مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    نىزاملار

    [‹‹نىزام›› توغرىسىدا يەشمە]

    ئامانگۈل2012-09-12 14:42:44شىنجاڭ گېزىتى

       قانۇنغا خىلاپ ئۆلچەش ياكى سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارىنىڭ بىكار قىلىنىشى

       ‹‹نىزام››دا قىسمەن ئۆلچەش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆي كۆلىمىنى قانۇنسىز ھالدا خالىغانچە چوڭايتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. ‹‹نىزام››دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئۆلچەش ئورۇنلىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئۆلچەش تېخنىكىلىق قائىدىسى ۋە پىلان ئىجازىتى بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىمارەت قۇرۇلۇشىغا تانا قويۇپ بېرىشى ھەم پۈتكەن ئىمارەتنى خەرىتىگە ئېلىشى، شۇنداقلا بۇ نەتىجىنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، بولمايدىكەن، شەھەر – يېزا پىلانلاشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشنى بۇيرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم خەرىتىگە چۈشۈرۈشتە دېيىشكەن ھەقنىڭ بىر ھەسسىدىن يۇقىرى ئىككى ھەسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ئۆلچەش سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارى دەرىجىسىنى ئەسلى گۇۋاھنامە تارقاتقان ئورگان تۆۋەنلىتىدۇ ياكى سالاھىيەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

       قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان ئىمارەتلەر مۆھلەت ئىچىدە چېقىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ

       قائىدىگە خىلاپ سېلىنىپ چېقىۋېتىشكە مۇمكىن بولمايدىغان بىنالار توغرىسىدا ‹‹نىزام››دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئومۇمەن، قۇرۇلۇش پىلانى ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ياكى قۇرۇلۇش پىلانى ئىجازەتنامىسى بويىچە سېلىنمىغان ئىمارەتلەرنى باشقۇرغۇچى تارماقلار مۆھلەت ئىچىدە چېقىشقا بۇيرۇيدۇ، چېقىشقا مۇمكىن بولمىغاندا، ماددىي بۇيۇملىرى ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەم قۇرۇلۇش پۈتۈش باھاسىنىڭ %10ىدىن ئاز جەرىمانە قويىدۇ.