مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر سۇئالغا بىر جاۋاب

    ئەمەتنىڭ قىلمىشىدىن بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنەمدۇ؟

    بۇئايشەم2014-09-24 09:24:52شىنجاڭ گېزىتى

        ناسىپجان مامۇت

       دېلو مىسالى: ئەمەت قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ سېتىش مەقسىتىدە، مەھەللىسىدە ئويناۋاتقان دىلشات، ساتتار قاتارلىق ئالتە ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان بەش بالىنى ئالداپ، ئىككى بوۋاقنى دوختۇرخانىدىن ئوغرىلاپ ئىچكىرىگە ئېلىپ ماڭغان ھەم ئۇلارنىڭ يولدا يىغلاپ چاتاق چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا ھوشسىزلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرغان. لېكىن ناركوز دورىسىنىڭ مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن، پويىز خاربىن ۋوگزالىغا كەلگەندە ئىككى بوۋاق ئۆلۈپ كەتكەن، بەش بالا ئېغىر دەرىجىدە بىھوشلىنىپ، دوختۇرلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق ھاياتى ساقلىنىپ قېلىنغان. ئەمەت خاربىن پويىز ۋوگزال ساقچىخانسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئاقسۇ ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

        تەھلىل: مەزكۇر دېلوغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان قاراش شەكىللەنگەن.

        بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: گەرچە ئەمەتنىڭ بالىلارنى سېتىش مەقسىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سېتىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. پەقەت مەلۇم ۋاقىت بالىلارنى ۋەسىيلىرىدىن ئايرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جىنايى ھەرىكىتى بالىلارنى ئالداپ كېتىش جىنايىتىنىڭ شەرتىنى تولۇق ھازىرلىغان. شۇڭا قىلمىشىدىن بالىلارنى ئالداپ كېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىغان.

        ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر: گەرچە ئەمەتنىڭ بالىلارنى سېتىش مەقسىتى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، ئۇ مۇشۇ خىل جىنايەت يولىغا قەستەن كىرىشكەن، ئۇنىڭ مەقسىتى بالىلارنى تاۋار ئورنىدا باھا قويۇپ ساتماقچى، شۇڭا ئۇنىڭ قىلمىشىدىن بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىغان.

        مېنىڭچە، ئىككىنچى خىل قاراش توغرا. ئەمەتنىڭ قىلمىشىدىن بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، چۈنكى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش ئادەم ئالداپ سېتىشنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى، ئالداپ سېتىش دېگەندە، سېتىش مەقسىتىدە ئاياللار، بالىلارغا قارىتا ئالداش، تۇتۇپ كېتىش، سېتىۋېلىش، سېتىش، ئەۋەتىپ بېرىش، تاپشۇرۇۋېلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت ئالتە خىل قىلمىشنىڭ بىرەرىنى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، مۇشۇ ئالتە خىل قىلمىشنىڭ بىرەرىنى ئېلىپ بارسىلا مەزكۇر جىنايەت شەكىللىنىدۇ. ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچى سېتىش مەقسىتىدە، گۆدەك بالىلار ۋە بوۋاققا قارىتا، پەقەت ئوغرىلاش قىلمىشىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا مەزكۇر جىنايەت شەكىللىنىۋېرىدۇ. ئەمەت مەيلى بالىلارنى ئالدىغان بولسۇن ياكى ئوغرىلىغان بولسۇن، ئۇنىڭ پەقەت سېتىش مەقسىتى بولىدىكەن، مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش – ئاشماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، قىلمىشىدىن بىردەك بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 240 – ماددىسىنىڭ 4 – تارمىقىدا: ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىش مەقستىدە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى ھوشسىزلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئېلىپ تۇتۇپ كەتكەن بولسا، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

        