مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر سۇئالغا بىر جاۋاب

    ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورۇنلىرىنىڭ قانداق ئەھۋالدا خاتالىقى بار، دەپ بېكىتىلىدۇ

    بۇئايشەم2014-06-25 10:59:15شىنجاڭ گېزىتى

        ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ‹‹ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ دېلولىرىغا قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە››نى ئېلان قىلىپ، ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى پائالىيەتلىرىگە چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەرز، قاراپ چىقىش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورۇنلىرىنىڭ خاتالىقىنى بېكىتىش ئۆلچىمى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورۇنلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ماس كېلىش ئۆلچىمى مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.

        بۇ بەلگىلىمە جەمئىي يەتتە ماددا بولۇپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى زىيان مەسئۇلىيىتى ماجىراسىدىكى جاۋابكار ھەم ئۇنىڭ خاراكتېرى؛ ھەقدار، جامائەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىدىكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەرز – تەلەپ ئىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئېتىراپ قىلىنغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كۈچتىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇنىڭغا قاراپ چىقمايدىغانلىقى ھەم يۇقىرىدىكى ھەقدارلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى چىقىرىپ بەرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورۇنلىرىغا قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغانلىقى؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى چىقىرىلغاندىن كېيىن، بۇ خەتكە چېتىشلىق ھەقدارلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىدىكى پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ھەق – تەلەپ ھوقۇقى مەجبۇرىيىتىدە تالاش – تارتىش بار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنسا بولىدىغانلىقى؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى زىيان مەسئۇلىيىتى ماجىراسىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورۇنلىرىنىڭ سەۋەنلىكىنى بېكىتىش ئۆلچىمى؛ ھەقدارلار ساختا ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ ئېرىشكەن خاتالىق بار گۇۋاھلىق خېتى باشقىلارغا زىيان كەلتۈرگەن بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورۇنلىرىنىڭ قانداق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

        ‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

        