مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر سۇئالغا بىر جاۋاب

    چەت ئەللەردە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

    بۇئايشەم2014-06-16 10:32:29شىنجاڭ گېزىتى

        دۆلەتلەرنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قانۇنلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇنلار تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە، بىرىنچى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكنى بېكىتىشتە، قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ دەرىجە چېكى بىر قەدەر تۆۋەن، يەنى، بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچىلسىلا، بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئىقتىسادىي جازا بېرىش ۋە جىنايى ئىشلار جىنايىتى بويىچە جازالاش تەڭ قوللىنىلىدۇ.

        ياپونىيەدە شوپۇر ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىغا چىققان يولۇچىلارمۇ تەڭ جازالىنىدۇ

        2008 – يىلى ماقۇللانغان ياپونىيە يېڭى يول قاتناش قانۇنىدا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىغا بېرىلىدىغان جازا ئەڭ قاتتىق چەككە يەتكەن. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن كىشىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 1 مىليون يېن (تەخمىنەن 9300 دوللار)جەرىمانە قويۇلىدۇ، يەنە ‹‹ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى›› ‹‹ھاراق بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى›› شۇنداقلا ‹‹بىللە ئولتۇرۇش جىنايىتى›› قاتارلىق يېڭى جىنايەت تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇر، ئۇنى ھاراق بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىدا ئولتۇرغان يولۇچىلارمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ. ياپونىيەدە قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى %0.03 كە يەتسىلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ بېكىتىلىدۇ. يەنى بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچسىلا ئۆلچەمدىن ئاشىدۇ...

        ئامېرىكىدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىنى بېكىتىشتە ياش – ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەلەپ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى

        ئامېرىكا ئىشتاتلىرىنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، لېكىن ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغىنى، نەق مەيداندا پىراۋىسىنى بىكار قىلىش ۋە ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە تۈرمىدە ياتقۇزۇش قاتارلىقلار، باشقىلارنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزگەن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن شوپۇرلار 2 – دەرىجىلىك قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى بېكىتكەندە، قاندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇق ئۆلچىمىگە بولغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرىلاپ، %0.08 تىن %0.05 كە چۈشۈپ قالدى، ياشلار ئارىسىدا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، 21 ياشتىن تۆۋەن شوپۇرلارنىڭ قاندىكى ئىسپىرت قويۇقلۇقى %0.01 كە يەتسىلا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ بېكىتىلگەن.

        سىنگاپوردا ئېغىر جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۈچ يىل قامىلىدۇ

        سىنگاپور قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى تۇنجى قېتىم سادىر قىلغانلارغا سىنگاپور پۇلىغا 1000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ( 1 سىنگاپور يۈەنى تەخمىنەن 4.968 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) جەرىمانە قويۇلىدۇ، ياكى ئالتە ئايدىن تۆۋەن تۈرمىگە قامىلىدۇ؛ قايتا سادىر قىلغۇچىلارغا 3000 سىنگاپور يۈەنىدىن 10 مىڭ سىنگاپور يۈەنىگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم 12 ئايدىن تۆۋەن تۈرمىگە قامىلىدۇ؛ تەكرار سادىر قىلغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ سىنگاپور يۈەنى جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم ئۈچ يىل تۈرمىگە قامىلىدۇ. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ ھۆكۈم قىلىنغانلار قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلمىسىمۇ، لېكىن پىراۋىسى ئاز دېگەندە بىر يىل كۈچىدىن قالدۇرۇلىدۇ.