مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر سۇئالغا بىر جاۋاب

    دەرۋازىۋەن شىركەتنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋەتسە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

    بۇئايشەم2014-04-30 15:49:21شىنجاڭ گېزىتى

        دېلو ئەھۋالى: 2010 – يىلى 1 – ئايدىن 2012 – يىلى 3 – ئايغىچە ئابدۇۋاسىت مەلۇم بىر شىركەتنىڭ دەرۋازىۋىنى بولغان. شىركەت ئابدۇۋاسىتنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان. كېيىن شىركەت تىجارەتتىن توختاپ قېلىپ، ئابدۇۋاسىتنى شىركەتنىڭ قورۇسىغا قاراپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان، بۇجەرياندا ئابدۇۋاسىت ئۆز ئالدىغا شىركەتنىڭ 59 مىڭ 500 يۈەنلىك مال – مۈلكىنى سېتىۋەتكەن.

        دېلو تەھلىلى: بۇ دېلونى بېجىرىشتە ئىككى خىل قاراش شەكىللەنگەن. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: ئابدۇۋاسىتنىڭ قىلمىشىدىن ۋەزىپىگە دائىر ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئابدۇۋاسىتنى شىركەتنىڭ دەرۋازىسىغا قاراشقا تەكلىپ قىلغان مەزگىلدە شىركەتنىڭ تىجارىتى توختىغان بولغاچقا، شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا ئابدۇۋاسىت ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى سېتىپ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. شۇڭا ۋەزىپىگە دائىر ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، دەپ قارىغان. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر: ئابدۇۋاسىتنىڭ قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، چۈنكى ئابدۇۋاسىت شىركەتنىڭ دەرۋازىسىغا قارىغۇچى بولۇپ، ئۇ شىركەتتىكى مال – مۈلكىنىڭ ئامان ساقلىنىشىغا مەسئۇل، لېكىن بۇ مال – مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش، قولدىن ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى يوق. شۇڭا ئۇنىڭ باشقىلار كۆرمەستە شىركەتنىڭ مال – مۈلكىنى سېتىۋېتىش، يۆتكىۋېتىش قىلمىشى ئوغرىلىق جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن، شۇڭا ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، دەپ قارىغان.

        مېنىڭچە، بىرىنچى خىل قاراش توغرا. ئابدۇۋاسىت شىركەت تىجارەتتىن توختاپ قالغان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ شۇ شىركەتنىڭ مال – مۈلكىگە قاراشتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، مال – مۈلۈكلەرنى سېتىۋېتىش قىلمىشى ۋەزىپىگە دائىر ئىگىلىۋىلىش جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىش شەرتىنى ھازىرلىغان. بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىدىغان مۇنداق ئىككى مەسىلە بار، ۋەزىپىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىش بىلەن خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىشتا ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان پەرق بار: 1) ۋەزىپىگە دائىر ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىنىڭ سوبيېكتى چوقۇم شىركەت ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىمى بولۇش شەرت، جىنايەت سوبيېكتى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئىگىلىۋېلىش، ئوغرىلاش، ئالداش ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ سوممىسى بىرقەدەر چوڭ بولغان مال – مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 2) خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىش دېگەندە، قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى يوق، پەقەت خىزمەت مۇھىتىنى پىششىق بىلىدۇ ياكى خىزمەتتىكى شارائىتتىن پايدىلىنىدۇ. بۇنداق قولايلىقنىڭ ۋەزىپە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مەلۇم ئادەمنىڭ ئۆز ئورنىنىڭ مال – مۈلۈكىنى باشقۇرۇش، قولىدىن ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنىڭ بار – يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا پەرەز بىلەن ياكى جاۋابكارنىڭ ئېغىز ئىقرارى بىلەن بېكىتىشكە بولمايدۇ، شۇ شىركەت، كارخانا ياكى شۇ ئورۇننىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسى، تەكلىپ قىلىش توختامنامىسىدىكى بېرىلگەن ھوقۇققا قاراپ بېكىتىش كېرەك. دېمەك، بۇ دېلونى تەھلىل قىلغاندا ئابدۇۋاسىت شۇ شىركەتنىڭ دەرۋازىۋىنى، بىراق تىجارەت توختىغان مەزگىلدە شىركەتتە مال – مۈلۈككە قارايدىغان باشقا خادىم يوق، ئابدۇۋاسىت ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ مال – مۈلكىگە قاراش، باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ مەزگىلدە ئابدۇۋاسىت ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلنىپ مال – مۈلۈكنى سېتىپ ئىگىلىۋالغان قىلمىشى ئۇنىڭ خىزمەت شارائىتىنى پىششىق بىلىشتىن ئىبارەت قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئەمەس بەلكى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورنىنىڭ مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئابدۇۋاسىتنىڭ قىلمىشىدىن ۋەزىپىگە دائىر ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

        ئابلا مۇھەممەت

        