مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى

    بۇئايشەم2014-02-07 10:55:43شىنجاڭ گېزىتى

        (2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

        (3 – نومۇرلۇق)

        ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

        2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

         1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

        1 – ماددا بۇ چارە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى›› ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

        2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش، شۇنداقلا ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

        3 – ماددا ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىدە تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار ئارقىلىق تەڭشەش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسەت ئارقىلىق ئىلھام بېرىش ۋە جەمئىيەت قاتنىشىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

        4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتى بويىچە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەقققىياتنىڭ يىرىك پىلانىغا، يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈشى لازىم.

        5 – ماددا ئاپتونوم رايون ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

        ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي، مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن ئېنېرگىيە تېجەشنى ئىستاتىستىكا قىلىش، كۆزىتىش ۋە باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىنى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئېنېرگىيە تېجەش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسىنى دەرىجىمۇ دەرىجە ئىمزالىشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىنى باھالاشنىڭ مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى دوكلات قىلىدۇ.

        6 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق كەسىپ سىياسىتىنى تۈزۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، كارخانا قۇرۇلمىسى، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر، ئۈنۈمى تۆۋەن ساھەگە چەك قويۇپ، ئېنېرگىيە تېجەر، مۇھىت سۆيەر كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

        يېڭى ئېنېرگىيە، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تەتقىق قىلىش، ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تېخنىكىنى قوللىنىشقا ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى ئېنېرگىيە تېجەش ساھەسىگە سېلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

        7 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندە (ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى دېيىلىدۇ) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش – تىرانسپورت، دېھقانچىلىق، پەن – تېخنىكا ۋە سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى شۇنداقلا ئورگانلار خوجىلىق خىزمىتى ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

        8 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە تېجەش ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش سىياسىتى، ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمى، ئېنېرگىيە تېجەش ئىستاتىستىكىسى قاتارلىق ئۇل مەلۇمات ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش ئۇچۇرى بايلىقىدىن تەڭ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساھەلەرنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتىدىكى ئىلغار كۆرسەتكۈچلەرنى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئىلغار مەھسۇلاتلارنى، ئۈسكۈنىلەرنى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە ئىشلىتىشتىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

        9 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى، ئېنېرگىيە تېجەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

        ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار شۇ ئورۇندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش جەھەتتە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

        شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى كۆپ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئېنېرگىيە تېجەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ئېنېرگىيە تېجەر ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىستېمال ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك.

        ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر ئېنېرگىيە تېجەش بىلىملىرى تەشۋىق – تەربىيەسى ۋە ئېنېرگىيە تېجەشنى ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

        رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال ۋە تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئېنېرگىيە تېجەش ئىشلىرىنى ئوبدان تەشۋىق قىلىپ، جامائەت پىكرىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

        ھەر يىلى 6 – ئاينىڭ 2 – ھەپتىسى ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى بولىدۇ.

        10 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئېنېرگىيە تېجەش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، ئېنېرگىيەنى ئىسراپ قىلىش قىلمىشى ۋە ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پاش قىلىش تېلېفونى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى، پاش قىلىنغان ئىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

        2 – باب ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇش

        11 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە تېجەش ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش پىلانى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش – تىرانسپورت، دېھقانچىلىق تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى شۇنىڭدەك ئورگانلار خوجىلىق خىزمىتى ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز ساھەسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە يولغا قويۇشى كېرەك.

        12 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

        13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئېنېرگىيە تېجەشكە دائىر قانۇن – نىزام ۋە ئۆلچەمنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

        ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ، تەكشۈرۈلىدىغان بىر ئىشنى قايتا تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ.

        14 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە تېجەشكە دائىر دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمى تۈزۈلمىگەن بولسا ياكى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە ساھە ئۆلچىمىدىنمۇ قاتتىق بولغان ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىگە دائىر ئۆلچەم تۈزۈشكە توغرا كەلسە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش يەرلىك ئۆلچىمىنى چىقارسا بولىدۇ.

        ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئېنېرگىيە تېجەشكە دائىر دۆلەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك، دۆلەت ئۆلچىمى تۈزۈلمىگەن بولسا، ئېنېرگىيە تېجەشكە دائىر ساھە ئۆلچىمىنى ياكى يەرلىك ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

        ئېنېرگىيە تېجەشكە دائىر دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ياكى يەرلىك ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يېڭىلاشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ.

        15 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرلىرىدىن دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ياكى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى جەھەتتىكى مەجبۇرلاش ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىگە ئاساسەن، ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى شاللاش مۇندەرىجىسى ۋە يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

        16 – ماددا دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ياكى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى جەھەتتىكى مەجبۇرلاش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

        دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئېنېرگىيە كېتەر ئۈسكۈنە، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

        شاللىۋېتىلگەن ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش ياكى ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

        17 – ماددا تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە باھالىتىش، تەكشۈرتۈش كېرەك. تۈرلەرنى تەستىقلاشقا ياكى تۈرلەرگە ئىجازەت بېرىشكە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولغان ئورگان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان تۈرلەرنى تەستىقلىسا ياكى ئۇنىڭغا ئىجازەت بەرسە بولمايدۇ؛ قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى باشلىسا بولمايدۇ؛ پۈتكەنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

        18 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە ئىستاتىستىكا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىستاتىستىكا كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى ۋە ئىستاتىستىكا ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسىپ ئېنېرگىيە ئىستېمالى شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

        19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە مەسلىھەت بېرىش، لايىھەلەش، باھالاش، تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ئىسپات بېرىش، ئېنېرگىيە تېجەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش ئۇچۇرى بېرىش، ئېنېرگىيە تېجەشتە ئۈلگە كۆرسىتىشىگە ۋە پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمىتى قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

        ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەت ئاپپاراتى بىلەن ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەت توختامى تۈزۈپ، ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ھەمدە توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئېنېرگىيە تېجەش كىرىمىدىن تەڭ پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

        3 – باب ئېنېرگىيەنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ۋە تېجەش

        20 – ماددا ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئېنېرگىيە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، تېخنىكا جەھەتتە ئاقىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋاپىق بولغان ئېنېرگىيە تېجەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيەدىن ئىلمىي پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشى ھەمدە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم:

        (1) ئېنېرگىيە تېجەش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە مۇكاپاتلاش – جازالاش تۈزۈمى ئورنىتىش؛

        (2) ئېنېرگىيەنى نورمىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئېنېرگىيە ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى سەپلەش؛

        (3) ئايلىق ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئىستاتىستىكا قونداق ھېساباتى تۇتۇش ۋە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛

        (4) ئېنېرگىيە تېجەش تەربىيەسى ۋە ئىش ئورنى بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەربىيەسىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇش؛

        (5) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئېنېرگىيە تېجەشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر باشقا خىزمەتلەر.

        21 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئىستاتىستىكا تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ يىللىق ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىيات ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىشى ۋە تەڭشەپ تۇرۇشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلار بىلەن يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئەھۋالىغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

        22 – ماددا ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلار يىللىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش پىلانى تۈزۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى توردا كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە ھەر يىلنىڭ 1 – پەسلىدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ئالدىنقى يىللىق ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى يوللىشى كېرەك.

        ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئومۇمىي ئەھۋالى، ئېنېرگىيە سەرپىيات قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى، بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتى، ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمى تەھلىلى، ئېنېرگىيە تېجەشنى ياخشىلاش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        23 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلار يوللىغان ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەل بولمىغان، ئېنېرگىيە تېجەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا بۇيرۇپ، تۈزەش تەلىپىنى يازما ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەتكۈزۈشى كېرەك.

        24 – ماددا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا بۇيرۇلغان ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلار مۇناسىپ ساپا ھازىرلىغان ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلىشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقىغا ئېنېرگىيە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلارنى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

        ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ ئېنېرگىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قەرەللىك، ئۆز ئالدىغا ئىشلەپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تەھلىل قىلىپ، ياخشىلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش لازىم.

        25 – ماددا ئېنېرگىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

        (1) ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ ئىجراسى، ئېنېرگىيە نورمىسى ۋە ئىستاتىستىكا ئەھۋالى، ئېنېرگىيە تېجەش سىستېمىسى، ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى؛

        (2) ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات قۇرۇلمىسى، جەريانى شۇنىڭدەك ئېنېرگىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەھلىلى؛

        (3) ئاساسلىق ھۈنەرنىڭ ئېنېرگىيە كۆرسەتكۈچى بىلەن بىرلىك مەھسۇلاتنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاش تەھلىلى؛

        (4) مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات كۆرسەتكۈچى بىلەن ئېنېرگىيە تەننەرخى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارىنى ھېسابلاش تەھلىلى؛

        (5) ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل تەھلىلى؛

        (6) ئېنېرگىيە تېجەش تۈرىنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئۈستىدىكى باھا؛

        (7) ئېنېرگىيە تېجەش يوشۇرۇن كۈچى بولغان ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھالقىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئېنېرگىيەنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە بېرىلگەن تەكلىپ؛

        (8) ئالدىنقى قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىقتىسادىي تەپتىشلىكىدە ئېنېرگىيەنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش توغرىسىدا بېرىلگەن تەكلىپنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى.

        26 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسئۇل تارمىقى سانائەت ساھەسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساھە ئىجازەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىپ، پولات – تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈرچىلىك ۋە بىناكارلىق ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئاساسلىق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشىشى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك.

        سانائەت رايونى، كەسىپ توپلانما رايونى بىرلىككە كەلگەن ئېنېرگىيە تېجەش يىرىك پىلانى ۋە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش پىلانى تۈزۈپ، بۇ رايونلاردىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ پار، ئېلېكتىر، سوغۇقلۇق بىرلەشتۈرۈلگەن ئېنېرگىيە تەمىنلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. 

        27-ماددا  ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ چىقارغان توكنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان گېنېراتورلار گورۇپپىسىنى ئېلېكتىر تورىغا چېتىپ توك بېرىشىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇپ، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

        28-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، مەركەزنىڭ پار بېرىلىدىغان ئىمارەتلەرگە قەدەم-باسقۇچ بويىچە پارنى ئائىلە بويىچە ھېسابلاش، ئىشلەتكەن ئىسسىقلىق مىقدارىغا قاراپ ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. يېڭىدىن سېلىنغان ياكى ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشتە، بەلگىلىمە بويىچە پار ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ۋە پار بېرىش سىستېمىسىنى تەڭشەش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

        29 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتلەر ۋە ھازىرقى ئىمارەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى لازىم. ھازىرقى ئىمارەتلەردىن ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرىنى تەدرىجىي ھالدا ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنىرى، يېڭى ماتېرىيالى ۋە يېڭى ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىش، ئىشلىتىشكە چەك قويۇش، ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش مۇندەرىجىسىنى قانۇن بويىچە تۈزۈشى، ئېلان قىلىشى ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك.

        30 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى قاتناشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى قاتناش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى قاتناشنىڭ ئىستېمال تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى ۋە موتورسىز قاتناش قورالى بىلەن سەپەر قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى قاتناش – تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسى، قاتناشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يول قاتناش ئىقتىدارى ۋە توشۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.

        31 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگانلار خوجىلىق خىزمىتى ئاپپاراتى جامائەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات نورما ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، جامائەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات نورما باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئېنېرگىيە سەرپىيات نورمىسى ئۆلچىمىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ قەرەللىك تەڭشەش لازىم.

        32 – ماددا جامائەت ئاپپاراتلىرى ۋە جامائەت ئىمارەتلىرىدە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلات، ئۈسكۈنىلەرنى ئالدىن سېتىۋېلىش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۈر، تۈركۈم بويىچە ھېسابلاش ۋە ئېنېرگىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەمدە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش لازىم.

        33 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەرلەردە توك تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يورۇتۇش مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشى كېرەك. جامائەت ئەسلىھەسى، جامائەت سورۇنىنى يورۇتۇش، چوڭ ئىمارەتلەرنى بېزەش ئۈچۈن يورۇتۇش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىدا توك تېجەش تېخنىكىسى، توك تېجەيدىغان مەھسۇلات ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنى ئالدىن قوللىنىش كېرەك.

        34 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەر ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىشى كېرەك.

        يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە بىيو ماسسا ئېنېرگىيە، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، پاتقاق گازى، يېقىلغۇ تېجەر ئوچاق، ئېنېرگىيە تېجەر ئوچاق ۋە ئېنېرگىيە تېجەر لامپۇچكا قاتارلىق يېزا تۇرمۇشىدىكى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

        يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىدە ئېنېرگىيە تېجەش تېزلىتىلىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش ۋە شاللىۋېتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

        4 – باب ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى

        35 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى يارىتىش ۋە قوللىنىشنى ھۆكۈمەت پەن – تېخنىكا جەھەتتە سېلىنما سالىدىغان نۇقتىلىق ساھە قىلىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئەمەلىي تەتقىقاتىغا، ئېنېرگىيە تېجەش جەھەتتىكى ئورتاق ۋە ھالقىلىق تېخنىكىلارنى يارىتىشىغا مەدەت بېرىپ، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك.

        پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تەتقىق قىلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا، خەلقئارادا ۋە دۆلەت ئىچىدە ئېنېرگىيە تېجەش ئۇچۇرى ۋە تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

        36 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنېرگىيە تېجەش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلات ۋە تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشقا، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش، ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىق – تەربىيەسى، ئېنېرگىيە تېجەش ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىش، ئېنېرگىيەنى توختاملىق باشقۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن – تېخنىكا مەخسۇس مەبلىغىنى ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى ئازايتىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارغا، يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا ۋە كېڭەيتىشكە، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان قۇرۇلۇشلارغا، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پايدىلىنىشقا ئالدىن ئىشلىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈرنى تەستىقلاش، خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار چىقىش خىزمىتىدە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلات، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى ئاۋۋال قوللىشى كېرەك.

        37 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مالىيە ياردەم پۇلى بېرىش، باھا تىزگىنلەش، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ:

        (1) يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان قاتناش – تىرانسپورت قوراللىرى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يورۇتۇش سايمانلىرى، پۇقراۋى ئىمارەتلەردىكى ئىسسىقلىق ئۆلچەش قۇرۇلمىسى شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان باشقا مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىش؛

        (2) ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان موتور، پارقازان، خۇمدان، شامالدۇرغۇچ، پومپا قاتارلىق ئېنېرگىيە كېتەر ئەسلىھەلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى قوللىنىش؛

        (3) پار، ئېلېكتىر، سوغۇقلۇق بىرلەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش، ئېشىنچا ئىسسىقلىق، ئېشىنچا بېسىمدىن پايدىلىنىش، كۆمۈركانلاردىكى گازدىن، كۆمۈر قاتلىمى گازىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش، كۆمۈرنى پاكىزلاش شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئىلغار كۆزىتىش تېخنىكىسى ۋە تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىش؛

        (4) شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيە ۋە بىيو ماسسا ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش؛

        (5) يېڭىدىن سېلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان ئىمارەتلەر ۋە ھازىرقى ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش؛

        (6) ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تاشلاندۇقلىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش؛

        (7) ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بازار مېخانىزمى ئاساسىدا كارخانىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش؛

        (8) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئېنېرگىيە تېجەشكە دائىر باشقا پائالىيەتلەر.

        38 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارغا ئىسپات ئېلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلات ئىسپاتىغا ئېرىشكەن مەھسۇلات، ئۈسكۈنىلەر ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق بېكىتكەن سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە ئالدىن كىرگۈزۈلىدۇ.

        ئىستېمالچىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمى يۇقىرىراق بولغان ياكى ئېنېرگىيە تېجەش ئىسپات بەلگىسى بولغان ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

        39 – ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ساھەلەرنىڭ تۈرلىرىگە كىرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، شەرتكە توشىدىغان ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان، تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىدىغان تۈرلەرنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

        پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلارنىڭ تۈرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

        40 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېنېرگىيە تېجەشكە پايدىلىق باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى ئېنېرگىيە تېجەشكە يېتەكلىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ئاساسلىق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان ساھەلەردىكى ئېنېرگىيە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا شاللاش، چەك قويۇش، رۇخسەت قىلىش ۋە ئىلھام بېرىش بويىچە پەرقلىق توك باھا سىياسىتى تۈرلەر بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.

        5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

        41 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 16 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان، ساتقانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ ئېنېرگىيە ئۈنۈمى جەھەتتىكى مەجبۇرلاش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان، ساتقانلارنى مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان، ساتقان ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلاتى، ئۈسكۈنىسىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

        مۇشۇ چارىنىڭ 16 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئېنېرگىيە كېتەر ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇيرۇق بىلەن شاللىۋېتىلگەن ئېنېرگىيە كېتەر ئۈسكۈنىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق چېكى بويىچە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشىغا ياكى تاقىتىۋېتىشىگە يوللايدۇ.

        مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەن ياكى ئارىيەت بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەن ياكى ئارىيەت بەرگەن ئېنېرگىيە كېتەر مەھسۇلاتى، ئۈسكۈنىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئېنېرگىيە كېتەر شۇ مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنىڭ قىممەت سوممىسىدىن ياكى يىللىق ئىجارە ھەققىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش قوشۇمچە جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

        42 – ماددا ئېنېرگىيە تېجەش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن ئېنېرگىيە تېجەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

        (1) شەرتكە توشمايدىغان ئېنېرگىيە تېجەشنى باھالاش دوكلاتىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر؛

        (2) ئېنېرگىيە تېجەشنى باھالاش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن تۈرنى تەستىقلىغانلار ۋە ئۇنىڭغا ئىجازەت بەرگەنلەر؛

        (3) نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە دەخلى يەتكۈزگەن، ئۇلاردىن ھەق ئالغان ياكى باشقا قانۇنسىز نەپ ئالغانلار؛

        (4) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

        43 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

        6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

        44 – ماددا بۇ چارە 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

        (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)