مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر سۇئالغا بىر جاۋاب

    بىللە تۇرۇۋاتقانلار قارشى تەرەپنىڭ پۇل – مېلىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالسا جىنايەت شەكىللىنەمدۇ؟

    بۇئايشەم2014-06-27 10:20:16شىنجاڭ گېزىتى

     دېلو ئەھۋالى: ئىلھام بىلەن سانىيە باشقا يۇرتلاردىن كېلىپ ئىشلەش جەريانىدا ئۆز ئارا تونۇشقان ۋە ئىلھامنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىدە بىرگە تۇرغان. بىر كۈنى سانىيە ئىشقا كەتكەن ۋاقىتتا ئىلھام نەرسە – كېرەك يىغىشتۇرۇۋاتقاندا، قولىغا سانىيەنىڭ بىر تال ئالتۇن زەنجىرى، بىلەزۈك، ھالقىسى چىقىپ قالغان. ئىلھام بۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى سانىيەگە ئۇقتۇرماي 7600 يۈەنگە سېتىۋەتكەن ھەم بۇ پۇللارنى قىمار ئويناپ تۈگەتكەن. سانىيە ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى ئىلھامنىڭ ئوغرىلىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئىلھام ئاتا – ئانىسىدىن قەرز ئېلىپ سانىيەنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنى تۆلەپ بەرگەن.

        دېلو تەھلىلى: دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹نىكاھ قانۇنى›› ۋە باشقا قانۇن – نىزاملارغا ئاساسلانغاندا، قانۇنلۇق نىكاھ تىزىملاش ئورگانلىرىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ، ئەر – خوتۇن نامىدا بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەنلەرنىڭ ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ. مەزكۇر دېلودىكى ئىلھام بىلەن سانىيە گەرچە مەلۇم مەزگىل بىر ئۆيدە بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىرگە تۇرۇش مۇناسىۋىتىلا مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ مال – مۈلكى ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ، كىمكى قارشى تەرەپنىڭ پۇل – مېلىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالسا، بۇ ئۇنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق بولىدۇ، ئەگەر سوممىسى كۆپرەك بولسا جىنايەت شەكىللىنىدۇ.

        ‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 106 – ماددىسىدا ‹‹يېقىن تۇغقانلار ئېرى، خوتۇنى، ئاتىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزى ۋە بىر تۇغقان ئاكا – ئىنىسى، ئاچا – سىڭلىسىنى كۆرسىتىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نەۋرە تۇغقانلار ياكى بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئەر ياكى ئايال ھەرگىزمۇ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يېقىن تۇغقانلار دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تارقاتقان ‹‹ئوغرىلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ 8 – ماددىسىدىكى ‹‹ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ پۇل – مېلىنى ئوغرىلىغانلاردىن زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىرى ئادەتتە جىنايەت ھېسابلانمايدۇ›› دېگەن بەلگىلىمىنى بۇنداق دېلوغا تەتبىقلاشقا بولمايدۇ.

        دېمەك، مەزكۇر دېلودىكى ئىلھامنىڭ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل – مېلىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان قىلمىشىنى ئوغرىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتىپ، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. بۇخەلچەم ئابلىز

        