مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك بەلگىلىمىلەر

    قانۇن چىقىرىش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى

    ئايگۈل2014-08-18 17:19:12شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› توغرىسىدىكى يەشمە (7)

    مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ 

       [‹‹پىكىر››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشى]

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نەزەرىيەسىدە ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن چىقىرىشتىكى تەييارلاش، دەلىللەش، ماسلاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يەرلىك مۇھاپىزەت ۋە بۆلۈملەر مەنپەئىتىنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چوڭ – چوڭ ئىشلارنى خەلق قۇرۇلتىيى مۇھاكىمە قىلىش، قارار قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر چوڭ – چوڭ تەدبىرلەرنى چىقىرىشتىن بۇرۇن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىشى كېرەك››، دەپ بەلگىلەندى.

       [سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى]

       ‹‹<ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى›› دە: ‹‹سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك››، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

       [نوپۇزلۇق يەشمە]

       ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنشىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىم مەجبۇرىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم ھالقا قانۇن چىقىرىش بولۇپ، نۇرغۇن قائىدە – تۈزۈملەرنى قانۇن چىقىرىش يولى بىلەن مۇقىملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا، قانۇن چىقىرىشنى ئىسلاھات بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك››. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› دە ‹‹ئاپتونوم رايونىمىز دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشى، سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، قانۇن چىقىرىشتىكى تەييارلاش، دەلىللەش، ماسلاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئاشۇرۇشى، يەرلىك مۇھاپىزەت ۋە بۆلۈملەر مەنپەئىتىنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك››، دېيىلدى.

       قانۇن چىقىرىش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى ۋە ئىلگىرى سۈردى. ‹‹قارار››دا ‹‹سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى تېزلىتىش›› ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يېڭى تەلەپلەر قويۇلدى. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر پىكىر››نى تەييارلاش خىزمىتى ئاساسەن تاماملاندى.

       لى جيەنشىن يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن قانۇن – نىزاملارنى تەييارلىغۇچى ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن دەسلەپكى لايىھەنى تۈزۈپ چىقىدۇ. تارماقلار تۈزۈپ چىققان دەسلەپكى لايىھەنى ھۆكۈمەت قاراپ چىققاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ نامىدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا يوللايدۇ. لېكىن تارماقلار تەييارلىغان قانۇن – نىزاملاردا تارماقلارنىڭ مەنپەئىتىگە مايىللىشىش خاھىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىشتا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىسمەن مۇھىم قانۇن – نىزاملارنى خەلق قۇرۇلتىيى بىۋاسىتە تۈزۈپ چىقىشى كېرەك؛ قانۇن – نىزام چىقىرىشتا، يەنە مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، <ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى> نى بېكىتىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنى قانۇن تەييارلاشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

       لى جيەنشىن مۇنۇلارنى دېدى: قانۇن چىقىرىشنى دەلىللەش قانۇن چىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى قاپلىغان بولىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللانغان دەسلەپكى لايىھەلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، باشقۇرغۇچىلارنىڭ، باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاش كېرەك. بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پىكرىنى ئالدى، خەلق قۇرۇلتىيى باھالىدى ھەم قاراپ چىقتى. قانۇن – نىزاملار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قىسمەن نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى داۋاملىق باھالاپ، يولغا قويۇش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كېيىنكى قەدەمدە تۈزىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

       قاراپ چىقىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. لى جيەنشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدا دەسلەپكى پىكىر شەكىللەنگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلار دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ چىقىش، تارماقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، پىشمىغان تەكلىپ لايىھەسىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنماسلىقى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش مەسلىھەتچىلىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، قانۇن – نىزاملاردىكى نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەردىن مەسلىھەت سوراش، دەلىللەشنى كۈچەيتىدۇ. ‹‹ئىككى ئاكتىپچانلىق››نى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ، مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش قاراپ چىقىش جەريانىدىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن – نىزاملارنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

       لى جيەنشىن مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بىر قانۇن – نىزام ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تارماقلارغا چېتىلىدۇ، بۇ بىر نازارەت – ئىدارە ھەممىنى باشقۇرۇپ كېتىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بۇ تارماقلار ئارىسىدا ئۆزئارا ماسلىشىشقا موھتاج، بىر تارماق يەنە بىر تارماقنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالسا، تارماقلار گىرەلىشىپ كەتسە، قانۇن ئىجراسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۆپچىلىك مەسئۇلىيەتنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىشىدۇ. ئىلگىرى قانۇن چىقىرىش جەريانىدا، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەنىدى. مەسىلەن، سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە زادى كىم نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، دېگەننى ئېنىق ئايرىمىغان، ھازىرقى ئىسلاھاتتا بۇنداق گىرەلىشىپ كەتكەن فۇنكسىيەلەر ئايرىلىدۇ، ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، ھەممە تارماقنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى ئۆزلىرىگە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

       بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن – نىزام چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن – نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قانۇن – نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى توغرىسىدا پائال ئىزدىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋە ئاممىنىڭ قانۇن چىقىرىشقا قاتنىشىش يولىنى كېڭەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قانۇن چىقىرىش، ئۆزگەرتىش ۋە بىكار قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن – نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، قانۇن چىقىرىشتىكى تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىسلاھاتتىكى تەدبىر بەلگىلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى نىشان قىلىپ، ئاۋۋال چىقىرىش ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىسلاھات – تەرەققىياتتا پىشقان تەجرىبىلەرنى قانۇن – نىزام دەرىجىسىگە تېزدىن كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان قانۇن – نىزاملارنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ ۋە بىكار قىلىپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ باشلامچىلىق، ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىسلاھات سىياسەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    پارتىيەنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇيۇشتۇرايلى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› توغرىسىدا يەشمە (8)

    مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا

       [‹‹پىكىر››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشى]

          ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات، تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

       [سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى]

       ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە شەكىللەندۈرۈپ، ھەر خىل مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ھەر خىل زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

       [نوپۇزلۇق يەشمە]

       ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم ئىسلاھاتى مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى شۇ شياۋنىڭ: ‹‹< يولغا قويۇش پىكرى> دە پارتىيەنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتى يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى›› دېدى.

       بۇ ھەقتە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم ئىسلاھاتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت مەزمۇنى، تاماملاش مۇددىتى، مەسئۇلىيەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ‹‹ ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىيلەشمەسلىك، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

       ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتى مەزمۇنىدىكى ‹‹ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش››كە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش، كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قاتارلىق 17 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

       شۇ شياۋنىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپتىن كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتىدۇ. بىرىنچىدىن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹كادىرلارنى تەيىنلەش – ئىشلىتىش نىزامى››دىكى تەلەپلەرنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك ئەسقاتىدىغان ۋە قولايلىق ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى كۈچەپ شەكىللەندۈرۈلىدۇ؛ ‹‹ئۈچ››نى زىيان تارتقۇزماسلىق، ‹‹ئالدىنقى سەپتە پارتىيەگە كىرگۈزۈش، ئالدىنقى سەپتە مۇكاپاتلاش ۋە ئالدىنقى سەپتە ئۆستۈرۈش››تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ‹‹كادىرلارنى تەيىنلەش مېخانىزمى›› بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹نوقۇل ھالدا ئاۋاز، نومۇر،GDP ۋە ياشنى قوغلىشىش›› مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ياخشى كادىرلار ھەقىقىي تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش تەلىپىنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، دادىل بولۇش تەلىپىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ تەيىنلەش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈزلەنگەن ھالدا كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاش خىزمىتى، شۇنداقلا ياش كادىرلار، ئايال كادىرلار ۋە زاپاس كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش خىزمىتى جانلىق يولغا قويۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، رەھبەرلىك بەنزىنىڭ بىرىنچى قول ۋەزىپىدىكى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دائىرىسىدە يېزا – بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول ۋەزىپىدىكى كادىرلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تۆتىنچىدىن، رىقابەتلەشتۈرۈپ تاللاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، كادىرلارنى ئەمەلىي ئىشلەش ۋە ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. بەشىنچىدىن، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى باھالاش ئۇسۇلىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. ئالتىنچىدىن، كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى مۇزاكىرە قىلىنىپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ.

       ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش جەھەتتە پارتىيەنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي ئېڭى ئاجىز، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق بەش تەرەپتىكى مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىدۇ؛ ‹‹ ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئالتە تەرەپتىن كۈچەپ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىدۇ؛ ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى تەرتىپكە سېلىنىدۇ.

       مەمۇرلار قوشۇنى كادىرلار قوشۇنىنىڭ يادروسى، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تايانچلار بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك زور بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. ئاپتونوم رايون سىياسىيۋىلىكى قەتئىي، كۈچلۈك بوران – چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق مەمۇرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشتەك يادرونى چۆرىدىگەن ھالدا، كادىرلار ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىدارىنى سىناش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دەرىجە، تۈركۈملەر بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ، ھوقۇق، پۇرسەت، قائىدە باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق مەمۇرلارنى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشنى جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك ئايلىنىشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ساپاسى يۇقىرى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە شۇنداقلا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار تاللاپ چىقىلىدۇ.

       ئاپتونوم رايون بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېزا – بازارلىق ئورگان مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلام بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق جاپالىق، چەت – ياقا رايونلارنىڭ ‹‹ئادەم تەكلىپ قىلىش تەس بولۇش، كادىرلارنى قالدۇرۇش تەس بولۇش›› مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەمۇرلارنى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكرىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىدۇ. جاپالىق، چەت – ياقا رايونلارنىڭ قوبۇل قىلىش بوسۇغىسىنى مۇۋاپىق پەسەيتىپ، خىزمەت ۋەزىپىسى شەرتىنى قويۇۋېتىپ، شۇ جايدىكى خادىملارنى ئىمتىھان بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يازما ئىمتىھاننىڭ لاياقەتلىك بولۇش چېكى ۋە ئەڭ تۆۋەن مۇلازىمەت قىلىش مۇددىتىنى بېكىتىپ، مۇنەۋۋەر كەنت كادىرلىرى ۋە ئىستۇدېنت ‹‹كەنت كادىرلىرى›› قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىدىغان خادىملار ئارىسىدىن نىشانلىق ئىمتىھان ئېلىش سېلىنمىسىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش نەزەر دائىرىسى ۋە كېلىش مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ مەمۇرلار قوشۇنىغا قاتنىشىشىغا جەلپ قىلىپ، كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدا يېتىشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىن تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سەپتىكى كۈچ – قۇدرىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ.

       شۇ شاۋنىڭ: ‹‹ئۇزاقتىن بۇيان، <تۆت خىل ناچار ئىستىل> مەسىلىسى ئاممىنىڭ ھەممىدىن كۆڭۈل بولىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەركەزنىڭ <سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى> ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ پىكرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ناچار ئىستىللار چەكلەندى›› دېدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى پۇختا مەركەزلىك ھەل قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئون تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ۋە ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى ئۇدا ئىككى يىل قانات يايدۇردى.

       شۇ شياۋنىڭ: ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نورماللاشتۇرۇشتا يەنە يانداش تۈزۈملەرنى قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كادىرلارنىڭ ‹‹چاتاق كادىرلارنى ئۆستۈرۈش›› تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللار تەرتىپكە سېلىنىدۇ. بۇ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ھەم خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، دېدى.