مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر سۇئالغا بىر جاۋاب

    موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىلىرى قانداق ئەھۋالدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟

    بۇئايشەم2015-02-04 12:51:09شىنجاڭ گېزىتى

        دېلو مىسالى: مەلۇم بىر ياش باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغان موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ھەيدەپ كېتىۋېتىپ يول بويىدىكى ئىستولبىغا ئۈسۈۋېلىپ، نەق مەيداندا قازا قىلغان. ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا – ئانىسى موتوسىكلىت ئىگىسى، شۇنداقلا بىللە ھاراق ئىچكەنلەر ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۆلگۈچى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى، موتوسىكلىت ئىگىسى ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەيدەش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان – ھازىرلىمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەي ئارىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن %20 مەسئۇلىيەتنى، بىللە ھاراق ئىچكەنلەر توسىمىغانلىقى ئۈچۈن %10 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

        دېلو مىسالى: ليۇ دەن بىلەن ۋاڭ چى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، ليۇ دەن دائىم ۋاڭ چىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ھەيدەپ تۇراتتى. لېكىن بىر قېتىم ليۇ دەن ھەيدەۋاتقان ئاپتوموبىل ئېھتىياتسىزلىقتىن دېڭ خۇا ھەيدەپ كېلىۋاتقان ئۈچ چاقلىق توكلۇق ۋېلىسىپىت بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، دېڭ خۇا يارىلانغان. ليۇ دەن دېڭ خۇانىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 1500 يۈەن بەرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېڭ خۇانىڭ ئوشۇقى سۇنۇپ، 10 – دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتىلگەن. ئىشتىن كېيىن، دېڭ خۇا سوتقا ليۇ دەن، ۋاڭ چىلار ئۈستىدىن 51 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى بېرىش، ۋاڭ چى يانداشما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش توغرىسىدا ئەرز سۇنغان. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، ليۇ دەن ھادىسىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يارىلانغۇچىنىڭ داۋالىنىش چىقىمى، كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىقلار ئۈچۈن 48 مىڭ يۈەن بېرىدۇ؛ ۋاڭ چى گەرچە ھادىسە سادىر قىلغان ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، ھېچقانداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

        تۇرمۇشىمىزدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئۆز ئارا ئارىيەت بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا، ئەگەر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، شەخسنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ھەم مال – مۈلكى زىيانغا ئۇچرىسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى خاتالىق سادىر قىلغان ئەھۋالدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇنداقتا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىمۇ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

        ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى››نىڭ 49 – ماددىسىدا: ئىجارە، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا، قاتناش ھادىسىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋابكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ئارتىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىق چەكلىك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەيدۇ. يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىلىرىدىن زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بارلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇق تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

        يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ئىشلەتكۈچىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەممىلا قاتناش ھادىسىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، پەقەت موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىدىن خاتالىق ئۆتكەن ئەھۋالدا، يەنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كاشىلىسى بارلىقىنى، ئىشلەتكۈچىنىڭ پىراۋىسى يوقلۇقىنى ۋە ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئارىيەت بېرىپ تۇرغان ئەھۋاللاردا مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

        مېھرىگۈل ناسىر تەييارلىغان

        