مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك نىزاملار

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى

    بۇئايشەم2012-05-10 16:06:28شىنجاڭ گېزىتى

        (1996 – يىل 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنىدا ماقۇللانغان)

        2011 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

        (43 – نومۇرلۇق)

        ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى›› 2011 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2012 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

        2011 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى

         1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

        1 – ماددا بۇ نىزام مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ۋە مۇھىت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

        2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان مۇھىت ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبىئىي ئامىللار ۋە ئۆزگەرتىلگەن تەبىئىي ئامىللارنىڭ يىغىندىسى، جۈملىدىن ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق، قېزىلما بايلىق، ئورمان، ئوتلاق، مۇزلۇق، سۇلۇق يەر، ياۋايى جانلىق، تەبىئىي خارابە، ئانتروپولوگىيەلىك خارابە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، شەھەر ۋە يېزىلارنى كۆرسىتىدۇ.

        3 – ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى مۇھىت ئاسراش ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىگە تەدبىقلىنىدۇ.

        4 – ماددا مۇھىت ئاسراشتا بايلىقنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت تەرەققىيات فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە مۇھىت ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

        5 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتى نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ئىقتىساد، تېخنىكا سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەنى ئاسراش سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مۇھىت ئاسراش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيەنىڭ يىللىق خامچوتىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا يارىشا كۆپەيتىدۇ.

        6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

        مۇھىت ئاسراش پەن – تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش يېڭى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ، مۇھىت ئاسراشتىكى يېڭى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلىدۇ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئىستېمال ئۇسۇلى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

        7 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

        تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق، زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، ساياھەت، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە، مەدەنىيەت، قاتناش، كۆمۈر تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

        8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت سۈپىتىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت ئەھۋالىنى ھەر يىلى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى، مۇھىت سۈپىتى ئۇچۇرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى، تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش، بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

        9 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت ئاسراش تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن بىلىملىرى ۋە ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جامائەتچىلىكنى ۋە تەشكىلاتلارنى مۇھىت ئاسراشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

        گېزىت – ژۇرنال، رادىيو – تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق جامائەت تارقىتىش ۋاسىتىلىرى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك مۇھىت ئاسراش تەشۋىق – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

        ھەر يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش تەشۋىق – تەربىيە ھەپتىلىكى بولىدۇ.

        10 – ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار، مۇھىتنى بۇلغاش، بۇزۇش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ھوقۇقى بار.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىتقا ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ۋە پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پاش قىلىش تېلېفونى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى ۋە تورخەت ئادرېسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

        مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

        2 – باب مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

        11 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

        مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

        12 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئايرىش پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈشى كېرەك.

        مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئايرىش ۋە ئۇنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

        13 – ماددا مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى ۋە مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئايرىش پىلانى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

        14 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەشكىللەپ تۈزگەن شەھەر – يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ۋە رايون، ۋادىنى ئېچىش، پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىش ھەمدە يىرىك پىلاننى تەستىقلىغان ئورگانغا مۇھىت تەسىرى ھەققىدىكى ماتېرىيال ياكى ئىزاھاتنى تاپشۇرۇش كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەشكىللەپ تۈزگەن سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، قاتناش، ساياھەت، تەبىئىي بايلىق ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىش ھەمدە مەخسۇس يىرىك پىلاننى تەستىقلىغان ئورگانغا مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتى تاپشۇرۇش كېرەك.

        15 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىدۇ:

        (1) تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان قۇرۇلۇشتا، مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى يوللاشتىن بۇرۇن تەستىقلىتىش؛

        (2) ئىجازەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان قۇرۇلۇشتا، تۈر ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن تەستىقلىتىش؛

        (3) ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى ئۆتەپ بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇرۇلۇشنى باشلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا تەسىقلىتىش.

        مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلاتمىغانلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغۇچى تارماق تەستىقلىمايدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش باشلىسا بولمايدۇ.

        16 – ماددا قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ياسىلىدىغان مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئىشلىتىش كېرەك.

        قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتكەن، كېڭەيتكەندە، قۇرۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىي بۇلغىما مەنبەسىنى بىرلا ۋاقىتتا تىزگىنلىشى كېرەك.

        17 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، يېنىك سانائەت، يادرو ۋە يادرو رادىياتسىيەسى، قېزىلما بايلىق ئېچىش قاتارلىق قۇرۇلۇش قىلىش ۋاقتى ئۇزاق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرى چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ، شۇنىڭدەك مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىگە سېلىنغان تەستىقتە مۇھىت نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇھىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

        18 – ماددا قۇرۇلۇش پۈتۈپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ياكى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش تەسىقلانغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

        قۇرۇلۇشنىڭ يانداش مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى تەكشۈرتۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا، گەۋدە قۇرۇلۇشنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ۋە ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

        19 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى بويىچە، ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەكشۈرۈش، كەچۈرۈم قىلىنىش دەرىجىسىنى بېكىتىپ، ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆلچەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

        ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسىگە دائىر ئىش قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيەسى ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، خەۋپنى ۋاقتىدا بايقىشى ھەمدە ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

        ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيە قۇرۇلۇشى ياكى ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئەتراپتىكى بىنالار ئارىسىدىكى مۇداپىئە ئارىلىقى تەستىقلانغان مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى؛ ئېلېكتىروماگنىت رادىياتسىيە مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

        20 – ماددا رادىيوئاكتىپ قاتتىق تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلار ئۆزى پەيدا قىلغان رادىيوئاكتىپ قاتتىق تاشلاندۇقنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئايرىغاندىن كېيىن، رادىيوئاكتىپ قاتتىق تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئاپىرىپ بېرىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

        رادىيو ئاكتىپ قاتتىق تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان ئورۇن رادىيوئاكتىپ قاتتىق تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورۇنغا ئاپىرىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىنكى 20 كۈن ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

        21 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت كۆزىتىش تورى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت كۆزىتىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ.

        مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قارىمىقىدىكى مۇھىت كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا قائىدىسى بويىچە مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىش، بۇلغىما مەنبەسىنى نازارەت قىلىش – كۆزىتىش، بۇلغىمىنى ئاپتوماتىك نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسىدە كۆزىتىش ۋە تاسادىپىي مۇھىت بۇلغاش ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە كۆزىتىش پائالىيىتىدە ئېرىشكەن كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، بۇلغىما چىقىرىش مەلۇماتىنى بېكىتىش، مۇھىتقا دائىر سان – سىپىرلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىش، مۇھىتقا دائىر قانۇننى ئىجرا قىلىش، نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاش قاتارلىقلاردا مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساسى قىلىنىدۇ.

        2 2 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەۋرىشكە ئېلىش، سىنغا ئېلىش، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شاۋقۇن، ئاتموسفېرا، سۇ، قاتتىق تاشلاندۇق، رادىيوئاكتىپلىق مۇھىت بۇلغىنىشنى نەق مەيداندا تەكشۈرسە بولىدۇ.

        تەكشۈرۈلگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر ماسلىشىپ، ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، تەكشۈرۈشنى رەت قىلماسلىقى، تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك ياكى پاكىتنى يوشۇرماسلىقى كېرەك.

        3 – باب مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش

        23 – ماددا بايلىق ئېچىشتا، كىم ئاچسا شۇ قوغداش، كىم پايدىلانسا شۇ تولۇقلىما بېرىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

        سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، يەر ئاستى سۇ مەنبەسى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى، تەبىئىي ئېكولوگىيەسى ياخشى جاي، داڭلىق مەنزىرە رايونى ۋە ئادەم زىچ رايون قاتارلىق ئېكولوگىيەسى نازۇك جايلاردا مۇھىت ئاسراش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ، بايلىق چارلاش ۋە ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.

        24 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

        25 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىم سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، مۇھىم سۇ – تۇپراقنى ساقلاش رايونى، جانلىقلار تۈرى مول رايونلار ۋە مۇھىم ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىدا ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

        26 – ماددا قېزىلما بايلىق چارلاش – ئېچىش ئورۇنلىرى مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى؛ مۇھىتنى بۇلغىغان ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزغانلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇلغىنىشنى تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

        قېزىلما بايلىق چارلاش، ئېچىشتىن، ئىشلەپچىقىرىشتىن پەيدا بولغان قۇيرۇق كاننى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدە تەستىقلانغان تەلەپ بويىچە تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. كان ئېچىشتا پايدىلانغان زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان زەھەرلىك، زىيانلىق تاشلاندۇقنى زىيانسىزلاندۇرۇش ياكى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇزاققىچە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىرىغا مەڭگۈلۈك مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

        27 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم دەريا، كۆل ۋە ۋادىلارنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئاساسلىق سۇ بۇلغىمىلىرىنى چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەك.

        سۇغا بۇلغىما چىقىرىدىغانلار قانۇن بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشى كېرەك. شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ئارقىلىق چىقىرىلغان سۇ بۇلغىمىسى ياكى شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن قايتا پايدىلىنىدىغان سۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن بۇلغىما چەكلەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

        28 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەپ، شەھەر– بازارلاردىكى پاسكىنا سۇ، تۇرمۇش ئەخلىتى قاتارلىق بۇلغىمىلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە يانداش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشقا ئىلھام بېرىپ، شەھەر مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نورمىسى بويىچە باھالىشى كېرەك.

        شەھەر رايونى ئىچىدە بۇلغىشى ئېغىر بولغان ئوت – ئېلېكتىر، خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، قەغەزچىلىك، پولات – تۆمۈر، بىناكارلىق ماتېرىيالى قاتارلىق سانائەت قۇرۇلۇشلىرىنى قىلىشقا بولمايدۇ؛ قۇرۇلۇپ بولغانلىرىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىش ياكى كۆچۈرۈش كېرەك.

        29 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى تۇتاش ئوڭشاش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا (چارۋىچىلىق رايون) لارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى دائىرىلىك ۋە مەنبەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىت ئاسراش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش مۇھىتىنى ئاسرىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك.

        ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش، پاتقاق گازى ، شاخ – شۇمبا گازى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى كېڭەيتىش، بىيولوگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش، زىيانسىزلاندۇرۇپ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىلىرىنى يولغا قويۇش، خىمىيەۋى دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىشلىتىپ بولغان سۇلياۋ يوپۇقنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، تۇپراقنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

        30 – ماددا تۆۋەندىكى رايونلاردا چارۋا – قۇش فېرمىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ:

        (1) ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ئورمان باغچىسى، دۇنيا تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت مىراسى يېرى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىنىڭ قوغداش دائىرىسى ۋە باشقا تارىخ، مەدەنىيەت، تەبىئەت مۇھاپىزەت يېرى؛

        (2) شەھەر ئاھالە رايونى، مەدەنىيەت – مائارىپ – پەن تەتقىقات رايونى، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش رايونى قاتارلىق رايونلار؛

        (3) ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ئايرىغان قۇرۇلۇش چەكلەنگەن رايونلار؛

        (4) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئالاھىدە مۇھاپىزەت رايونلىرى.

        31 – ماددا شەھەر رايونى ياكى ئاھالە رايونى ئىچىدە قىلىنىۋاتقان بىناكارلىق قۇرۇلۇش شاۋقۇنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى مەيدانىنىڭ شاۋقۇن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، پارچە قاچىلانغان ئەشيا، قۇرۇلۇش ئەخلىتى ۋە داشقالنى ھىم يېپىپ توشۇش، تاشلىماسلىق، چېچىۋەتمەسلىك كېرەك.

        32 – ماددا شەھەر ئاھالە رايونى، دوختۇرخانا قاتارلىق رايونلاردا سائەت 0 دىن 8 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولمايدۇ؛ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى تەلىپى ياكى ئالاھىدە ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئۇدا مەشغۇلات قىلىدىغانلار شۇ جايدىكى ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە مەلۇم دائىرىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

        تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە، ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى 200 مېتىر دائىرىدە شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان ياكى شاۋقۇن پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

        4 – باب مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

        33 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، يەرلىكنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى ۋە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش يېتەكچى ئۆلچىمىنى تەييارلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەم گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

        34 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت چۈشۈرگەن ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى كونترول كۆرسەتكۈچى ۋە رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتى تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى كونترول كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، دەرىجىمۇ دەرىجە ئىجرا قىلىدۇ.

        ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى كونترول كۆرسەتكۈچىنى، ئاساسلىق بۇلغىما ئازايتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

        35 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن رايون ۋە ساھەدە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى ۋاقتىنچە تەستىقلىمايدۇ، ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇشلار ئىچىدىكى بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىدىغان قۇرۇلۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا:

        (1) ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى كونترول كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى يىللىق ئاساسلىق بۇلغىما ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇندىمىغان قۇرۇلۇشلار؛

        (2) سانائەت رايونى يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاتمىغان قۇرۇلۇشلار؛

        (3) ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋە ئېكولوگىيەنى بۇزغان قۇرۇلۇشلار؛

        (4) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاش ۋاقتىنچە توختىتىلغان باشقا ئەھۋاللار.

        36 – ماددا بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇن ۋە يەككە سودا– سانائەتچىلەر (تۆۋەندە بۇلغىما چىقارغۇچى دېيىلىدۇ) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بۇلغىما چىقىرىش ئەسلىھەسى، تىزگىنلەش ئەسلىھەسى، بۇلغىما تۈرى، قويۇقلۇقى، مىقدارى، چىقىرىش يۆنىلىشى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تىزىملىتىشى كېرەك؛ تىزىملاتقان ئىشلاردا زور ئۆزگىرىش بولسا، بۇلغىما چىقارغۇچى ئۆزگەرتىشتىن 15 كۈن بۇرۇن تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. شاۋقۇن، ئاتموسفېرا، سۇ، قاتتىق تاشلاندۇق، رادىيوئاكتىپلىق مۇھىت بۇلغىمىلىرىنى چىقىرىشقا ئائىت تىزىملىتىدىغان ئىشلارنى مەلۇم قىلماسلىققا، يالغان مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ.

        37 – ماددا بۇلغىما چىقارغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى ھەمدە بۇلغىمىنى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىدە بېكىتىلگەن بۇلغىما تۈرى، كونترول كۆرسەتكۈچى ۋە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە چىقىرىشى كېرەك.

        بۇلغىما چىقارغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇلغىما چىقارغۇچىلاردىن پاسكىنا سۇنى شەھەرنىڭ پاسكىنا سۇ يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ئارقىلىق چىقىرىدىغانلىرى پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ھەققى تاپشۇرغاندىن كېيىن بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنى قايتا تاپشۇرمايدۇ.

        38 – ماددا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلىرى بۇلغىما چىقىرىشنى كۆزىتىدىغان ئاپتوماتىك كۆزەتكۈ ئورنىتىپ، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ كۆزەتكۈسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشى ھەمدە ئاپتوماتىك كۆزەتكۈنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇلغىما چىقىرىشنى كۆزىتىدىغان ئاپتوماتىك كۆزەتكۈنىڭ دەسلەپكى ئۆلچەش خاتىرىسىنى ساقلاش مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

        مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، بۇلغىما چىقىرىشنى كۆزىتىدىغان ئاپتوماتىك كۆزەتكۈنى خالىغانچە چۇۋۇۋېتىشكە، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ياكى بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

        39 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، شەھەر رايونى ۋە ئاھالە زىچ باشقا رايونلارغا بىر تۇتاش پار بېرىپ، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە چەك قويۇشى، قۇرۇلۇپ بولغان كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئەسلىھەلەرنى تەدبىر قوللىنىپ ئۆزگەرتىپ، شەھەرنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشى، كۆمۈر يېقىلغۇ سەرپىياتىنى ئازايتىشى، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشى كېرەك.

        40 – ماددا سانائەت رايونلىرى سانائەت رايونىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇپ، بايلىقنى ياخشى تەقسىملىشى كېرەك. سانائەت رايونىدىكى كارخانىلار ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ۋە ئايلانما پايدىلىنىشى كېرەك. بۇلغىمىنى بىر تۇتاش يىغىپ بىر تەرەپ قىلىپ، بۇلغىما پەيدا قىلىش مىقدارى ۋە بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلىشى كېرەك.

        41 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى تەلىپى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە يول قويۇلىدىغان رايون ۋە ۋاقىتنى بېكىتسە ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ.

        42 – ماددا ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى كونترول قىلىنىدىغان رايوندا بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. بۇلغىما چىقارغۇچىلار كونترول كۆرسەتكۈچىگە توشمىغان بۇلغىما چىقىرىش نورما ئېشىنچىسىنى باشقا بۇلغىما چىقارغۇچىلارغا ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. لېكىن، رايون ئىچىدە بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئۇنىڭ سىرتىدا.

        43 – ماددا ماددا زەھەرلىك، زىيانلىق خىمىيەۋى بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، خەتەرلىك تاشلاندۇق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مۇھىت بۇلغاش خەتىرى چوڭ ئورۇنلارنىڭ مۇھىت بۇلغاش جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

        44 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، جىددىي تەييارلىق قىلىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

        45 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە تۈزۈشى ھەمدە قەرەللىك مانىۋېر ئۆتكۈزۈشى كېرەك. تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

        5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

        46 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 18 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلىغۇچى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانغا قەدەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

        47 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان ياكى تەكشۈرۈلگەن ۋاقىتتا ساختىپەزلىك قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. ئاتموسفېرا، سۇ، قاتتىق تاشلاندۇق، رادىيوئاكتىپلىق مۇھىت بۇلغىنىش نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە جازا بېرىدۇ.

        48 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 31 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر رايونى ياكى ئاھالە رايونىدا سېلىنىۋاتقان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى مەيدانى شاۋقۇن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ پارچە قاچىلانغان بۇيۇم، قۇرۇلۇش ئەخلىتى ۋە داشقال تاشلىغان، چېچىۋەتكەنلەرگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

        49 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 32 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        50 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 36 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلەنگەن شاۋقۇن چىقىرىش ئىشلىرىنى تىزىملىتىشنى رەت قىلغان ياكى يالغان مەلۇم قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. ئاتموسفېرا، سۇ، قاتتىق تاشلاندۇق، رادىيوئاكتىپلىق مۇھىت بۇلغىمىسى چىقىرىش ئەھۋالىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتمىغان ياكى يالغان مەلۇم قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە جازا بېرىدۇ.

        51 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 38 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

        52 – ماددا مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدىغان باشقا تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

        (1) مۇھىت ئاسراش قانۇن – نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەن ۋە مەمۇرىي جازا بەرگەنلەر؛

        (2) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغان ياكى پاش قىلىنغان، شىكايەت قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلمىغان ۋە ياكى ئوبدان بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

        (3) ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغان ياكى قانۇن بويىچە زۆرۈر تەدبىر قوللانماي، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلار؛

        (4) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە– كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

        53 – ماددا مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، ئاۋاز مۇھىتى قاتارلىقلارنى بۇلغىغانلارغا ئالاقىدار قانۇن– نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

        54 – ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىقتىن، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

        6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

        55 – ماددا بۇ نىزام 2012 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

        (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

        