مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سەمىڭىزدە بولسۇن

    جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش جىنايىتى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا

    بۇئايشەم2014-09-24 09:24:55شىنجاڭ گېزىتى

        ئامانگۈل ئابلا

        جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش جىنايىتى دېگىنىمىز، تىل، يېزىق، ھەرىكەت، سۈرەت ئارقىلىق ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن مەلۇم بىر خىل كونكرېت جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى ۋە ماھارىتىنى باشقىلارغا مەقسەتلىك ئۆگەتكەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.

        جەمئىيەتتە بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەر، ئادەتلەنگەن جىنايەتچىلەر، كۈشكۈرتكۈچى جىنايەتچىلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى تەلۋىلەرچە ئۆگىتىپ، ياش – ئۆسمۈرلەرنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتىدۇ. تېخىمۇ يامىنى شۇكى، ئۇلار ئەمگەك بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىدا جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردە يەنىلا بۇ خىل جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ناھايىتى زور. بۇ جىنايەتنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

        1) بۇ جىنايەتنىڭ چېتىلىش ئوبيېكتى جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرىپىدىن ئىبارەت. ئۆگىتىدىغان جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنىڭ مەزمۇنى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۆگەنگۈچى ئەگەر ئۆگەتكەن ئۇسۇللار بويىچە جىنايى ھەرىكەت ئېلىپ بارسا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – مالغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. لېكىن بۇلار جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش بىۋاسىتە چېتىلىدىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئەمەس.

        2) بۇ جىنايەت ئوبيېكتىپ جەھەتتە، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش قىلمىشى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش دېگىنىمىز، جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ كونكرېت تەجرىبىلىرىنى ۋە ماھارىتىنى ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆگىتىش شەكلى جەھەتتە ھەم تىل – يېزىق ئارقىلىق ئۆگىتىش شەكلىمۇ، ھەم نەق مەيداندىكى ئەمەلىي جىنايەتلەر ياكى تەقلىدىي جىنايەت ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆگىتىش شەكلىمۇ بار. بۇ جىنايەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىلار جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قەستەن ئۆگىتىش قىلمىشىنى سادىر قىلسىلا بۇ جىنايەت شەكىللىنىدۇ.

        3) بۇ جىنايەت سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەن سادىر قىلىنىدۇ. سەۋەنلىكتىن بولسا بۇ جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ. جىنايەت ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسى كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇنىڭ مەقسىتى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگۈچىگە بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.

        جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش مۇستەقىل بىر جىنايى قىلمىش بولۇپ، قىلمىش سادىر قىلغۇچى پەقەت ئۆزىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش قىلمىشى ئۈچۈنلا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

        ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 295 – ماددىسىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە تۆۋەندىكىدەك جازا ئۆلچەش دائىرىسى بەلگىلەنگەن: جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكۈچىلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

        