۇچىلار يولۇچىلارغا ياخشى ئاپتوموبىل مۇھىتى ھازىرلىشى، ئاپتوموبىلنى رەتلىك، پاكىز تۇتۇشى ھەمدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توشۇش جەريانىدا يولۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

        يول يولۇچى تىرانسپورتى، شەھەر يولۇچى تىرانسپورتى تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىل رادىيوسى ۋە تېلېۋىزوردا قانۇنسىز ئۈن – سىن ھاسىلاتىنى قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

        18 – ماددا يول يۈك تىرانسپورت تىجارىتى قىلغۇچىلار توشۇتقۇچى بىلەن يۈك توشۇش توختامى تۈزۈشى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈش – چىقىرىشتا توشۇش مەنئى قىلىنغان، چەك قويۇلغان، كارانتىن قىلىنىدىغان، كونترول قىلىنىدىغان ماللارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

        خەتەرلىك يۈك توشۇتىدىغانلار يول يۈك تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىگە خەتەرلىك يۈكنىڭ نامى، خاراكتېرى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئورىشى، روشەن بەلگە ئورنىتىشى كېرەك.

        خەتەرلىك يۈكنى، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇملارنى توشۇيدىغانلار خەتەرلىك يۈك توشۇش بەلگىسىنى ئېسىشى، توشۇش لىنىيەسى، ۋاقتى، سۈرئىتى ۋە رايونى قاتارلىقلارغا دائىر بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، يۈكنىڭ كۆيۈپ كېتىشى، پارتلاپ كېتىشى، رادىيوئاكتىپلىشىشى ياكى ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

        خەتەرلىك يۈكنى، رادىيوئاكتىپ بۇيۇملارنى توشۇش تىجارەت ھوقۇقىنى ئىجارە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

        19 – ماددا شەھەردە مال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاپتوموبىللار دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردە مال يەتكۈزۈش تىرانسپورتىغا بولغان تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مال يەتكۈزۈپ بېرىش ئاپتوموبىللىرىنىڭ شەھەر رايونىدا كېچە – كۈندۈز نورمال قاتنىشى، توختىتىشى، قاچىلاش – چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشى قاتارلىق ئىشلىرىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، شەھەردە مالنىڭ ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

        20 – ماددا يول تىرانسپورت ۋاسىتىلىرىدىن يولۇچى توشۇيدىغانلىرى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىدىن ئارتۇق ئادەم سالماسلىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈك باسماسلىقى؛ يۈك توشۇيدىغانلىرى يولۇچى توشۇماسلىقى، يۈك توشۇيدىغانلىرى بەلگىلەنگەن ئېغىرلىق ئۆلچىمى بويىچە يۈك توشۇشى، نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسماسلىقى؛ يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكىنى قاچىلاش تەلىپىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

        3 – باب يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەر

        21 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول تىرانسپورت بېكىتى (مەيدانى) قۇرۇلۇش يېرىنى ئالدىن تەستىقلىشى ھەمدە سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىشى كېرەك.

        يول تىرانسپورت بېكىتى (مەيدانى) قۇرۇشتا، يولۇچىلارنىڭ يولغا چىقىشىغا قولايلىق بولۇشى، مال قاچىلاش، چۈشۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك؛ ئىجازەت بەرگەن ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ كۆچۈرۈۋېتىشكە ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش رولىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

        يولۇچى تىرانسپورت بېكىتى بەلگىلىمە بويىچە بىرلىككە كەلگەن تاشيول تىرانسپورت بېلەت سېتىش تور سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى، ئۆز نامىدا بېلەت سېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، كۆزنەك، تور، تېلېفون قاتارلىق كۆپ خىل قولايلىق بېلەت سېتىش مۇلازىمىتىنى قىلىشى كېرەك. 3 – دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يولۇچىلار تىرانسپورت بېكىتى ۋە خەلقئارالىق يولۇچى تىرانسپورتى مۇلازىمىتى قىلىدىغان يولۇچى تىرانسپورت بېكىتى يۈك – تاقلارنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سەپلىشى، ئاپتوموبىل قوزغىلىدىغان جايدا يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى لازىم.

        يولۇچى تىرانسپورت بېكەت تىجارەتچىلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى، خەتەرلىك بۇيۇم تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى، قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىكىنى دائىملىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى، بېكەتتىن چىقىشتا تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

        22 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى رېمونتچىلىق تىجارىتى قىلغۇچىلار ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، سايمانلىرى ۋە ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىشى ۋە تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

        موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىش تىجارىتى قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ:

        (1) ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رېمونت قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛

        (2) رېمونت مەشغۇلات تۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆپەيتىش ياكى كېمەيتىش؛

        (3) قانۇنسىز ۋە ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىش ئېلىش؛

        (4) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ رېمونتتىن چىققانلىق ساختا لاياقەتنامىسى بېرىش؛

        (5) قانۇن – نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ئىشلارنى قىلىش.

        23 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشتە ئىجتىمائىيلاشقان تىجارەت يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىسى قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تارماقلار قانۇن بويىچە بېكىتكەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى ئۆزى تاللاپ تەكشۈرتسە بولىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى كېرەك. تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئوخشاش ياكى ئاساسلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولسا، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ ساختا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

        موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش تىجارىتى قىلغۇچىلار تىجارەت ئورنىدا ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە باھا تارماقلىرى بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىشى كېرەك.

        24 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تىجارەت تۈرى ۋە دۆلەت تۈزگەن ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بويىچە، ئۆگەنگۈچىلەرگە لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى، دەرسلىك ۋە زۆرۈر سورۇن، ئۈسكۈنىلەرنى ھازىرلاپ بېرىشى، باھا تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.

        يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىمتىھان ئېلىپ بېرىدىغان ئورگانلار ھەرقانداق شەكىللەر ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

        25 – ماددا ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىك تىجارىتى ۋە يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى (ۋاكالىتەن بېجىرىش) تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە ئالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تىجارەت گۇۋاھنامىسى ۋە قاتناش ۋاسىتىسى ئۇچۇرىنى تىجارەت قىلىدىغان جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

        26 – ماددا ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىك تىجارىتى قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك:

        (1) قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىجارە ئالغۇچىلارنى ئۆز نامى بىلەن تىزىملاش، قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىجارە ئېلىشقا مۇناسىپ كېلىدىغان ھەيدەش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان كىشىلەرنىڭ ھەيدىشىگە ئىجارە بەرمەسلىك؛

        (2) ئىجارە ئالغۇچىغا شوپۇرلۇق ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلماسلىق؛

        (3) توققۇز كىشىلىكتىن يۇقىرى (توققۇز كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى ئىجارىكەشلىككە ئىشلەتمەسلىك؛

        (4) ئىجارە بەرگەن قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇش؛

        (5) قانۇن بويىچە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك باشقا بەلگىلىمىلەر.

        27 – ماددا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى (ۋاكالىتەن بېجىرىش) تىجارىتى قىلغۇچىلار توشۇتقۇچى بىلەن يۈك توشۇش توختامى تۈزۈشى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان ماللارنى توشۇشنى مەنئى قىلىش، چەك قويۇش، كارانتىن قىلىش، كونترول قىلىشقا دائىر باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى، توشۇيدىغان يۈكنىڭ نامى، سانى، ئالاقىدار ئىسپاتلىرى ۋە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى ئېنىقلىشى ھەمدە توشۇتقۇچىنى ئۆز نامى بىلەن تىزىملىشى كېرەك.

        28 – ماددا يول يۈك تىرانسپورتى بېكىتى (مەيدانى) ھەمدە يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى (ۋاكالىتەن بېجىرىش) تىجارىتى قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ:

        (1) قوبۇل قىلغان توشۇش كەسپىنى مۇناسىپ توشۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان تىجارەتچىگە بېرىش؛

        (2) مۇناسىۋەتلىك تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ بېجىرىلمىگەن يۈكنى قوبۇل قىلىش؛

        (3) مەنئى قىلىنغان بۇيۇمنى توشۇش ياكى تىزگىنلىنىدىغان بۇيۇمنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توشۇش؛

        (4) قانۇن – نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ئىشلار.

        4 – باب خەلقئارا يول تىرانسپورتى

        29 – ماددا خەلقئارا يول تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۈچكە ئىگە خەلقئارا يول تىرانسپورت ئىجازەتنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتى بولۇشى، ئاپتوموبىلدا دۆلەت تەۋەلىكىنى بىلدۈرىدىغان خەلقئارا يول تىرانسپورت دۆلەت تەۋەلىك بەلگىسى بولۇشى كېرەك.

        چېگرا سىرتىدىكى خەلقئارا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىدىن ئاپتونوم رايونىمىز چېگراسى ئىچىگە كىرىدىغانلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ سىرتقى كوزۇپ ئۆلچىمى، ئوقى ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم، كۆپ تەرەپلىك كېلىشىم تۈزگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

        30 – ماددا دۆلىتىمىز ئىچىدە خەلقئارا يول تىرانسپورتىغا ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىش ئاپتونوم رايوننىڭ باھا باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش تۈرى، ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

        ئاپتونوم رايونىمىز چېگراسى ئىچىگە كىرىپ – چىقىپ خەلقئارا يول تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەت ئەل تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىدىن ھەق ئېلىش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن شۇ دۆلەت تۈزگەن ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم، كۆپ تەرەپلىك كېلىشىم بويىچە بولىدۇ. كېلىشىم بولمىغانلىرىدا ئاپتونوم رايوننىڭ باھا باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش تۈرى، ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

        31 – ماددا پورت بار جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا خەلقئارا يول تىرانسپورت ئىش بېجىرىش سورۇنى تەسىس قىلىشى؛ يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا چېگرادىن كىرگەن – چىققان خەلقئارا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى قانۇن بويىچە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش تامغىسى بېسىپ، خەلقئارا يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىگە بىرلا ئورۇندا مۇلازىمەت قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

        5 – باب يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكى ۋە نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش

        32 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، يول تىرانسپورت تىجارىتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىشى، يول تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىشىدىكى بىخەتەرلىككە ئائىت ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىشى كېرەك.

        يول تىرانسپورت تىجارىتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپ تىجارىتى قىلغۇچىلار بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى، بەلگىلىمە بويىچە قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

        33 – ماددا يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى كەسىپكارلارنى مۇقىملىقنى ساقلاش ئېڭى، بىخەتەرلىك ئېڭى، كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسپىي بىلىم، مەشغۇلات قائىدىسى قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەپ، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

        كەسىپكارلار يول تىرانسپورتىغا ئائىت قانۇن – نىزاملارغا ۋە ھەيدەش مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، بىخەتەر ھەيدىشى، مەدەنىي مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

        34 – ماددا يول يولۇچى تىرانسپورتى، شەھەر يولۇچى تىرانسپورتى ۋە خەتەرلىك يۈك تىرانسپورتىغا ئىشلىتىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىگە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپتوموبىل يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزىتىش ئۇچۇر ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىش ھەمدە ئۇچۇر نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى؛ يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ كۆزىتىش سۇپىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا يوللاپ تۇرۇش كېرەك.

        35 – ماددا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىلى دۆلەتنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە ئۇنى بەلگىلىمە بويىچە ئاسراش، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش، تېخنىكا دەرىجىسى ۋە تىپ دەرىجىسىنى باھالىتىش كېرەك.

        يول تىرانسپورت تىجارىتىگە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللار ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەشىق ئاپتوموبىللىرىنى بەلگىلىمە بويىچە يىللىق تەكشۈرتۈش كېرەك.

        36 – ماددا يول تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شوپۇرلار، خەتەرلىك يۈك تىرانسپورتى، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇم تىرانسپورتىدىكى قاچىلاش – چۈشۈرۈشنى باشقۇرغۇچىلار، يۈكنى يالاپ ماڭغۇچىلار، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۆگەتكۈچىلىرى ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلغۇچى، تەكشۈرگۈچى تېخنىك خادىملار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەسىپكارلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىشى ھەمدە ئۇنى يول تىرانسپورتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپ تىجارىتى پائالىيىتىدە يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

        37 – ماددا يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە باج ئورگىنى ئىشلىگەن يول تىرانسپورت تالونى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىشلىگەن يول تىرانسپورت تاختىسى، يولۇچىلار بېلىتى، يول تالونى، توشۇش تالونى ۋە خىراجەتنى ھېسابلاش دوكۇمېنتىنى ئىشلىتىشى كېرەك. يول يۈك تىرانسپورت تالونىنى باج ئورگىنى بېرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، باشقا تالون – ئىسپاتلارنى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

        ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يول تىرانسپورت تاختىسى، تالونىنى ئۆزگەرتىشىگە، ياسىۋېلىشىغا، ھايىنىغا سېتىشىغا ۋە قانۇنسىز ياسىشىغا، ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

        38 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول تىرانسپورت جىددىي توشۇش كۈچى زاپىسى مېخانىزمى ۋە جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جىددىي ئىشلار تەربىيەسى، مانېۋىرىنى قەرەللىك تەشكىللەپ، يول تىرانسپورتىنىڭ جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى چۈشۈرگەن مۇقىملىق ساقلاش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەشيالار قاتارلىق جىددىي ئىشلار يول تىرانسپورت ۋەزىپىسى ۋە بۇيرۇق خاراكتېرلىك توشۇش پىلانىنى قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوماندانلىققا بويسۇنۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.

        39 – ماددا يول تىرانسپورت تىجارىتى قىلىدىغان شوپۇرلار ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەشنى ئۆگەتكۈچىلەر بىخەتەر ھەيدىگەنلىك ماتېرىيالىنى ئالاقىدار تارماققا بېرىشكە توغرا كەلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىسپات چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

        40 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەكشۈرۈش – نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول تىرانسپورتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسپىي تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

        شەھەر يولۇچى تىرانسپورتى قانۇن ئىجراچىلىرى شەھەر يولۇچى تىرانسپورتى تىجارەت سورۇنى، شەھەر يولۇچى تىرانسپورتىدىكى يولۇچىلارنى چىقىرىش – چۈشۈرۈش ئورنى، ئاممىۋى قاتناش ۋە تاكسى توختىتىش بېكەت – نۇقتىلىرى، شەھەر يول ئېغىزلىرىدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرسە بولىدۇ؛ يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى يول تىرانسپورتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى قىلىدىغان تىجارەت سورۇنى، يولۇچى يۈك چىقىرىش – چۈشۈرۈش ئورنى، تاشيول ئېغىزى، تاشيول ھەق ئېلىش پونكىت رايونى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونى، چەكتىن ئاشقاننى تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا نازارەت قىلىپ تەكشۈرسە بولىدۇ.

        ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇقىم تەكشۈرۈش چازىسى قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

        41 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى يول تىرانسپورتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش داۋامىدا، يول تىرانسپورت كىنىشكىسى يوق، كۈچتىن قالغان يول تىرانسپورت كىنىشكىسىنى ئېلىۋالغان ياكى يول تىرانسپورت كىنىشكىسىدە كۆرسىتىلگەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ يول تىرانسپورت تىجارىتى قىلغانلاردىن نەق مەيداندا باشقا كۈچكە ئىگە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىرىنى ياكى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ، يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىرىنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى، كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

        قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ تۇرۇش قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، تۇتۇپ تۇرغان ئورگان ئالاقىدارلارغا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قاتناش ۋاسىتىسىنى ئېلىپ كېتىشنى ئۇقتۇرۇشى، ئالاقىدارلار مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئېلىپ كەتمىسە، مۆھلەت ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ قاتناش ۋاسىتىسىنى ساقلاش ھەققىنى ئالاقىدارلار ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېلان قىلىنىپ 90 كۈنگىچىمۇ ئېلىپ كەتمىگەنلەرنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

        42 – ماددا يول تىرانسپورتىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشتە يولنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش خادىمى ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە كۈچكە ئىگە قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، بەلگىلىمە بويىچە بىرلىككە كەلگەن فورما كىيىشى، بەلگە تاقىشى كېرەك.

        يول تىرانسپورتىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ئاپتوموبىلغا مەخسۇس بەلگە ۋە ئاگاھ چىرىغى ئورنىتىش كېرەك.

        43 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى، يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، باشقۇرۇش ئۇچۇرىدىن ئۆزئارا خەۋەردار قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئورگىنىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتى، مەمۇرىي ئىشلار مىكرو بىلوگى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يول تىرانسپورت تىجارىتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپلەر تىزىمى، تىجارەت ئىناۋىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، قاتناش ۋاسىتىسى ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

        6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

        44 – ماددا مۇناسىپ ئىجازەت ئالغان يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپنى يولغا قويغان تىجارەتچىلەردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئەھۋالدا داۋاملىق تىجارەت قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەن ياكى تۈزەتكىنى لاياقەتلىك بولمىغانلىرىنىڭ مۇناسىپ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى، يول تىرانسپورت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ياكى مۇناسىپ تىجارەت دائىرىسىنى تارايتىدۇ.

        45 – ماددا يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئاپتوموبىل تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 11 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەپەر ئۈستىدە يولۇچى سالغانلىرى ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ياردەمگە قاتناش ۋاسىتىسى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        يول يولۇچى تىرانسىپورت قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 11 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىككىدىن ئارتۇق شوپۇر قويمىغان ياكى ھەر بىر شوپۇرنىڭ ئۇدا يول يۈرگەن ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        46 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر يولۇچى تىرانسپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى شەھەر يولۇچى تىرانسپورت گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شەھەر يولۇچى تىرانسپورت تىجارىتى قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قاتناش تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        47 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 14 – ، 15 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قاتناش تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        48 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 18 – ماددىسىنىڭ 1 – ، 2 – ، 3 – تارمىقى، 21 – ماددىسىنىڭ 4 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        مۇشۇ نىزامنىڭ 18 – ماددىسىنىڭ 4 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاپ جازا بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى يول تىرانسپورت ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.

        49 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازا بېرىدۇ.

        50 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 22 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى، 25 –، 26 – ، 28 – ماددىسى، 37 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

        موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 23 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ بەرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاپ جازا بېرىلىدۇ.

        51 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 29 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        52 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 35 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        53 – ماددا يول تىرانسپورت تىجارەتچىلىرى چوڭراقتىن يۇقىرى يول يۈرۈش بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرغان ھەمدە باراۋەر جاۋابكارلىقتىن يۇقىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا، شۇ ھادىسىدىكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول تىرانسپورت كىنىشكىسى ۋە شۇ قاتناش ۋاسىتىسىدىكى شوپۇرنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئىجازەت بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ، شۇ تىجارەتچىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزىتىش سۈرۈكىدە يېڭى تىرانسپورت كۈچى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ؛ ھادىسە تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسى يولۇچى توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىسى بولسا، ئۇنىڭ نۆۋەتچى لىنىيە يولۇچى تىرانسپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

        يول تىرانسپورت كەسىپكارلىرىدىن كەسىپكارلىق سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغانلىرى بىكار قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. چوڭ ھادىسىدىن يۇقىرى يۈرۈش بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرغانلىقتىن، قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغانلىرى كەسىپكارلىق سالاھىيىتى ئېلىشنى ئۆمۈرۋايەت قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

        54 – ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپ كېلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان مەمۇرىي جازا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

        55 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ۋە يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن يول تىرانسپورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئۇلارنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

        (1) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەنلەر؛

        (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي جازا بەرگەنلەر؛

        (3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغان تۇرۇپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

        (4) تىرانسپورتتىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توسۇپ كىنىشكىسىنى تەكشۈرگەنلەر؛

        (5) تىرانسپورتتىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى، يول تىرانسپورت كىنىشكىسىنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالغانلار؛

        (6) يول تىرانسپورت تىجارىتى ۋە يول تىرانسپورتىغا ئالاقىدار كەسىپ تىجارىتىگە قاتناشقان ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قاتناشقانلار؛

        (7) باشقىلاردىن پۇل – مال تەلەپ قىلغان، ئالغانلار ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛

        (8) ئەرز – شىكايەتنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار، ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەنلەر؛

        (9) قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

        7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

        56 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ۋە يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ نىزام بويىچە يول تىرانسپورت ئىجازەتنامىسى (جۈملىدىن شەھەر يولۇچى تىرانسپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسى)، يول تىرانسپورت كىنىشكىسى (جۈملىدىن شەھەر يولۇچى تىرانسپورت كىنىشكىسى)، يولۇچى تىرانسپورت بەلگە تاختىسى، كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى، خەلقئارا ئاپتوموبىل تىرانسپورت يۈرۈش ئىجازەتنامىسى، يول تالونى، توشۇش تالونى قاتارلىقلارنى بېرىشتە تەننەرخ ھەققى ئالسا بولىدۇ. كونكرېت ھەق ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە، باھا مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

        57 – ماددا تىجارەتسىز خەتەرلىك يۈك تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

        58 – ماددا بۇ نىزام 2015 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

        (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)