مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك نىزاملار

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى››دىكى يارقىن نۇقتىلار

    قۇربانجان2012-07-11 17:24:27شىنجاڭ گېزىتى

    رىشات ھەسەن

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت نىزامى›› 2012–يىلى 1–مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. مەزكۇر ‹‹نىزام›› دا تۆۋەندىكىدەك يارقىن نۇقتىلار بار:

    1. ھۆكۈمەتنىڭ ساياھەتچىلىككە تۈۋرۈك كەسىپ سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى، شۇنداقلا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىككە كونكرېت مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلىرى، ھوقۇق–مەجبۇرىيەتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    2 .ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتىگە كېرەكلىك ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن قوللايدىغانلىقى، قاتناش–تىرانسپورت، مال–باھا، مائارىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مەدەنىيەت، رادىيو–تېلېۋىزىيە قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى كارخانا، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىغا ئائىت كونكرېت ماددىلار تۈزۈلدى؛ دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت بايلىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش مەسىلىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    3 .ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساياھەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئائىت يىرىك پىلان تۈزۈشىگە مەزمۇن ۋە تەرتىپ جەھەتتىن كونكرېت تەلەپ قويۇلدى. پىلان تۈزۈشتە، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش، ئىلمىي دەلىللەشكە تەشكىللەش ۋە مەزكۇر پىلاننىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، مۇھىت ئاسراش، قاتناش تەرەققىياتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قاتارلىق باشقا يىرىك پىلانلارغا ماس كېلىشى، شۇنىڭدەك ساياھەت قۇرۇلۇش تۈرى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمى، ساياھەت بايلىقلىرىنى قوغداش، شەھەر رايونىنى پىلانلاش ۋە ئېچىش قاتارلىق ساياھەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    4 .ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يازما توختامغا قارىتا ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق– مەنپەئىتىنى قوغداش نۇقتىسىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، مەسىلەن: مۇلازىمەت تۈرى، ھەق ئۆلچىمى، جىسمانىي بىخەتەرلىك، جىسمانىي سۇغۇرتا، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىغا ئائىت ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەندىزىلىك توختامنىڭ ماددىلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزى ھەق تۆلەيدىغان تۈرلەرنى ئىختىيارىي تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، توختامدىن سىرت تۈرلەرنى زورلاپ تاڭماسلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ساياھەت ئۆمىكىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك، قوشۇۋەتمەسلىك، ساياھەتچىلەرنى بەلگىلەنگەن جايدا بەلگىلەنگەن تاۋارنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىماسلىق، ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدا سېتىۋېلىنغان مال ساختا، ناچار چىقىپ قالسا، ساياھەت كوپىراتىپى تۆلەپ بېرىش، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ساياھەت بىخەتەرلىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ساياھەتچىلەرگە خەۋپ – خەتەر ئېھتىمالى بولغان سورۇن ۋە ساياھەت تۈرلىرىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ساياھەت بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش.

    5 .ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش، مۇلازىمەت ئۇسۇلى ۋە تۈرىنى تاللاش، پۈتۈشكەن بويىچە سۈپەت، باھاغا لايىق مۇلازىمەتنى تەلەپ قىلىش، جىسمانىي ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، ئىنسانىي ئىززەت–ھۆرمىتى، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ– ئادىتى ھۆرمەتلىنىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    6 .ساياھەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مەسئۇلىيەت ئوبيېكتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كونكرېت جازا بەلگىلىمىلىرى بېكىتىلدى، يەنى ساياھەت مەنزىرە رايونى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى، ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن مەزكۇر نىزامنىڭ تىجارەت قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قىسمىدا بايان قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا مۇناسىپ جازا بېكىتىلدى.