مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سەمىڭىزدە بولسۇن

    ئۆي ئىجارە توختامىنى ئەستايىدىل تۈزۈش كېرەك

    بۇئايشەم2014-06-11 10:38:29شىنجاڭ گېزىتى

        ئۆي ئىجارە توختامى توختامنىڭ بىر خىل شەكلى، ھەقدارلار بۇ خىل توختاملاردىكى بەزى ئالاھىدە بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. توختام قانۇنىنىڭ 229 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىجارىگە بېرىلىدىغان نەرسە ئىجارىگە بېرىش مەزگىلىدە ئىگىدارلىق ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئىجارە توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

        تۆۋەندىكى دېلو مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى: ئۆي ئىگىسى لى ئەپەندى بىلەن شاۋگاۋ ئارىسىدا ئۆي ئىجارىگە بېرىش، ئېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ساقلىنىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغانىدى، لى ئەپەندى ئۆيىنى ۋاڭ ھەدىگە سېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى شاۋگاۋ بىلەن بىلەن ئۆي ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ۋاڭ ھەدە ئۆينى سېتىۋالغان ۋاقىتتا مەزكۇر ئۆينىڭ ئىجارىگە بېرىلگەنلىكىنى بىلەتتى، شۇڭا ۋاڭ ھەدە ئۆي ئىجارە ئالغۇچى شاۋگاۋدىن ئۆينى بىكارلاپ بېرىشنى ھەم زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىدىكى توختام قانۇنىغا ئاساسەن بۇ ئەرزنى قايتۇرۇۋەتكەن. توختام قانۇنىنىڭ 230 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىجارىگە بەرگۈچى ئىجارىگە بەرگەن ئۆينى سېتىۋەتكەن بولسا، سېتىشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئىجارىگە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك، ئىجارىگە ئالغۇچى ئوخشاش باھادا بۇ ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.

        يەنە بىر دېلو مىسالىغا قاراپ باقايلى: ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچى جاڭX ئىجارىگە بېرىۋاتقان ئۆيىنى سېتىش نىيىتىگە كەلگەندە، قانۇن بويىچە ئۆي سېتىش ئىشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى لى X كە ئۇقتۇرۇشى ھەم لى X نىڭ بۇ ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۆي ئىجارە بەرگۈچى جاڭX ئۆزى ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇ مەجبۇرىيەتنى ئۆتىمەيلا 3 – شەخس بىلەن ئۆي سېتىپ بېرىش توختامى ئىمزالىغان ۋە ئۆينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى 3 – شەخسكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇ ئىش تۈپەيلى دەۋاگەرنىڭ بۇ ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەن بولغاچقا، يۇقىرىدا تۈزۈلگەن ئۆي سېتىش توختامى ئىناۋەتسىز قىلىنغان.

        باھا: ھازىر ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۆي ئىجارە بەرگۈچى، ئىجارە ئالغۇچى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بىلىملىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئورۇنسىز ماجېرا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، توختام ماددىلىرىنى ئەستايىدىل تۈزۈشى كېرەك.

        