مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك نىزاملار

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

    بۇئايشەم2014-06-16 10:32:36شىنجاڭ گېزىتى

       (ئۈزۈندە)

    (2013 –يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

        12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ قارارى:

        4. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

        21 – ماددىسى: ‹‹ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچى ئۈچۈن پىرىيوم رەسمىيىتى ئۆتەپ بېرىدىغان ۋاكالەتچى پىرىيوم رەسمىيىتى ئۆتەشتە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىغا ھوقۇق ئالغانلىق ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك›› دەپ تۈزىتىلدى.

        بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

        ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش، باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

         (1989 – يىل 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002 – يىل 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

        3 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)